- تىزىملاتقان
- 2015-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 524
- نادىر
- 0
- يازما
- 56
ئۆسۈش
  4.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-22 22:26
تارىختىن بۇيان ئاللاھتائالا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق قىيامەت دەۋرىدىكى دەججالنىڭ پىتنىسى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئۆگۈت ۋە ئەسكەرتمىلەرنى بېرىپ كەلدى. قۇرئان كەرىمدىمۇ، ھەدىسلەردىمۇ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەر بار.
مۇنداق قاراپ باقسام، بۇ پىسخىلوگىيىلىك ئۇرۇش دېگەنمۇ بىر بۈيۈك پىتنە ئىكەن. (پىتنە _ يالغان ياۋداق، كىشىنى يامانلىققا، ئازغۇنلۇققا باشلايدىغان گەپ-سۆز) شۇڭا، قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىشنى ئۇ بۈيۈك پىتنەدىن ساقلىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى دەپ قارايمەن.
بىلىمخۇمار ئەپەندى «پىسخىلوگىيىلىك ئۇرۇشتىن مۇداپىئەلىنىش» توغرىسىدىكى يازمىلىرىنى يازغاندا بۇ نوقتىنىمۇ دېققەت نەزىرىگە ئالسا ئەتراپلىقراق بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
تېخى يېقىنغىلا نەزەر سالغاندىمۇ، ئېراق ئۇرۇشى، ئەرەپ باھارى، رايونىمىزدىكى بەزى ھادىسىلەر ھەممىسى زامانىۋىي تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقالغان بۈيۈك پىتنەلەرنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگەن پاجىئەلىرى. ۋە بۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ياشلار. بۇلار دائىم ماڭا، «... قىيامەتتا دەججال پىتنىلىرى ھەممە يەرنى قاپلايدۇ. ئوتنى سۇ، سۇنى ئوت كۆرسىتىپ بالىلىرىڭلارنى ئەسىر ئالىدۇ... بۇ ۋاقىتتا سىرتقا ئالدىراپ چىقماڭلار، ئاللاھنى زىكر ئەتكىنىڭلارچە ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇڭلار...» دېگەندەك زامان ھالقىغان ئەسكەرتىشلەرنى ئەسلىتىدۇ. |
|