جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنىڭ شان-شۆھرىتى ئەمدى قالمىدى
ۋول كوچىسى گېزىتى تورى خەۋىرى: 20 يىل ئىلگىرى جۇڭگودا ئەڭ مودا بولغان پىكاپ شىيالى ئىدى؛ گەرچە ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ينىلە سېتىۋالغۇچە بايلىق ۋە مۇۋەپپەققىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.
لېكىن ھازىر جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار يېڭىدىن سىېتۋالغان پىكاپلاردا %75 دىن كۆپرەكى ۋولكسۋاگېن ۋە چېۋيس (Chevys) قاتارلىق چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىلىرىدۇر. شىيالىنىڭ شان-شۆھرىتى ئاللىقاچان ئۆچتى؛ شىيالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرى كەلگۈسى نەچچە يىلدا دەھشەتلىك داۋالغۇشتا سېتىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ئۈمىد قىلماقتا.
2015-يىلى 1-ئايدا شىيالىنىڭ ئانا شىركىتى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، 2014-يىلدىن ھازىرغىچە بولغان زىياننىڭ 1 مىليارد 750 مىليونغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. بۇ مەزكۇر شىركەتتە ئۇدا ئىككىنچى يىلى زىيان كۆرۈلىشىدۇر. ئەگەر ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتسا، پېيى بازاردىن چۈشۈرۈلىدۇ.
شىيالىنى بۇرۇن سېتىۋالغان خېرىدارلار قايتا سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچمەكتە. بىر خېرىدارنىڭ دېيىشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىشىكنىڭ تۇتقۇچى بۇزۇلغان، پىكاپ ئىچىدىكى چىراق يانماس بولۇپ قالغان، بۇنداق كىچىك كاشىلىلار ئۇنى بىزار قىلغان. بۇ 28 ياشلىق ئېنژىنېرنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يېنىدىن يۈك ماشىنىسى ئۆتۈپ كەتسە، شىيالى ماركىلىق پىكاپىنىڭ چايقالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
شىيالىنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت، دۆلەتنىڭ قوللىشىدىكى تىيەنجىن شىيالى ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى بۇ يىل ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى- مودېلىنى ئېلان قىلىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ پىلانلاشقا قايتىشنىڭ بىر قىسىمى. شىيالىنىڭ باياناتچىسى جاڭ جىگاڭنىڭ دېيىشىچە، ئۇ شىيالىينىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ كىچىپ پىكاپلار ماي تېجەش قاتارلىق كۆپلىگەن پايدىسىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەندە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
گەرچە جۇڭگو بازىرىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى يىلىغا %10 ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن يەرلىك ئاپتوموبىل شىركەتلىرى 2014-يىللىق نەتىجىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى ئاڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كېيىن نام چىقارغان دەپ قارىلىدىغان چاڭچېڭ ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى 2014-يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ %2 ئازلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، بۇ 2008-يىلدىن بۇيان مەزكۇر شىركەتنىڭ ساپ پايدىسى تۇنجى قېتىم ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ. جىلى ئاپتوموبىل پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، 2014-يىلى ساپ پايدىسىنىڭ %50 ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، 2002-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. جىلى ئاپتوموبىلىنىڭ ئانا شىركىتى شۋېتسىيەنىڭ ۋولۋونى سېتىۋالغان. ساپ پايدىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە قارىتا، چاڭچېڭ ئاپتوموبىلى چۈشەندۈرۈش بېرىپ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، جىلى ئاپتوموبىلىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ پۈتكۈل ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى %24 ئازلاپ كەتكەن.
ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئۈلۈشى %38 بولۇپ، 2010-يىلدىكى %46 دىن تۆۋەن بولغان. يەرلىك داڭلىق ماركىلىق پىكاپلارنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى بازار ئۈلۈشى %31 دىن %22 گە چۈشكەن.
چەتئەل ئاپتوموبىل شىركەتلىرى باھاسى تېخىمۇ ئەرزان ئاپتوموبىللارنى چىقىرىپ، جۇڭگو ئاپتوموبىل بازىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر «قورغان»غا يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى. تۇرمۇشى كۈنسېرى بېيىشىغا ئەگىشىپ جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار چەتئەل ئاپتوموبىللىرىغا مايىل بولۇشقا باشلىدى، چەتئەل ئاپتوموبىللىرى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە مودا دەپ قارالدى. بۇنىڭدىن سىرت، بەش يىل ئىلگىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە يەرلىك داڭلىق ماركىلارغا بېرىدىغان تولۇقلىمىنى ئازايتتى.
جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ھازىر چەتئەل داڭلىق ماركىلىرى بىلەن بولغان سۈپەت جەھەتتىكى پەرقىنى تىرىشىپ كىچىكلەتمەكتە، لېكىن يەنىلا يېتىشەلمىدى. J.D. Power & Associates بۇلتۇر قىلغان سۈپەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ھەر 100 داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىلىدا 131 مەسىلە بار بولۇپ، 2013-يىلدىكى 155 دىن تۆۋەن بولغان؛ بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، چەتئەلنىڭ داڭلىق ماركىسىدا ھەر 100 ئاپتوموبىلىدا 95 مەسىلە بار ئىكەن.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بارغانسېرى كۆپلىگەن جۇڭگو شەھەرلىرى قاتناش توسۇلۇش ھەمدە بۇلغۇنۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن ماشىنا نومۇرى سانىغا چەك قويماقتا، بىر قىسىم شەھەرلەر ماشىنا نومۇرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تۈزۈمىنى قوللاندى. تەھلىلچىلەر ۋە ماشىنا سودىگەرلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل چەكلىمە قويۇش تەدبىرى ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ قىممەت ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىغا زەربە بېرىدىكەن.
كەسپىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، كەلگۈسى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە زور مىقداردىكى يەرلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى شاللىنىپ كېتىدىكەن. خەيفېي، مېييا، شۇاڭخۇەن قاتارلىق نىسبەتەن ئادەتتىكى ماركىلارمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى.
جۇڭگو ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى جىيا شىنگۇاڭنىڭ قارىشىچە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 يەرلىك داڭلىق ماركا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالايدىكەن. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 1-ئايدا جۇڭگونىڭ 25 پىكاپ ماركىسى سېتىۋېتىلگەن. جىيا شىنگۇاڭنىڭ دېيىشىچە، سىجىل پايدا ئېشىشى بولمىسا بۇ كارخانىلار داۋاملىق تەتقىقات قىلىش ھەمدە رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدىكەن، بۇ يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشتۇر.
تەرجىمىدە: ئوكيان تورى
|