- تىزىملاتقان
- 2015-3-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 138
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  46%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ADILQARAHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 12:37
ھەقىقەتەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپتۇ: دىنسىز دۆلەتلەردە ئېتىقاد خۇراپاتلىققا باغلىنىپ چۈشەندۈرۈلگىنى بىلەن، تەرەققىي تاپقان ئامېرىكا،ياۋروپا ئەللىرىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئېتىقادسىز كىشىلەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئېتىقادسىز كىشىلەر ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان، تىرىكچىلىك ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان كىشىلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئەمدى مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇنۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئېتىقاد بىرخىل مۇستەھكەم سېپىللىق رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئېتىقادتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىمەن دېيىش، سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىقتۇر. بىر قىسىم ئېچىلىپ كەتكەن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋاللار پىكرىمنىڭ شاھىدىدۇر.
مېنىڭچە ئىسلاھاتنى زىيالىيلاردىن باشلاش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىن ئۈمىد كۈتۈش سەل تەسرەك. ھازىرمۇ مەن ئويلايمەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئادەمنى سۆيۈندۈرگىدەك ئىسلاھاتلار بولۇۋاتىدۇ. كىتاب ئوقۇش يىلى، جاي-جايلاردىكى ئىلىم چايلىرى، ئەرقال كاپىتالىنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلارغا يول كۆرسىتىپ ،خەلقئارالىشىش ئۈچۈن تىرىشىشى،،،دېگەندەك. ئەمما مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، بۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋال بولۇپ، پەننىي زىيالىيلار بىلەن دىنىي زىيالىيلارنىڭ بىر يەرگە كېلەلمەسلىگى. پەننىي زىيالىيلار ماركسىزىم تەربىيىسى بىلەن چوڭ بولغانلار، دىنىي زىيالىيلار دىنىي ئىلىم بىلەن چوڭ بولغانلار، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى خىل ئىدىئولوگىيىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بەسى مۈشكۈل بىر ئىش بولۇپ قالدى. خەتەرلىك يېرى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا پەننىي زىيالىيلار دىنىي زىيالىيلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، مەن بۇيەردە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرغۇم يوق. مەن ئويلايمەن، ئىكككىلا زىيالىيلار سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ، مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بولمىسا، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرۇلايدىغانلار ساماندەك. |
|