- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13919
- نادىر
- 0
- يازما
- 488
ئۆسۈش
  9.8%
|
ئالىمنىڭ بېشىغا دوپپا كېيىپ شام يورۇغىدا كىتاب كۆرىۋاتقان پورتىرىتى كۆزۈمگە بەك ئېللىق كۆرۈنەتتى. ئۇيغۇر ئالىمىنى خۇددى ئەرەبچە كىملىككە رەسىمگە چۈشىدىغاندەك ياساپ قويۇپسىلەر، ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ پورتىرىتىدا نېمىشكە ھېچ بىر ئۇيغۇرچە خاسلىقنى كۆرگىلى بولمايدۇ..!؟ ئۇيغۇرلار مىڭ يىل ئاۋال زادى قانداقراق سېياقتىكى بىر خەلق ئېدى.؟!
بۇ ماقالىدا نۇرغۇنلىغان بىزگە يادا بوپ كەتكەن ھاياجانلىق ھۆكۈم ۋە بايانلار بېرىلىپتۇ. لېكىن يىغىپ كەلگەندە يەنىلا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ لوغەت تۈزگەنلىگىدىن باشقا ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلغانلىغىنى پاكىتلىق يورۇتالماپتۇ. ئەلبەتتە ئەينى شارائىتتا شۇنچىلىك ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلغان ئادەممۇ ئادەتتىكى ئادەم بولمايدۇ. لېكىن بۇنى ئەپسانىلەشتۇرۇشنىڭمۇ بىز ئۈچۈن بىر رېئال ئەھمىيىتى يوق. مەھمود بوۋىمىزنىڭ مىڭ يىل ئاۋال لوغەت تۈزگەنلىگىنى تۈرلۈك نوختىلاردا تۇرۇپ ئىلمىي باھالىساقمۇ يەتكىچە مەدھىيە بولاتتى.
مىڭ يىل ئاۋال قانناش، ئۇچۇر ئالاقە شۇنچە قالاق زامانلاردا بىر ئېنساننىڭ شۇنچىلىك ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالىغانلىغى ۋە دۇنيا ئېتراپ قىلغان ئىلمىي ئەمگىگى ھەرگىزمۇ دىمىغىمىزدا پەقەت لوغەت تۈزگەن ئادەمغۇ دېگۈدەك كىچىك ئىش ئەمەس. مەھمود بوۋىمىز ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگىگى بولغان شۇ لوغەت ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلغان ۋە ياد ئېتىلىپ كەلگەن. |
|