قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: XIRAQ

ئەگەر دوختۇرخانا ، ئۇيغۇر ئاشخانىللىردەك بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

3

دوست

2039

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21573
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-13 23:34:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mukam804 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 23:37  

بەش يىلدىن بىرى دادامنىڭ يۈرەك كىسىلىنى داۋالىتىپ كىلىۋاتىمەن،ئۇنىڭغا قان بىسىمى قوشۇلۇپ ناھىيەلىك دوختۇرخانا،ۋىلايەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىلاردا بولۇپ يىلدا ئىككى ئاي ئەتراپىدا دوختۇرخانىدا ئۆتىدۇ دىسەممۇ بولىدۇ.دوختۇرخانىلارنىڭ دەرىجىسى ئۆرلىگەنسىرى مۇلازىمىتى شۇنچە ياخشىلىنىدۇ،يەرلىكتە يۇقىردا دىيىلگەندەك ئەھۋاللار ھەقىقەتەن كۆپ،بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن،بىر قېتىم سەھىيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئاكاش بىلەن ياتاقداش بوپ قاپتۇق،ئۇ ئاكاش باشتا گەپ قىلماي ھەر كۈنى ئەكىرىپ بېرىدىغان ھېسابات تەپسىلاتىنى يىغىپ قويۇپتۇ،ھەپتىدە بىې قېتىم بۆلۈمنىڭ مەسئۇللىرى دىگەندەك چوڭ دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك  بىمارلاردىن ئەھۋال سوراپ كىرىدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ،شۇ يەردىلا ھەممىنى تۆكتى،مانىڭدا ماندا پۇل تۇتتۇق دەپتۇ،لىكىن ئۇ داۋالاشنى ماڭا قىلمىدى،ئۇنى يىزىپتۇ،لىكىن ئۇ ئۇكۇلنى ئاسمىدى دەپ بىردىن-بىردىن چاۋىسنى چىتقا يايغىلى تۇردى،بۆلۈم باشلىقى بولسا كىرەك بىرسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ بولدى بولدى دىگەنتى،شۇ جايدىلا خىزمەت كىنىشكىسىنى چىقىرىپ،مەن سەھىيە ئىدارىسىدىن،كىلەر ھەپتىدىكى يىغىندا يەنە مۇشۇنداق چىرايىڭنى پۈرۈشتۈرۈش،گىپىمنى بۆلىۋىتەلەمسەن قىنى كۆرىمىز دىگەنتى،بىچارىلەر قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى،ئۇ ئاكاش داۋالىنىپ چىقىپ كەتكىچە ئايھاي،قىلمىغان مۇلازىمەت قالمىدى ياتاقتىكى ئۈچ كىسەلگە.
شۇنداق بولۇپ ئۇ ئاكاش كۈندىلىك ھېسابات تەپسىلاتى دىگەن تالۇنغا سەل قارىماسلىقنى،تەپسىلىي ئوقۇپ ئارتۇق تۇتىۋالغان پۇل بولسا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ قايتۇرۋىلىشنى ئۈگىتىپ قويدى،شۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.مۇشۇ بىر قانچە يىل جەريانىدا خېلى ئارتۇق تۇتۇلغان پۇلنى قايتۇرۋالغان بولدۇم،باشقا تورداشلارنىڭمۇ شۇنداق مەسىلىلەرگە ئامال بار ئەھمىيەت بېرىشىنى،ئەگەر ئۆزى خەنچە بىلمىسە تونۇش-بىلىشلەر ئارىسىدىكى بىلىدىغانلاردىن سوراپ،خەجلىگەن پۇلنىڭ زادى نەگە كىتىۋاتقانلىقىنىمۇ بولسا بىلىپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )