- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
11.73%
|
yagurqak يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 20:23
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم بىلىمخۇمار ئاكا ، تەن ...
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇكام!
مەن ھازىرغىچە «ۋاقىت تونېلى» نى خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى ياكى ناسا غا ئوخشاش رەسمىي ئورۇنلار ئېتىراپ قىلمايدۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەن. شۇنداق بولسىمۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ئۇقۇم ھەققىدە ئىنتەرنەت ئارقىلىق ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئۇقۇمنى بىرەر رەسمىي ئورۇن ئېتىراپ قىلىپ باققان ئەمەسكەن. 1966-1967-يىللىرى ئامېرىكا «ۋاقىت تونېلى» دېگەن بىر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزور كىنوسىنى ئىشلەپ قويۇپتىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىت تونېلى ھەققىدە ئانچە-مۇنچە گەپلەر بولۇپتۇ. ئەمما، ۋاقىت تونېلىمۇ خۇددى ئۇچار تەخسىگە ئوخشاش ھېچ قانداق ئىلمىي پاكىتى يوق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ئۇچار تەخسىدىن جىق كىچىك ئىكەن. شۇڭلاشقا ۋاقىت تونېلى ھەققىدىكى ھېلىقىدەك گەپلەرگە ئىشەنمەڭ.
ئەگەر تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ تۆۋەندىكى ماقالەمنى ئوقۇپ بېقىڭ:
تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/thread-60692-1-1.html
|
|