- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31879
- نادىر
- 18
- يازما
- 1028
ئۆسۈش
  54.7%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-11 22:11
« تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن مۇشۇ ئىسىمنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا مەسىلە بار . بۇ يەردىكى « دىۋان » خەنزۇچىگە " لۇغەت"-词典 دەپ ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنغان. ئەسلىدە 百科全书-«قامۇس » ياكى «ئىنىسكلوپىدىيە» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
« تۈركىي تىللار قامۇسى-ئىنىسكلوپىدېيىسى » نىڭ ئۆزىدىن ئايانكى ، ئۇ نوقۇل سۆزلۈكلەر لۇغىتى بولۇشتەك تار دائىرىدىن ھالقىپ ئەدەبىيات ، تىلشۇناسلىق ، جۇغراپىيە ، ئېتمىلوگىيە ، ئاتالغۇشۇناسلىق ، مەدەنىيەتشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخ، يەر ناملىرى ، تىبابەتچىلىك ... قاتارلىق ئىلىم تۈرلىرىنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا ئىسمى-جىسمىغا لايىق قامۇس -ئىنىسكىلوپېدىيە بولۇشقا تامامەن سالاھىيىتى توشىدۇ.
مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر كاتتا قامۇسنىڭ قانداقلەرچە « لۇغەت» دېگەندەك سەلبىيلەشتۈرىلىش مەنىسىدە خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىغا ھەيران بولۇپ كېلىۋاتقانىدىم. بۇ جەھەتتە شۇنچە نوپۇزلۇق ئالىم -مۇتەخەسىسلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە بۇ چاغقىچە بىر نېمە دېمىگەنلىكىگە تېخىمۇ ھەيرانمەن.
ئېنىقكى ، « لۇغەت » دېگەن بۇ ئىسىم بۇ قامۇس-ئېنىسكىلوپىدىيەنى خۇنۈكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغاچقا ھەر قانداق ئادەمدە ئۈمىد غەنىيدەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويۇشى تەبىئىي . بەلكىم نۇرغۇن خەنزۇلار بۇ ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا قاراپلا ئانچە قىزىقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما ، بۇ قامۇسنى ئوقۇپ باققانلار ئۇنىڭ دەرۋەقە تېپىلغۇسىز ، دۇنياۋى كاتتا ئەسەر ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ ، ئەلبەتتە. |
|