قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: orhon
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇرلاردا ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلايمىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

5

دوست

6180

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15823
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 2010
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
81#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tatatunga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 22:15  

مەھەللە كەنىتلەرنى قارا قورساق ، مەدەنىيەتسىز دادۈي شودۈي كادىرلىرى باشقۇرسا ،مەھەللىلەردە بولسا ،مەسچىتلەردە كۈندە 5  ۋاخ  نادان ،ئۆمرۈدە قۇرئاندىن باشقا كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغان ھەم ئوقۇمايدىغان، كاللىسى ئوتتۇرا ئەسىردىكى خەلقىمىزنىڭ دۇنيا قارىشىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ئىمام ، موللىلار باشچىلىق قىلسا ، مائارىپتىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم قورالنى يا كەنت كادىرى يا بىر ئىمام تەكىتلىمىسە ، ھېلىمۇ مەجبۇرىي مائارىپ يولغا قويۇلۇپ قالغىنى بۇ ساۋاتسىزلارغا ،  %90 پىرسەنت خەلقىمىز يېزىلاردا تۇرسا ئىسلاھاتنى ئەڭ ئەمىلىي ، ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى مېنىڭچە يەنىلا كەنت ۋە مەسچىتلەرنى باشقۇرۋاتقان قارا قوساق ساپاسىزلارنىڭ تۆمۈر تاۋىقىنى يوق قىلىپ ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىتۇدېنتلىرىمىزنى كەنتلەرگە مۇقىم خىزمەتكە قويۇشتا دەپ قارايمەن . مۇقىم مائاش بەرسە غۇلجىلىق بىر سىتۇدېنىت خوتەنگە مۇئەللىم ۋە باشقا خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بارىدۇ ، ئۆز يۇرتىدا مۇقىم مائاشقا ئېرىشىدىغان ئىش بولسا كەنت كادىرى بولۇشقا يۈزدە - يۈز قوشۇلىدۇ ، دەپ قارايمەن  ..

2

تېما

5

دوست

1304

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30103
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 388
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
82#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسلاھاتنى نەدىن باشلاش كىرەك دىگەن سۇئالغا جاۋاب بەرگەچ كىتىپ قالاي،
نىمىگە قۇربىڭىز يەتسە باشقىلارغا پايدىلىق بولسا ئىشلارنى شۇ يەردىن باشلاڭ،
كىتاپ ئۇقۇش يىلى مۇۋەپىققيەت قازانغاندەك سىزمۇ ياخشى ئويلىشىپ ئەمەلى ئىشلارغا تۇتۇش قىلىڭ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

757

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
83#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:26 |ئايرىم كۆرۈش
tatatunga يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:52
مەھەللە كەنىتلەرنى قارا قورساق ، مەدەنىيەتسىز دادۈي ش ...

مۇستاپا  كامالنىڭ  ئەۋلاتلىرى  خوش   كەپسىز   دىيارىمىزغا

0

تېما

0

دوست

154

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33266
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
84#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرلار تاغدىن چۈشكىنى يوق، ئەزەلدىن بۇ ۋەتەندە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ،ئەگەر بەزى مۈجمەل،ئىشەنچسىز تارىخلارغا ئاساسلىنىپ موڭغۇل يايلاقلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن دېگەن تەقدىردىمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا كۆچكەن. بۇ خۇددى قۇمۇل ياكى غۇلجىدىن قەشقەر ياكى خوتەنگە كۆچۈپ بارغاندەكلا بىر ئىش.  ئىسلاھاتقا دەۋەت قىلىپ قەلەم تەۋرەتكىنىڭىز ياخشى،ئەمما پىكىرلىرىڭىڭىز سەل چۇۋالچاق بوپقاپتۇ، ئومۇمەن ئېيىتقاندا، بىز خەق تېخى جاھاننىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالدۇق، بىزگە ئۇيغۇرنى بىر-بىرىگە ئىجىل قىلالايدىغان ئەقىدە-ئېتىقاد، بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتقۇدەك ئىلىم-مەرىپەت كېرەك!

0

تېما

0

دوست

677

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
85#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:51 |ئايرىم كۆرۈش
tatatunga يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:52
مەھەللە كەنىتلەرنى قارا قورساق ، مەدەنىيەتسىز دادۈي ش ...

    خېلى جېنى بار ئىنكاس بوپتۇ .

1

تېما

0

دوست

764

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
86#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپتورنىڭ مەقسىتى توغرا  ياكى كۆڭلى ياخشى بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئىسىلۋالغاندەك بىلىندى. مۇشۇ تېمىدىكى 1-،2- ماقالىدا تۇتامغا چىقۇدەك  يىڭىچە ئىدىيە ، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ يىڭىچە كۆز قاراشقا ئىگە قىلىدىغان ئىدىيە ئۇتتۇرىغا چىقمىغان ياكى مەن بايقىمىدىم. شۇنداقلا بىر قسىم چوۋالچاق ۋە خاتا نەزەرىيە ئۇتتۇرىغا قۇيۇلغان . بىرى ئۇيغۇر غەربكە كۆچكەندىن كىيىن ئىككى خىل دىندا ئوزاق ئۇرۇشقان بىر خىل مىللەت تۇرۇپ دىننى مىللەتتىن ئۈستۈن قۇيۇپ ئۇزاق ۋاقتى قان تۈكۈشكەن دىيىلگەن . مىنىڭچە بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداق بولماستىن بەلكى قەشقەر تەرەپ بالدۇر ئىسلامغا كىرگەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭغا ئىسلام دىنى تارقىلىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقتى كەتكەن. شۇڭا بۇنى مىللەتنى تاشلاپ دىن ئۈچۈن ئۆز ئارا توقۇنۇشقان دەپ قارىساق خاتا. ئەمىسە مىللەت ئۈچۈن دەپ بوددالا بۇددا بۇيىچە مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان بۇيىچە يۈرىۋەرسە ئۇنداقتا بىر مىللەتتە ئىىكى خىل ئىتقاد ئىككى ئىدىيە ، ئىككى خىل تۇرمۇش شەكلى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتى تىخىمۇ خەتەرلىك بۇلۇپ ئۇيغۇر ئىككى مىللەت بۇلۇپ كىتىش ئىككى مىللەت بۇلۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى بار بۇلۇپ ئەكسىچە پۈتۈن ئۇيغۇردا بىر خىل دىن ئۈچۈن ئۆز ئارا كۆرەش قىلىش بۇ تارىخنىىڭ مۇقەرەر ئھتىياجى ۋە يەنە قېرىنداشلىق روھى  مىللىي روھ نۇقتىسىدىن دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. ئەسەردىكى خاتالىق  ئۇيغۇرلار ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندا ئىسلام قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مانىي شامان دىنى ئىديەلرنىڭ بىر قىسمنى ساقلاپ قالغان دىيىلگەن يەنى ئاپتورنىڭ دىيشىچە بىز ئسلامنى تۇلۇق قۇبۇل قىلماپتىمىزمىش . قانداق ئەخمىقانە تەپەككۈر بۇ ؟ بىز دىگەن ئۇيغۇر بىز ئىسلام قۇبۇل قىلغان بىلەن ئەرەپ بۇلۇپ قالمايمىز. قانچە قىلغان بىلەنمۇ  ئەرەپ بۇلالمايمىز چۈنكى بىز ئۇيغۇر . بۇ يەرنىڭ كىلىماتى ، تارىخى ، يىمەك ئىچمەك، ئەتراپتىكى مىللەت ۋە رايونلارنىڭ تەىسرىدە بىز مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇر بىز . ھىلىمۇ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى يېزىقنى تاشلاپ ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلدۇق. شۇڭا بۇ يەردىكى بىر قىسىم مۇجمەل، ھەم زىددىيەتلىك كۆز قاراشلېرىڭىزنى چۇقۇم ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك.
قىسقىسى ئۇيغۇر، مىللەت، خەلقىم ئۈچۈن دىگەندەك تېمىلارنى ئالدىراپ يېزىپ قويغۇلۇق ئەمەس. چوڭ تېمدىن گەپ قىلغاندىن كۆرە كۆپرەك ئۆگىنش قىلاسىز ياكى ئاددىي بولسىمۇ بىر ئىش قىلىپ ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكلەرگە خۇشاللىق ئەپ كەلگەيسىز .     

2

تېما

0

دوست

226

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34601
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 56
توردىكى ۋاقتى: 123
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
87#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:35 |ئايرىم كۆرۈش
begmurad يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 15:58
ئاپتورنىڭ مەقسىتى توغرا  ياكى كۆڭلى ياخشى بولسىمۇ ئۆزى ...

ئەسلى ئىنكاس قايتۇرماسلىق نىيتىدە ئىدىم، بولۇپمۇ تارىخ توغۇرسىدا، تەكلىۋىڭىزگە تەشەككۇر. شىنجاڭ ئىسلام تارىخى، غەربىي يۇرت ئىسلام تارقىلىش ئەھۋالى، شىنجاڭدىكى دىنىي كۆرەشلەر قاتارلىق كىتاپ، ماتىرياللارنى ئامال بار ئىزدەپ كۆرۈپ ئۆتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە ياكى بىرقىسىم ماتىرياللار بىلەن تېخى ئۇچراشماي تۇرۇپ سەل يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىنكاس يىزىپ قالدەك تۇرىسىز. يازمىنىڭ يىتەرسىز تەرەپلىرى ساقلانغانلىقى ئىق، لىكىن سىز دىگەن گەپلەرنىڭ ھىچقايسسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
ئەسلى مەقسەت بىرىنچى يازمىنى مۇقەددىمە خارەكتىرىدە، ئۇنچە بەك ئىچكىرلەپ كەتمىگەن ئاساستا يىزىپ بولغاندىن كىيىن، ئىككىنچە تىمىدىن باشلاپ كونكىرىتنى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختۇلۇش مەقسىتىدە يىزىلغان ئىدى، لىكىن ئەمدى ئىككىنچىسى يىزىلىپ تۇرىشى بىلەن مۇنبەردەشلار قوبۇل قىلالمىغاندەك تۇرىدۇ. شەخسى ئۇچۇرلار بىلەن داۋاملىق يىزشنى رەت قىلىۋاتىدۇ.  خاتىرخەم بولسىڭىز بولىدۇ ئاخىرى يىزىلمايدۇ. يەنىلا شەخسىي غەم بىلەن شەخسى پاراغەتنى قوغلاپ ئۆتۈش ياخشىدەك تۇرىدۇ.

1

تېما

0

دوست

764

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   52.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
88#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:57 |ئايرىم كۆرۈش
orhon يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 17:35
ئەسلى ئىنكاس قايتۇرماسلىق نىيتىدە ئىدىم، بولۇپمۇ تار ...

سىز دىگەن شۇ كىتاپلارنىمۇ ئادەم يازىدۇ، بىزنىڭ نۇرغۇن تارىخ كىتاپلېرىمىزنى خەنزولار ۋە چەتئەللىكلەر يېزپ بېرىۋاتىدۇ. سىز بەكلا چالۋاقاپ كەتمەڭ ، شەخسىي پاراغەت دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟   ئۇندىن باشقا شەخسىي ئۇچۇرلار كىلىۋاتىدۇ دەپسىز مەن سىزگە شەخسىي ئۇچۇر ئەۋەتمدىم. مەن قۇرۇق پاراڭ سالغاندىن ئەمەلىي ئىش قىلغان ياخشى دەپ قارايمەن. ئەگەر پىكىرلېرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ۋەزنى بولسا يىڭىچە ئىدىيە ياكى تەپەككۇر بولسا ئۇنداقتا مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن. 2- قىسىمدا كىتاپ ئۇقۇش تۇغۇرلۇق تۇختىلىپسىز ئەمما مەزمونلار بولسا ئاساسەن ئۈمىد غەنىنىڭ لىكسىيەسىدىن ئىلىنىپتۇ. يىقىندا ئۈمىد غەنىنىڭ لىكسىيەلېرىنى قايتا كۆرگەنتىم. مىنىڭچە يەنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان نۇتۇق دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. گەرچە بىر قىسىم مۇبالىغە ۋە شۇنىڭدەك سۆز-ئىبارىلەر بولسىمۇ ئەمما سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانساق بۇلارنىڭ ھەممسى بىز ئۈچۈن پايدىلىق . دۇنيادا %100 لىك نەرسە يوق ، ياڭاقنىڭمۇ شاكىلى بۇلىدۇ.  ئۈمىد غىنىڭ لىكسىيەسى كىتاپ ھەققدىكى پىكىر ۋە كۆز قاراشلېرى بۇ جەھەتىن ھىچقانداق پىكىر قىلمىغاندىن مىڭ ياخشى. ئويلاپ كەلسەك ئۇنىڭ مەقسىتى ياخشى، ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئۇقۇماسلىق كېرەك دىگەننى نەشىرىياتلارنى ئۈچۈن چۈچۈتۈش، ياشلار ئۈچۈن تىخىمۇ  كۆپ ، تىخىمۇ ئىلغار كىتاپ مەنبەلېرىنى ئىزدەش ئۈچۈن بىر تۈرتكە مەقسىتىدە ئىيتقان دەپ چۈشەنسەكمۇ بۇلىدۇ. ئۈمىد غىنىنىڭ لىكسىيەسىدىن كىيىن مەندە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىىسنى ئۇقۇپ بىقىش قىزىقىشى تۇغۇلدى. بۇرۇن بولسا ئۇنى پەقەت دىننىي كىتاپ دەپلا قارايتتىم. نۇرغۇنلېرىمىز بەش ۋاق ناماز ئۇقۇيمىز ئەمما قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇقۇپ بىقىشنى خالىمايمىز. كىيىنچە ئىنجىلنىمۇ ئۇقۇپ بىقشىم مۇمكىن، نوملاردىنمۇ ئانچە-مۇنچە ئۇقۇپ بىقىشىم مۇمكىن.
ئىنكاس قالدۇرسىڭىز، قالدۇرمىسىڭىز مەيلى  ، مىنىڭىچە ئادەم ئالدىراپ بىر چوڭ ئىش قىلىۋىتىشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك. ئىشلار كىچكىدىن باشلىنىدۇ. ئەگەر سىز بىر گۈھەر بولسىڭىز كىشىلەر سىزنى ھامان بايقايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )