- تىزىملاتقان
- 2013-9-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 323
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
11.5%
|
قېرىندىشىم، مەن بىر ئوقۇتقۇچى، بىزدە ئىلاج يوق، تاپشۇرۇقنى ئاز، ساز بەرگۈمىز بار. ئەمما يۇقىرى بەلگىلەپ قويغان كۈنىگە مانچە قېتىم دەيدىغان سان بار. سان توشمىسا تەنقىد، مائاش تۇتۇش بار. يېقىندىن مائارىپ نازارىتىنىڭ ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش ھۆججىتىنى ئوقۇپ بەردى. ئۇنىڭ بىر يېرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش دېگەن گەپ بار ئىكەن. ئارقىدىنلا تاپشۇرۇقلارنىڭ قېتىم سانى چىقتى. ئەمەلىيەتتە يۈك يەڭگىللىمەي نەچچە ھەسسە ئېغىرلاشتۇرۋېتىلىپتۇ. ھەتتا كۈنلۈك تاپشۇرۇقنى شۇ كۈنى بېرىپ تەكشۈرۈپ بولۇش دېگەن يېرىمۇ باركەن. ئەمما ئوقۇغۇچى قايسى ۋاقىتتا ئىشلەيدۇ، ئوقۇتقۇچى قايسى ۋاقىتتا تەكشۈرىدۇ....... بۇ ئىشلارنىڭ ھېچ بىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىختىيارىدا ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلاردىن رەنجىمەيلى. |
|