- تىزىملاتقان
- 2012-7-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5432
- نادىر
- 0
- يازما
- 377
ئۆسۈش
  8.64%
|
مەنغۇ بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىدىم ،سەۋەبى بۇ كىتاپلاردا ماتېماتىكىغا ئائىت بىلىملەر بەك ئاز ئىكەن ، لىكىن بۇ كىتاپ توغرىلىق يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنى خېلى كۆپ ئوقۇدۇم .ئوقۇغانلىرىمدىن ماڭا تەسىر قىلغىنى مەھمۇت قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ ئىلمىي تەكشۇرۇش روھى بولدى .
ئۇ كىشى بۇ بۈيۈك قامۇسنى تەييارلاش ئۈچۈن، پۈتۈن تۈركى قەۋىملەر ئولتۇراقلاشقان ماكانلارنى بىرمۇ-بىر كېزىپ چىققان .بۇ گەپنىڭ ۋەزنىنى ھازىرقى زاماندىكى ئۈمۈتتەك ئايرۇپىلان ،تىز پويىز ۋە پىكاپلاردا ئولتۇرۇپ ئادەتلەنگەن ياشلىرىمىز ئانچە چۈشەنمەسلىكى مۈمكىن ، شۇڭا بەزىدە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىيدۇ . ئويلاپ باقايلى ، ئەينى زاماندا ، قاتناش قۇرالى ھەتتا يولمۇ يوق شارائىتتا ،پىيادا ياكى ئات -ئۇلاغ بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى كېزىپ چىقىش ئاسان ئىشمۇ ؟؟؟بۇ ئىشنى ھازىر سىز قىلالامسىز ؟ئىنىقكى سىز ۋە مەن بۇ ئىشنى قىلالمايمىز ، ئۈ سەپەرنىڭ ئىچىگە قانچىلىك جەۋرى-جاپا ،مۇشەققەت يوشۇرۇنغانلىغىنى بىر ئالىم ئۆزى بىلىدۇ .ئىككى بېكەت يىراقلىقتىكى خىزمەت ئورنىغا ئاپتوبۇسقا چىقىپ بېرىشقا ئادەتلەنگەن ياشلار ئۇ جاپالارنى ئەلۋەتتە ھېس قىلالمايدۇ .خوش..... بىز مەھمۇت قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ نېمىسىدىن پەخىرلىنىمىز ؟؟؟ دەل ئۇنىڭ ھەقىقەت ۋە بىلىم ئىزدەش يولىدىكى جاپا مۇشەققەتكە چىداش روھى ۋە ئىلمىي پوزىتسىيەسىدىن پەخىرلىنىمىز ۋە ئۆگىنىمىز . ئۇ ئۇيغۇرغا ھەقىقەت ئىزدەشنىڭ يولىنى ئۆگەتكەن، شۇڭا ئۇنى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۇلۇغلايمىز . ئۇ ئەۋلاتلىرىغا ئىلمىي ئىزدىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ ،ئۈلگە ياراتقان .
ھازىرقى كۈتۈپخانىلارنىڭ ئالى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇپ ياكى كىتاپخانىلارنىڭ چايخانىلىرىدا كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئىلىپ يۈكسىلىۋاتقانقانلار ،سىز ئوقۇۋاتقان ئاشۇ كىتاپلاردىكى ھەقىقەتلەرنىڭ قانداق كەلگەنلىگىنى ،ئۇنىڭ مەھمۇت بوۋىمىزدەك نۇرغۇن بوۋىلارنىڭ قان-تەرىنىڭ بەدىلىگە بۈگۈنگە ئۇلاشقانلىغىنى ئۈتۈپ قالمايلى .....شۇڭا دەيمىز مەخمۇت، يۈسۈپ بوۋىلىرىمىز ئۆز ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇلۇغ ،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى مەڭگۈ بۈيۈك ............ |
|