- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1551
- نادىر
- 0
- يازما
- 170
ئۆسۈش
55.1%
|
مىنىڭچە بىزنىڭ باللىمىز تىخى بىسىمى ئارتىپ كەتكەدەك ھالغا چۇشۇپ قالمىدى .مائارىپىمىزدىكى مەسىلە بولسا ئۇنۋىرسال ساپا ئەمەس ئىمتىھان ساپاسى تەكىتلەش .خەن باللىرىغا سىلىشتۇرغاندا بىز بىسىمىمىز بىسىم ئەمەس .ئەگەر يەنە بىسىمىمىز ئىغىر دەپ ئائئىلە تاپشۇرۇقى ،تەتىل تاپشۇرۇقى ،يازلىق تەتىل تەربىيلەش سىنىپلىرى بىكار قىلىنسا بالىڭىز نىمە ئىش قىلسا بولا ؟
ئەمىلىيەتتە پۇتكۈل ئىنسانلاردىكى مائارىپ قىلىپى ئوخشاش .پەقەت مائارىپقا ۋە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئوخشىمايدۇ .خەنلەر ئوقۇغان بىلىمنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك ،ئىنگىلىزلارنىڭ 5ھەسسىچىلىك تىرىشىش بولسا ئاندىن بىز بىشىمىزنى كۈتۈرەلەيمىز .بىز ئىغىز كۈنۈكىمىز بويىچە خەن مائارىپىنى ئكلۈك مائارىپ مەسىلە بار مائارىپ قاتارلىق سۆزلەر بىلەن تەبىر بىرىپ كەلدۇق .بىراق ،خەنلەر يەنىلا شۇ مائارىپنى نەتىجىسىدە ھازىرقى دەۋرنى ياراتتى .بىزدىكى نىمانچە قاخشاشلار بۇ ؟
قارىسام بۇيىل قىشلىق تەتىل تاپشۇرۇقى مېللىي مەكتەپلەردە ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىكەن .تاغامنىڭ بىر بالىسى خەنچىدە بىر بالىسى مېللىي مەكتەپتە .مىللىي مەكتەپتىكىسى كۈندە ئويۇن ،خەنچىدىكىسى بىشىنى كۆتۈرمەي ئۈگۈنۈش .......قىرىنداشلىرىم ،مائارىپ يوتقاننىڭ تىشى ئەمەس ،كىر بولۇپ كەتسە ئالماشتۇرىمەن دەپلا ئالماشتۇرىدىغان .مائارىپنىڭ ھەربىرىمىزنىڭ كاللىسى بويىچە ئەمەس ،ھەممىمىزنىڭ كاللىسىنى بىر ئاڭ بويىچە تەربىيلەيدۇ . |
|