- تىزىملاتقان
- 2014-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1063
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
6.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 425 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 00:40
ھەممىسى ئۇنداق ئەمەسقۇ؟
مەنمۇ بۇرۇن ماشىنا ئالىدىغان بوپ قېلىپ بىلىپ-بىلمەي سەددىچىن(چاڭچىڭ) ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالدىم،دۆلتىمىز ماركىسى بولغاچقا چىدامچانلىقى تۆۋەن شۇڭا بىرەر يىل ھەيدەپ سېتىۋىتەي دەپ ئويلىغان. ئەمما مەن ئويلىغاندەك بولماي قويدى...ماشىننى ئالغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ماڭغان يولۇم 150000 كىلومىتىر يول باستىم،ھازىر تۆتنجى يىلى بوپ قالدى. ماڭغان يوللۇرۇم ئاساسەن بۇزۇلۇپ ئازگاللىققا ئايلىنىپ كەتكەن يوللار،ياسالمىغان ئەسكى شېغىل يوللار،ھەتتا تارىم ۋادىسىنىڭ غەرىبىدىكى تۇپا يوللاردا بەك كۆپ ماڭدىم(ئىش ئورنۇم ئاشۇنداق چەترەك).
بۇ ماشىنا كاتاڭغا بەك يۇمشاق چۈشىدىكەن.ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 200 دە ھەيدەم باقتىم.ماشىنا گەۋدىسى تىترىمەيدۇ،يەرگە خېلى چاپلىشىپ مېىڭپ قويىدىكەن...
پات-پات يىراق شەھەرلەرگە ساياھەتكە چىقىپمۇ تۇردۇم،يۇقۇرى 500 كىلومىتىر ئارلىققا توختىماي مېڭىپمۇ باقتىم. ئىش قىلىپ مەن بۇ ماشىننىڭ چىدامچانلىقىغا قايىل بولدۇم. نەۋرە ئاكام ئۆتكەندە خوندا سىتى دىن بىرنى ئالغانتى ھەيدەپ كۆردۇق. ماشىنا 120 دە ماڭسا ماشىنا ئىچىگە ماتۇرنىڭ شاۋقۇنى كىرىشى يۇقۇرى،ماشىنا گەۋدىسى مۇقۇم ئەمەس ئىغاڭشىپ كىتىدىكەن...120 دىمو قورقۇپ تەستە ھەيدىدۇق ماشىنا پۇلاڭشىپ...ئىش قىلىپ مەن ئويلايمەن مىنىڭ ھەيدىشىمگە خۇنداي ئېلانتىرا،خوندا سىتى دىگەندەك ماشىنىلار بولغان بولسا ماڭغان يوللۇرۇمنىڭ يېرىمىغۇ چىدىماي چاقىسى يولدا قالاتتى ياكى رېمۇنىتخانىدىن نېرى بولالمايتى....
قايسى كۈنى ئاكومۇلياتۇرىنى ئالماشتۇردۇم،ئىش چىقىرىش تۇربىسىدىكى ماشىنا كومپىيۇتىرىغا بېسىم ئەھۋالىنى يەتكۇزۇپ بىرىدىغان(خەنچە ياڭچۇەن گەنچى 氧传感器 دەيدىكەن) شۇ سايماننى ئالماشتۇرۇپ باقتىم. ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق خاپىلىقىنى كۆرمۇدۇم. بۇ ماشىننىڭ كەمىچىلىكى 1-خوتتا قوزغىغاندا قوزغىلىش كۈچىنى ئاجىز كۆردۇم باشقا جەھەتتىن مىنىڭ قوپال ھەيدەش تېخنىكامغا چىداپ كەتتى...شۇڭا چاڭچىڭنى بىر يىل ھەيدەپ ساتىمەن دىگەن خىيالدىن ۋاز كىچىپ،بەزىدە ئىچىگە يۈك بېسىپ ئات-ئىشەك ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىمەن
دۆلتىمىز ماشىنلىرى ئىچىدە ھەقىقەتەن سۈپەت جەھەتتە بەكلا ناچارلىرىمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ.100 مىڭنى باسمايلا ماتۇرى چوڭ رېمۇنۇتقا چۈشىدىغان،ھارماي ئۇششاق كاشىللار چىقىپ تۇردىغانلىرىمۇ بار.ئەمما ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئاقلانىلىك ئەمەسكەن دەپ قارىدىم.
ئۆزۈم 8 يىللىق شوپور.ئۆزۈمنىڭ ئەمەليىتىدىن كۈزىتىشىمچە دۆلتىمىز ماشىنلىرى ئىچىدە چاڭئەن،چاڭچىڭ ماشىنلىرى سۈپەتنى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۋاتقان بولغاچقا ماشىنلىرىمۇ خېلىلا بازار تېپىۋاتىدۇ،ئىشلەتكەن ئىستىمالچىلىرىنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. چاڭچىڭنىڭ خافۇ ماشىنلىرىنى مىسالغا ئالساق ئۆتكەن يىلدا 1 مىليۇن دانە سېتىلىپ دۆلەت ئىچىدە سېتىلىشى ياخشى بولغان چىمپىيۇن ماشىنا بولدى(بەيدۇدىن ئىزدەپ كۆرۈڭ). ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل بايراق ماشىنلىرىمۇ بوپ قالىدۇ. مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ھازىر دۆلتىمىزدىكى چاڭئەن،چاڭچىڭ ماركىلىرى كورىيە ماشىنلىرىنىڭ سۈپىتىگە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.كونۇپكا تاختامنى يېڭى ئالماشتۇرغان،كۆنۈپ بولالمىدىم.خەتلەرنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ قالدى.ئۆزرە سورايمەن) |
|