- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
مېنىڭ تورداشلاردىن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ، بىلىمخۇمار ئاكىمىز ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلغار ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئېغىر ئالماي ئەستايىدىللىق بىلەن مېنىڭ بۇ كىچىككىنە تەلىپىمنى قاندۇرسا دېگەن ئۈمىتتىمەن . ناۋادا تېخىمۇ مۇمكىن بولسا بۇنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولارمۇ ؟ مېنىڭ سۇئالىم شۇ بوشلۇق تونېلى ، ھاۋا تونېلى توغرىسىدىكى سۇئال . ئۇ قانداق نەرسە ، بىز ئاڭلايدىغان ئامېرىكىدىكى ئايرۇپىلان ئۇچۇپ ئوتتۇز يىلدا ئاندىن يەرگە قونۇپتۇ ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ۋاقتى پەقەت ۋاقتى 20 مىنۇتچە ئۆتمەپتۇ ، ۋاقىت ئۆتمىگەندىكى ئۇلارمۇ قېرىماپتۇ ، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيەردە ئۇ بوپتۇ بۇ يەردە بۇ بوپ يوقاپ كېتىپ مۇنچە يىلدا ئاخىر ساپمۇساق پەيدا بوپتۇ دېگەندەك مىش-مىش پاراڭلارنىڭ راستىنلا بىر ئاساسى بارمۇ ، ئاساسى بولسا قانچىلىك ، مۇشۇ توغرىسىدا تېگىشلىك بىر جاۋابقا ئېرىشسەم دەيمەن . بەزى بىر خەۋەرلەر ھەتتا تېلىۋىزور خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن بىر قىسىم خەۋەرلەر بەزىلىرى تۇرۇپلا يالغان چىقتى ، شۇڭا گۇمانىي نۇقتىدا تۇرۇپ سورىشىم . تېخى يېقىندا بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ يۈتۈپ كېتىپ تېپىلمىغان مالايسىيە ئايرۇپىلانىنىڭ بوشلۇق ھاۋا تونېلىغا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى گەپلەر بولۇندى . تېخىمۇ غايىۋىي سىرلىقلاشتۇرۇپ چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەنگەن چەتئەلنىڭ بىر قىسىم فانتازىيىلىك فىلىملىرىمۇ بار ، يوق ئەمەس . ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك بارلىق ئىشلىرىغا ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن ! |
|