- تىزىملاتقان
- 2012-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2714
- نادىر
- 2
- يازما
- 92
ئۆسۈش
  23.8%
|
ھۆرمەتلىك ئەركىن ئۇكام، بۇ تېمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەك-بەك كېرەكلىك تېما. بۇنى تېخىمۇ كونكرېتراق، ئەمەلىي مىسال، ئۆرنەكلەر بىلەن يازسىڭىز تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولسا. چۈنكى بىزنىڭ خەلقىمىز سىياسەت، تاكتىكا دېگەندەكلەردە نۆلدىن تۆۋەن سەۋىيەدە بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلارنى بەكلا بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە چۈشۈنۈدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەنگەنلىرى دەل باشقىلارنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا چىرايلىق گەپلەرنىڭ تېگىدە باشقا ئىشلارنىڭ بولۇدۇغانلىقىنى بىلىپ قويسا ياخشىراق.
بالا تەربىيىلەش مەسىلىسى، مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغىمۇ مۇشۇ يەردە تونۇشۇمنى بىلدۈرەي: بىلىسىز مائارىپىمىز خەقنىڭ پىسخولوگىيىلىك قورالى بولۇپ كېلىۋاتقاچقا، بۇنىڭ ئىمكانلىرى بەكلا چەكلىمىلىك. بالا تەربىيىلەش مەسىلىسىگە ھەممە ئادەم قىزىقىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇش بىلەنلا شۇنى تەدبىقلاش مۈمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پىسخىك خاراكتېرىغىمۇ ئالاقىدار. مەسىلەن مېنى دېسىڭىز بەزىدە بالىغا مۇشۇنداق گەپنى قىلىش توغرا ئەمەستى، دەيمەنۇ، ئەمما ئۆزەمنى تۇتالماي دەۋېرىمەن. بالىلارنىڭ ئالدىدا دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، يەنە بەزى سۆزلەرنىمۇ ئوخشاشلا پەيلىمگە ھاكىم بولالماستىن دەپ سالىمەن. بۇ بىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولۇدۇغان ئىش بولسا ئەلۋەتتە كۆپ ئاسان بولاتتى، ئەمما، بۇ يەنە ئادەتلىنىش، قايتا شەكىللىنىشنىمۇ تەلەپ قىلىدىغان ئىشكەن. ئەڭ ئاز ئۈچ ئەۋلاد تەدرىجىي قايتا شەكىللىنىپ نەزىرىيىدىكىنى تەدبىقلىيالايدىغان بولۇش كېرەككەن. بەلكىم باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش، بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا تەدبىقلىيالماي، ئاتام ئېيتقان بايىقى شەكلىدە تەربىيەلەۋەرگىنى ئۈچۈن بالا تەربىيىسى ھەققىدىكى ماقالىلىرىڭىزغا كۆپ قىزىقىش بولمىغاندۇ.
بەزىدە بىز بەك موھىم بىلگەن تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاز بولۇپ، تېزلا كۆمۈلۈپمۇ قالۇدۇكەن، بەلكىم بۇنىڭ باشقىمۇ نۇرغۇن سەۋەپلىرى باردۇر.
سىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇق تىلەيمەن. |
|