- تىزىملاتقان
- 2013-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 326
- نادىر
- 0
- يازما
- 24
ئۆسۈش
13%
|
1. سىزگە دىسەم ئۇيغۇرلاردا قانداقتۇر 840-يلدىكى ئاتالمىش چوڭ كۆچۈش پەقەت خەن تارىخى كىتاپلىرىدىلا تلغا ئىلىنغان ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان دۇنياۋى شۆھرەتلىك ئالىملار تارىخچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ چوڭ كۆچۆشنى تلغا ئېلىپمۇ قويمىغان .نىمە ئۈچۈن ؟
2. سىز دىگەن تاغدىن چۈشكەنلەر ئۆز دەۋرىدە ئاسىيا قتئەسى مىقياسىدا ئات چاپتۇرغان ،ئۆز زىمىنلىرىدا بەلگە سىلىنغان ئاتلارنى ماڭغۇزمىغان ،تىزنى بالارنى تىزلاندۇرغان بىشى بارلارنى باش ئەگدۈرگەنلىكىنى تاشقا ئويوپ قالدۇرۇپ كەتكەن باھادىلاردۇر .
3. قاراخانىلار ۋە ئىدققۇت دىننى ئىتىقات ئىككى بولغىنى بىلەن تۇقاندارچىلق ساقلانغان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلق ئۇرۇش بولمىغان .(سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ساتۇق بۇغراخان دىگەن كىتابىنى ئوقوڭ )
4. چىڭ دەۋرىدە سوپىزىمىنى تاشلاپ سۈننىگە يۈزلەندى دىگەن تازىمۇ كۈلكىلىك گەپقۇ بۇ ؟ چىڭ سۈننى مەزھەپتىمىتى ؟
5 . سىز نىمىنى ئىسلاھ قىلماقچى ؟ ئۈرۇمچىگە كىلىڭ ،كۆرىسىزكى ئۇيغۇردا يۇرتۋازلىق يوقالدى ، تەبىرقچىلق يوقالدى ، ياشلار چوڭ تۈزەلدى ، بىر كىچىك بالا يۈتۈپ كەتسە بىدائىلار نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ ماشىنا بولوپ ئىزدەيدىغان ھالەت شەكىللەندى ، ئىشسىزلق ۋە رىقابەت كەسكىن رىتىم ئىتتك بۇ شەھەردە جەسسۇر قەيسەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئالما سىتىپ نەشپۈت سىتىپ ۋىجدان ساتماي باللىرىنى قاتارغا قوشۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز ئۇيغۇرۇمنىڭ قانچىلىك ئىسلاھ بولغىنى بىلىسىز . يەنە مەندەك خەنچە ئوقوغانلار ئۆز ئانا تىلىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن پەخرلەنگەن ھالدا سىزگە جاۋاپ قايتۇرۇشى ئىسلاھنىڭ دەلىلى . |
|