- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
  11.73%
|
uyghurmen يوللىغان ۋاقتى 2015-2-21 01:42 
ھۆرمەتلىك ئەركىن ئۇكام، بۇ تېمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك-بە ...
ھۆرمەتلىك ئاكا،
ئالدى بىلەن سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدىكى ماقالىنىڭ يەنە بىر قانچە قىسمى بار بولۇپ، قالغان قىسىملىرىدا ئىمكانقەدەر كونكىرىت چۈشەنچە بېرىشنى پىلانلاۋاتىمەن. ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇنداق ئۇرۇشتىن ئۆزىنى قانداق قوغداش ھەققىدىمۇ توختالماقچى.
نۇرغۇن قېرىنداشلار ماڭا ئىنكاس، ئۇچۇر ۋە ئېلخەت يېزىپ، مېنىڭ بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى تېمىنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى. مەن مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، بۇ قېتىم باشلىغان تېما ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى تېمىلارنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. مەن ئادەتتە كۈچۈمنى ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولمىغان ئىشلار ھەققىدە ئانچە بەك ئويلىنىپ كەتمەيمەن. مەن سىز ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرگە قوشۇلىمەن: بالا تەربىيىسىدىكى ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئۆگىنىش ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا مەن بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى، ھەمدە توپلىغان بىلىملەرنى قېرىنداشلارغا يېزىپ يەتكۈزۈشنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرىمەن. |
|