قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1678|ئىنكاس: 55

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

80

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34710
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن



   باشلانغۇچ مەكتەپ بولسا پۈتۈن مائارىپنىڭ ئۇلى ،ئۇل قۇرلىشى ساغلام بولمىغان ھەرقانداق قۇرۇلۇشتا ،ئاشكارا يوشۇرۇن خەتەر ساقىلىنىدۇ. لىكىن   باشلانغۇچ  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا مۇنداق يۇشۇرۇن خەتەر ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ.

    1- جىسمانى بىسىم ئىنتايىن ئىغىر.
   مىنىڭ بالامنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىسەم 18كىلوگرام كەلدى ،سومكىسىنى ئۆلچىسەم 10 كىلوگرام كەلدى .قارسام سومىكىدا ،مەكتەپ تارقاتقان كىتاپ ،ھەر كىتاپقا 5تىن مەجبۇرى سەپلىگەن دەپتەر،ھەممە پەن ئوقۇتقۇچىسى ،بىلىم ئۆزلەشتۈرۈشنى يۇقىرى كۆتۈرش ئۈچۈن ،بالىلارغا مەجبۇرى ئالغۇزغان تۈرلۈك مەشىق دەپتىرى بىلەن توشۇپ كىتىپتۇ.بالام سومكىسىنى يۈدۈپ ماڭىدىغان بولسا ،90گىرادۇس دىگىدەك ئىگىلىپ ماڭىدۇ .سودىگەرلەرمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ،چاقىلىق سومكىلارنى ئىشلەپ چىقارغان بولسىمۇ،بىراق يىزا  يوللىرىغا ماس كەلمەيدىكەن،بىنانىڭ پەلەمپىيىدىن چىقالمايدىكەن .ئەمدى يەتتە ياشنىڭ قارسىنى ئالغان بالىلار ئۇدا بىر نەچچە يىل مۇشۇنداق ماڭسا ،بەدەن سۈپىتى نىمە بولۇپ كىتەر.ئالىم بولسىمۇ دوك ئالىم بولۇپ قالارمىكى

   2- روھى  بىسىم تىخىمۇ ئىغىر.
   باللىرىمىز  سائەت 4:30دا مەكتەپتىن كەلسە ،قورسىغا ئازراقلا بىر نەرسە يىۋالىدۇ دە ئالدىراپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە چۈشۈپ كىتىدۇ. شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 11:00 بولسىمۇ ،ئۇخلا دەپ ئۇخلىتالمايمىز «تاپشۇرۇق تۈگمىدى ،خانىم تىللايدۇ» دەپ مۇگدەپ تۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ،كىتاپقا بىشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالىدۇ .قارسام ھىلىقى تاپشۇرۇقلارنىڭ مىقىدارى ئادەمنى چۈچۈتىدۇ.ماتىماتكىدىن ئالدىن 10بەت ئىشلەپ كىلىش ،ئېلىپبە دىن بىر تىكىسىتنى 10 قىتىمدىن يىزىش.خەنزۇتىلىدىن خام خەت ۋە تىكسىتلەرنى 10 قىتىمدىن يىزىش ،كىتاپخانلاردىن ئالغان يانداش مەشىقلەرنى ئىشلەش دىگەندەك.شۇڭىمۇ ساپمۇ ساق مەكتەپكە بەرگەن باللىرىمىز بىر مەزگىلدىن كىيىن گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقاۋاتىدۇ. مەكتەپكە شۇنداق ئامراق بالام  بىر مەزگىلدىن كىيىن ،مەندىن «دادا جۈمە قاچان بولىدۇ دەپ سورايدىغان ،بۇگۈن مەكتەپكە بارمايچۇ» دەيدىغان بولىۋالدى،راس گەپ قىلسام ،مەن بالامىنىڭ ئورنىدا بولسام مەنمۇ شۇنداق دىگەن بولاتتىم.
     ئەمدى پىكىرىمنى يىغىنچاقلىسام: ھەممە نەرسىنى نۇمۇر بىلەن ئۆلچەۋاتقان مۇشۇ جەمىيىتىمىزدە ،مەكتەپلەرنى شىنجاڭ سىنىپىغا ،ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قانچىلىك بالا ئۆتكۈزەلىگىنمىز بىلەن رەتكە تىزدۇق .شۇڭا مەكتەپلەر «ئالاھىدە سىنىپ»تەسس قىلىپ ،بالىلارغا ياخشى ۋە يامان دىن ئىبارەت ئوقۇم پەيدا قىلىپ ئادەتتىكى سىنىپ باللىرىنىڭ پىسخكىسىدا «بىز كالۋا»دەيدىغان ئوقۇم شەكىللەندى.
    ئوقۇتقۇچىلارنى باللارنىڭ بىلىم ئۆزلەشتۈرشى بىلەن باھالاپ ئۈنۈم مائاشى بەردۇق.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار مەنپەت ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارغا ،خۇددى شۇ بىر پەندىن باشقا پەن يوقتەك ھەسسىلەپ تاپشۇرۇق بىرىپ ،مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلىرى تەستىقلىغاندىن سىرىت ماتىريال ئالغۇزۇپ،بالىلارغا جىسمانى جەھەتتىن زىھىن خوراش،ئىممۇنىت تۆۋەنلەش،كۆز ئاجىزلىقى دىگەندەك تۈرلۇك كىسەللەرنى ئىلىپ كەلدى،روھى جەھەتتىن بولسا چۈشكۇنلۇك ئۇنۇتقاقلىق ،ھاڭۋاقىتىلىق قاتارلىق كىسەللەرنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ھەم ئىلىپ كەلدى .
    بۇ ھادىسلەر كىچىك جەھەتتىن ئاتا – ئانىلارغا ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەلسە.چوڭ جەھەتتىن دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا  ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ،يىللىقلارنى ئاساس قىلىپ تاپشۇرۇق مىقىدارىنى بەلگۈلەشنى قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىپ ،كەلگۈسىنىڭ ئىز باسارلىرىنىڭ ياراملىق ،ساغلام بولۇپ ئۆسۈپ يىتلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىش كىرەك دەپ قارايمەن.

0

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34356
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدى بىلەن مائارىپىمىزدا ھەقىقەتەن چوڭ مەسىلىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيمەن، ئاندىن قالسا ھازىر يىڭىدىن ئوقۇتقۇچىلىق سىپىگە ئۆتكەن بەزى «ساپاسىز، مەسئۇليەتسىز،ناچار،بىلىمىنىڭ تايىنى يوق»يىڭى ئوقۇتقۇچىلارنى قاتتىق تەنقىدلەيمەن.(بۇ يەردە پەقەت بىرقىسىم شۇنداق پۇل تاپار كويدىكى ‹ئوقۇتقۇچىلارنىلا›كۆزدە تۇتتۇم،شۇڭا قالايمىقان باھا بەرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن) ئۇلار بالىلارنىڭ قەتئىي نىمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ، ئاشۇنداق بىسىمدا يەنە كاللىسىغا چۈشەمدۇ يوق ھىسابلاشمايدۇ،قىسقىسى ئۇلار ئايلىق مۇئاشىنى ئالسا ئىشتىن ۋاختىدا قايتىپ ھەرخىل كەيىپ ساپا سورۇنلىرىغا ئالدىرسىلا بولدى، مەن ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپ تاپشۇرۇق بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەكشۇردىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. ھازىر قوش تىل مائارىپى دەپ بىسىممۇ راست دىگەندەك ئاز ئەمەس شۇنداق شارائىتتا بىرقىسىم مەسئۇليەتسىز «ئوقۇتقۇچىلار» يەنىلا ئىش ئۈستىگە ئىش قوشۇپ يۈرمەكتە. (مەن بەزى دوستلىرىمدىن ئاڭلىغان بەزى پىداگوگىيكا ئۇنۋېرسىتىت ۋە ئىنىستىتوت ئوقۇغۇچىللىرى كۈنىنى ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يەنىلا «جاھاندارچىلىق»قىلىپ ياكى ئاتا-ئانىسىنى زار قاخشىتىپ ھەرخىل ئارقا ئىشىك يولى بىلەن كىرگەن بۇ «ئوقۇتقۇچىلىق»مانا مۇشۇنداق بىر ئەۋلاد مەسئۇليەتسىز ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىمىزغا تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەلمەكتە. ئەمما  يەنىلا يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىللىرىمىز كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

758

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بار . دېمىسىمۇ ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا بولۋاتقان بېسىم  ئىنتايىن ئېغىر . لېكىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىسىمى تېخىمۇ ئېغىر . سىز بالامغا بولغان بىسىم ئېغىر -دەپ قاقشىسىڭىز ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلەپنى قاتتىق قويمىسا ، ۋاقتى كەلگەندە بالىڭىزنىڭ ساۋادى چىقماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ۋە ياكى ئىمتاھان نەتىجىسى ياخشى بولماي قالسا ، ئۇ چاغدا سىز يەنە - سەن بالامنى ياخشى ئوقۇتماپسەن -دەپ ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىنارسىز .قىسقىسى بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال . شۇڭا بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغاندا يەنىلا چىداپ ئۆتكۈلۈك .

2

تېما

0

دوست

1814

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   81.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 550
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللارنىڭ كەلگۇسىنى ئويلىساق.......  ساراڭ قىلىپ قويماسلىق ئەڭ مۇھىم .
ئوقۇتقۇچىلارغا بىسىم بار دەپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىش ، تىللاش ، ھاقارەتلەش ،ساختا كۆيۇنۇش ئەۋىج ئالسا بولماس .

بۇ پۇتكۇل مىللەت قاتتىق كۆڭۇل بۆلۇشكە تىگىشلىك مەسىلە !!!!

شــەكــەرىــم

0

تېما

0

دوست

1172

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25290
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shekerim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 04:32  

ئاساسى قاتلام يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بەك راھەتتە ئۆتىۋاتىدۇ !!
1.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، ھەر بىر سىنىپقا بىردىن ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدۇ .  ئەتتىگەندە بىر كىرىۋالساق ، يەتتە سائەت سىنىپتىن چىقماي دەرس ئۆتىمىز .
2.ئالاھېدە پەنلەر ئۆتۈلمەيدۇ ، ئۆتۈلىدىغىنى بەش ئاساسى پەن ، ھەپتىسىگە 19 سائەت دەرس تەييارلىقى ھەر كۈنى بىر كېچىگىچە، تۈگىمىگەننى شەنبە يەكشەنبە باش كۆتۈرمەي يازىمىز .
3. سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى تېخىمۇ ئادەمنى چارچىتىدۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ،ئىدىيە ، تازلىق ، بىخەتەرلىك ، داۋام .....قاتارلىق ئىشلارغا ئىگە بولمىساق بولمايدۇ.
4.  سىنىپ مەسئۇللىق خاتىرىسى ، سىياسى ئۆگىنىش خاتىرىسى ، دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئائىلە سۆھبەت خاتىرىسى ......قاتارلىق خاتىرىلەر بىزنىڭ يېزىشىمىزنى كۈتۈپ ياتىدۇ ،  رەھبەرلەر ئايدا بىر تەكشۈرۈش قىلىپ بىرسى كام بولسا بىرمۇنچە جەرىمانە يېزىپ قايتىپ كېتىدۇ .
5. مەكتەپكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى يىراق يېقىن دىمەي توپا يوللارنى ، چىغىر يوللارنى بېسىپ چوقۇم شۇ كۈنى ئۆيىگە بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆھبەت قىلىپ مەكتەپكە ئېلىپ كېلىش شەرت !
6.ھەپتىدە بىر كۈن مەكتەپ ئامانلىقىغا قاراش ئۈچۈن نۆۋەتچىلىكتە تۇرىمىز ، شەنبە يەكشەنبە كۈنى ، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەرگە تەييارلىق كۆرۈپ دەم ئالماي ئارخىپ ماتىرىيال ئىشلەيمىز .
قىشلىق‹‹تەتىل››  يازلىق ‹‹ تەتىل››  ھەر پەيشەنبە كۈنى ئائىلە سۆھبەتكە بېرىش بىلەن ، جۈمە كۈنى مەكتەپ قايتىش بىلەن  ۋە ھە خىل شەكىل ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۈزلىكسىز  تەربىيلەش  لەر بىلەن ئۆتىدۇ .
7، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى ئېتىش ئۈچۈن ئاشپەزنىڭ مۇئاشىنى ئوقۇتقۇچىلار چىقىرىپ تۆلەيمىز .
8. ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئاغرىپ قېلىشقا ، رۇخسەت سوراشقا بولمايدۇ . ئەگەر رۇخسەت سورىساق ئىش ئۈنۈم مۇئاشى تولۇق تەگمەيدۇ .
9.......... سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق ،

3

تېما

1

دوست

514

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە ئەۋلاتلار، ئوقۇمىسا نادان قالغان، ئوقۇسا يۈكنىڭ ئاستىدا قالغان. شۇنچە ئېغىرچىلىققا چىداپ ئوقۇپ، دىپلوم ئالغاندا ئىشسىز قالغان. يۇقۇرىدىكىلىرى « چىرىكلىككە قارشى»،تۆۋەندىكىلىرى « نامراتلىققا قارشى»، بۇ ئىككى ئېقىمنىڭ كىچىك ئۆسمۈرلەر  بىلەن نېمە كارى..... ھەممىسى ئۆز غېمىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە.... ئوقۇشتىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل ساغلاملىقى، تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن ساغلام ئوزۇقلۇقتىن سىرىت يېتەرلىك ئۇخلاش بەك مۇھىم. ئەتتىگىنى سائەت 7 دە ئۇيقىدىن ئويغىنىدىغان ئۆسمۈر شەرتسىزكى كەچ سائەت سەككىز يېرىمدىن كېيىن قالماي ئۇخلىشى كېرەك. 10 سائەتتىن ئاز ئۇخلىسا ئەقىل ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئېغىر زەخمىگە ئۇچرايدىكەن.

3

تېما

1

دوست

514

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shekerim يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 03:52
ئاساسى قاتلام يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئ ...

قايسى بىرىىڭ دەردنى ئاڭلارمىز؟ ئۆلۈك مائارىپ تۈزۈمىدە ھەممە نەرسە ئالۋان، ھاشا. ۋەزىپىنى ئورۇنداش ھاشاسى. ئۆستەڭ ھاشاسى، كەتمەن ھاشاسى، ئوقۇپ تۈگىتىش ھاشاسى، ئوقۇتۇپ تۈگىتىش ھاشاسى. ھاشاغا چىدىمىساڭ ئورۇننى بوشات! ئىزىڭغا ئادەم بار. ئورۇننى بوشاتقان ئادەم ئەمدى بولغاندا تىرىكچىلىكنى قانداق قىلىدۇ؟ ئىشسىزلىق مائاشى بېرەمدۇ؟ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە ئۇنداق ئىش نەدە باركەن؟ ئاغرىپ قېلىپ خىزمەتكە كېلەلمىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈنلۈك مائاشىنى تۇتىۋالغان يەردىزە، ئىشسىزلىق مائاشى دەپ بىر نېمە بولامدىما؟ چىداپ تۇرۇڭ قېرىندېشىم. ئاۋۇ يۇقىرىدىكىلەر چىرىپ كەتكەن رەقىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋالسا، ئاندىن سىلەرگىمۇ ياخشىراق بىر كۈنلەر كېلەر.......

شــەكــەرىــم

0

تېما

0

دوست

1172

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25290
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shekerim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 04:28  
ئوقۇتقۇچىلار مەنپەت ئۈچۈن ، ئوقۇغۇچىلارغا ،خۇددى شۇ بىر پەندىن باشقا پەن يوقتەك ھەسسىلەپ تاپشۇرۇق بىرىپ ،مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلىرى تەستىقلىغاندىن سىرىت ماتىريال ئالغۇزۇپ،بالىلارغا جىسمانى جەھەتتىن زىھىن خوراش،ئىممۇنىت تۆۋەنلەش،كۆز ئاجىزلىقى دىگەندەك تۈرلۇك كىسەللەرنى ئىلىپ كەلدى،روھى جەھەتتىن بولسا چۈشكۇنلۇك ئۇنۇتقاقلىق ،ھاڭۋاقىتىلىق قاتارلىق كىسەللەرنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ ھەم ئىلىپ كەلدى

ھېم ، ئەسلى پۈتۈن گۇناھكار ئوقۇتقۇچى ئىكەندە !!؟؟؟؟؟ خۇددى بالىڭىز ئوقۇسا ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىدىغاندەك  گەپ قىپسىز .
خالىمىغاندىكىن مەكتەپكە بەرمەي ئۆزىڭىز  بىلگىنىڭىزچە تەربىيلىسىڭىز بولمامدۇ بالىڭىزنى ، نىمە قىلىسىز  بالىڭىزنى روھې كېسەل قىلىدىغان ئادەمگە ئوقۇ دەپ تۇتۇپ بېرىپ  .
ئوقۇتقۇچىدىن ئاز قاخشاڭ، مائارىپقا بەك كۆڭۈل بۆلگىڭىز كەلگەن بولسا ، ئەۋلادلارغا بەك كۆڭۈل بۆلگىڭىز كەلگەن بولسا مەركەزگە بېرىپ ماۋۇ پىكىرىڭىزنى شۇ يەردە ئوتتىرىغا قويۇڭ ، ئاڭلايدىغان ئادەم چىقىپ قالسا ، مائارىپتا ئىسلاھات بولسا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى يەڭگىللىسە بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.  بولمىسا ئوقۇتقۇچىدىن ئاز قاخشاپ بالىڭىزنى ياخشى ئوقۇتۇڭ ، بولمىسا بالىڭىزمۇ كەلگۈسىدە سىزدەك قاخشايدىغان ئادەم بولۇپ چوڭ بولىدۇ .
بىلىپ قويۇڭ ،  ئوقۇتقۇچى ئىش ئۈنۈم مۇئاشىنى ئالمىسىمۇ ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالمايدۇ .مەكتەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېتىۋالغان شەھىرى ئەمەس ، يۇقىرىدىن قانداق بېسىم چۈشسە شۇنى ئىجىرا قىلماي ئامال يوق ، نەدە ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇنۇتقان ھالدا يازغان ئوخشايسىز ما ‹‹تېما››نى ، پۇلىڭىز بولسا بالىڭىزنى ئامرىكىغا چىقىرىپ ئوقۇتۇڭ ، ئەركىن مائارىپ شۇيەردە بار ، دەرسلىرى ئېغىر ئەمەس ، ئەركىن ئوقۇيدۇ .   
تېما ئوقۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە نېرۋام سەت ئۆرلەپ كەتتى ،شۇڭا ئېنكاسلىرىممۇ تاققا تۇققا چىقىپ قالدى ؛
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )