- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1291
- نادىر
- 0
- يازما
- 138
ئۆسۈش
29.1%
|
sheydai يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 23:33
ئەمدى يېزىق توغرىسىدىكى كۆز قارىشىڭىزنى شەرھىلەپ باق ...
بۇ سۇئالنى بۇرۇن مەنمۇ ئۆزۈمدىن سورىغان .بىلىشىمچە ،ھىس قىلىشىمچە ئىيتىپ باقاي .
مىنىڭ يىزىق ئىسلاھ قىلىش تەرەپتارى بولۇش كاللام دەل ھازىرقى بىزنىڭ سىياسىي ،ئىختىسادى ،مەدىنىيەت ،ئىتىقاد كىرىزىسىغا پىتىپ قالغان ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە ئاساسىي مەقسەد قىلدىم .
بىزدىكى سىياسىي كىرزىس :
رادىكال ئىسلامىزىم ۋە ئۈ خىل كۈچنىڭ بىرىلىشىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت ۋە دۇنيادىكى ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ۋە ئايرويىغا ئىغىر كىرىزىس ئىلىپ كەلدى .بىز تېرورىزىم لاگىرىدىن ھەممە ئۇيغۇر تېرورچى ئەمەس دەپ شۇئار توۋلاپ ئەمەس ئەمېلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى رادىكاللىشىش ۋە ئەرەپ خاراكتىرىنىڭ دىن ئارقىلىق مېللىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك .ھەم ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان دەپ توۋلايدىغان دىندىن قاراساۋات ،ئاتا-ئانىسىنىڭ قوسقىدىن چۈشۈپلا مۇسۇلمان بولۇپ قالغان ،مىراسخور مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ساۋادىنى ‹‹قۇرئان كەرىم›› بىلەن دىنى ساۋادىنى چىقىرىش .بۇنداق بولغاندا رادىكال ئىسلامىزىمنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ .
2-ئىقتىساد كىرىزىسى - ئىقتىساد ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن مۇھىم .سەترەك قىلىپ ئىيتقاندا دىنىي ئىتىقادتىنمۇ مۇھىم .ئىقتىساد بىر جەمىئەتنى ئۈچ قاتلامغا بۆلىدۇ .يۇقىرى -ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلام ....شۇنىڭدەك ئىقتىساد بىر مېللەتنى شۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ،مېللىي ھوقۇق ..قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگۈرىشى ئىنتايىن تېز بولغان بۈگۈنكى كۈندە ،جوڭگۇ ئىقتىسادى داۋالغۇپ ،چەتئەل مەبلىغى ھىندىستان ئىقىش تېزلەشتى .بۇنداق بولغاندا كىيىن شىنجاڭغىمۇ ئىقتىسادى كىرسىز تەسىر قىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى پۇلنى ئۆزگە رايونكەن دەپ ماۋۇلار تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ .مېللىي ئىقتىساد تىخىمۇ تالان-تاراچقا ئۇچرايدۇ .ئىقتىساد ئۇچۇر ۋە سىياسەتكە باشلىق شۇڭا بىز ئۇچۇر نوقتىسىدىن ئەگەر ئۇيغۇر لاتېن يىزىقى قوللىنىلسا بىزنىڭ نۇرغۇن قەدەمنى ئارتۇق باسماي بىۋاستە ،كىرىشىش باسقۇچىغا كىرىمىز .ئۇچۇر دىگەن نىمە ؟ئۇ دەل ۋاقىت .بىزگە كىرىكى دەل قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىقتىساد توپلاپ ياخشى كۈنلەردىن كىيىن جۇدۇنغا تەييارلىق قىلىش 3-مەدىنىيەت كىرىزىسى:
ئۇيغۇر مەدىنىيىتى دىيارىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تارىختا ئىلاستىلىك فۇنكىسيەدە بولغان بولسا ئىسلام دىنىنىڭ مەدىنىيەت زوراۋانلىقى تۈپەيلى يىپىق ھالەتتىكى پاسسىپلىك ،بىكىنمىچىلىككە مەھرۇم بولدى .بىز ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ،ياۋروپا كۆۋرىكى ،كارۋانلىقىدىن قالدۇق ،دۇنيادىن مەھرۇم بولدۇق .بىز مەدىنىيىتىمىزنىڭ ئۇنۇتتۇق ،يوقاتتىق ياد مېللەت مەدىنىيىتى دىنىي يول ئارقىلىق نۇمۇسسىزلارچە تالان-تاراچ قىلدى .بىز ئاخىرى كىيىم كىيىش ،بايرام ئۆتۈزۈشتە ‹‹دىنغا›› ئىلتىجا قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق .ئەرەپپەرەسلىك بىزنى مۇشۇنداق مەدىنىيىتى ئاجىز بىر قەۋمگە ئەكىلىپ قويدى .
4-ئىتىقاد كىرىزىسى :
ھەربىر ئۇيغۇر شۇنى ئىتراپ قىلىشى كىرەككى ،ئۇيغۇر جەمىئىتى ئاللابۇرۇن كۆپ ئىتىقادلىق ،ئاتېزىم ،دىسىزلىق قاتارلىق كۆپ قۇتۇپلۇق دىنىي جەمىئەتكە كىرىپ بولدۇ .ئۇيغۇر جەمىئىتى پەقەت ئىسلام ھاياجان كۈچلىرىنىڭ كۈچلۈك سەپسەتىسىنى ئاپلاپ،ھە دەپلا قۇيىۋاتىدۇ خالاس .ئىتىقاد ئۇ بىر كۈچ .بۇ كۈچكە ھەرقاندەك كىشى مۇھتاج .نىمە ئۈچۈن دۇنيادىن ئاتېزىمچە دۆلەتنى تاپالمايسىز سەۋەبى -دىنىي ئىتىقاد ،مەيلى بىز ھەق دەپ بىلەيلى ياكى يالغان دەپ بىلەيلى .ئۇ ئىنساننى كونتىرول قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە .شۇڭا دۆلەت ۋە سىياسەت ئىتىقاد ئارقىلىق ھەرىكەت چەكلىمىسى ئىلىپ بارىدۇ .ئىپتىدا جەمىئەتتىن تا ھازىرغىچە دىن ئۆزىنىڭ ئىنسان روھىتىنى چەكلەش ،كونتىرول قىلىپ ھۆۆۈمدارلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى .ئىسلام دىنىمۇ دەك ھۆكۈمدارلارنىڭ مەنئەپەتىنى قوغدايدۇ .ئەگەر مۇشۇنداق مەنپەئەت توقۇنىشى بولمىغان بولسا مەزھەپچىلىك بولمىغان بولاتتى .كاتولىك دىنىمۇ خىرىستىيان دىنىدىكى مەزھەپتىن ئايرىم دىن بولۇپ چىقمىغان بولاتتى .
مۇشۇ كىرزىسلاردىن پەقەت چوڭ مېللەتچىلىك بار بولغان مېللەت يىڭىپ چىقالايدۇ .ئەلۋەتتە چوڭ مېللەتچىلىكنىڭ خەتىرى بار .لىكىن بىزنىڭ جۇڭخۇا دىيارى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن باشقا مېلەتلەر خاتالاشقان چوڭ مېللەتچىلىكتەك خاتالىق بولمايدۇ .يىزىق ئاسلاھاتى دەل بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە ئەقېل -پاراسىتىمىز |
|