- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1341
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
34.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-7 16:33
yorugkax يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 15:07
مەنمۇ دوختۇر سىزگە ئىككى ئېغىزلا گەپ قىلغۇم كەلدى . 1- س ...
سىز بىرەر قېتىم قانۇن رامكىسىدىن ھالقىغان كەمسىتىش ياكى خورلۇققا دۇچار بولماي ياشاپسىز،ئورنىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز مەنمۇ شۇ ياقلارغا كۆچۈپ كۆرۈپ باقسام دەپ ئويلاپ قالدىم..... بۇ تېمىدا دوختۇرنى ئەيىپلەيدىغان بىرەر كەلىمە كۆرمىدىم. سىز ئىنكاسنى تېمىنى تولۇق كۆرمەستىن يېزىپ قويغاندەك قىلىسىز.
دەرۋەقە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قارىتىلىۋاتقان بەزى يەرلىك تەدبىرلەر ئۇلاردىن كەسىپتىن زېرىكىش تۇيغۇسىنى بېرىپ، خىزمىتىدىن سەسكەنگۈدەك ھالەتكە ئېلىپ كەلدى، ھەتتا بەزىلىرى ئۆزى سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ تۇتقان سىنىپىدىن ياكى ئۆى تۇتقان پەن تۈرىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەن ئىكەنلىگىدىن ھار قىلماس قىلىپ قويدى. ئەلۋەتتە بۇنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت شۇنداق قىلدى. ئاشۇلارنىڭن ئازغىنە مۇئاشىغا نومۇسسىز چاڭگىلىنى سالغانلارمۇ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى باشقۇرغۇدەك ساپاغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەگەر ئۇلارنىڭ جىسمىدا ئەشۇ ساپانىڭ سۇنۇغى بولسا ئەر بولسا خوتۇنىنىڭ نومۇسىنى سېتىپ خەجلىسە شۇنىڭدىن ئەۋزەل بولاتتى. ئايال بولىدىغان بولسا ئىشىق بېغىدا ئېچىلغان گۈل بولۇپ ئۇنى پۇرىغانلاردىن چۈشكەن «پۇراش ھەققىنى» خەشلىسە ئەشۇ قىسىۋېلىپ خەشلىگەندىن ئەۋزەل بولاتتى.
خوش ئەمدى سىزگە كېلەيلى ئەپەندىم. سىز بىر ئاق خالاتلىق پەرىشتە. بەزى ۋاقىتلاردا بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇلارنىڭ تىلى بىلەن تەسۋىرلەپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدىكى قۇتقۇزغۇچى ئىلاھسىز. دەختۇرخانىلارغا ھەر خىل كېسەللەر كېلىپ تۇرىدۇ، سىلەر ئاشۇلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇرىسىلەر، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە يۇقۇملۇق خاراكتىرلىق كېسەل بار. سەل دىققەت قىلمىساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئالتۇن تېنى شىكەستە بولىدۇ.
ئەمدى ئىنسانلاردا يەنە «ئاچكۆزلۈك»، «نومۇسسىزلىق» دىيىلىدىغان بىرقاتار كېسەللىكلەر بار. بۇ پسىخىكىلىق كېسەللىك تۈرىگە تەۋە بولغان جىمىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشىمايدۇ. كىيىنكى ئىككى خىل كېسەللىك «ئىللەت» دەپمۇ ناملانغان بولۇپ، ئىللەت ئادەتتە شەخىسنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدۇ. ئەقلى تولۇق، ساپالىقلارغا ساپالىقلارنىڭ ياخشى ئىللەتلىرى يۇقىدۇ. ساپاسىزلىرىغا ساپاسىزلارنىڭ ياكى ئۇلارنى ئوينىغۇچىلارنىڭ يامان ئىللەتلىرى يۇقىدۇ. «يامانغا يولۇقساڭ يارىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى» دەيدىغان قىممەتلىك ئاتىلار سۆزلىمىز دەل مۇشۇنداق مىساللاردىن يەكۈنلەنگەن. سىلەر تىببىي تېخنىكا ياردىمىدە خىزمەت ئېلىپ بارىسىلەر، سىلەرنى تېخنىكا باشقۇرالمايدۇ، ئەمما سىلەر شۇ تېخنىكىنى باشقۇرىدىغان ساپانى كەسپىڭلار دائىرىسىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ھازىرلاپ ئاندىن شۇ خىزمەت ئورنۇڭلارغا كەلگەن. ئەلۋەتتە بەزىلىرىڭلار نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن. سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنىڭ خاراكتېرى سىلەرنى باشقۇرىدىغان مەلۇم شەخىسنىڭ بىۋاستە تەسىرىدىن مۇستەسنا كەسىپ. مەسىلەن سىزنى باشقۇرىدىغان دوختۇرخانا باشلىغى سىز ھازىرلىغان ساپانى ھازىرلىمىغان. سىز پىشقان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان بولسىڭىز، سىزنىڭ باشلىغىڭىز چىش دوختۇرى بولۇشىمۇ مۈمكىن، ھەتتا مەلۇم يوللار ئارقىلىق مۇشۇ ئورۇنغا چىقىپ ئولتۇرغان دورىگەر بولۇشىمۇ تامامەن مۈمكىن. چۈنكى بىزنىڭ جەمىيتىمىزدە مەندەك مۇشۇ تىبابەتتىن تامامەن بىخەۋەر بولغان ئادەمنىڭمۇ سىزنىڭ باشلىغىڭىز بولۇش مۈمكۈنچىلىگىم تامامەن مەۋجۇت. ئەمما سىزنىڭ باشلىغىڭىز بولۇپمۇ سىزنىڭكىدەك ئالاھىدە بىر كەسىپ دائىرىسىدە سىزنىڭ بەزى ئىشلىرىڭىزغا توسالغۇ بولالمايدۇ، چۈنكى كېسەلنى داۋالاش ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلىدىغان تىببىي ئەخلاق مەسىلىسى مەۋجۇت. مەن ئاساسىي مەخسەتكە كەلسەم بېشىمدىن ئۆتكىنىنى سىزگە سۆزلەپ بېرىمەن. بىر يىلى يەنى ئىككى يىل بۇرۇن دادام تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردىم، ئاغرىق ئازابى دادامنى توختىماستىن «ۋايجان» دىگۈزىۋاتقان ئىدى. نومۇر ئېلىپ دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىرسەم سىتىغا سېلىپ كۆرۈپ باقايلى دەپ خەت يېزىپ بەردى، ئەمما سىتىغا تەكشۈرتىدىغانلارنىڭ كۆپلىگىدىن 4-5 سائەتلەردە نۆۋەت كەلدى... ئېلىپ كىرسەم سىتى نەتىجىسىدە ساق چىقتى. ئەمما دادامنىڭ ئاغرىقى كۈچەيگەن ئىدى. مەن دوختۇرغا : ساق چىققان بولسا، بۇ ئاغرىق توختىمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟ دەپ سوئال قويدۇم. دوختۇر : ياتاققا ئېلىپ كۈزىتەيلى، بۇ جەرياندا يەنە باشقا تەكشۈرۈشلەرمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەپ جاۋاپ بەردى. ئەمما شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدە بۇ دوختۇرخانىدا دادامنى ياتقۇزغۇدەك ياتاق يوق ئىكەن. قانداق نەسلىھەت بېرىدىغىنىنى سورىسام، ئۇدۇلدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ كىرىپ شۇ يەردىنم ياتاق سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈشۈمنى ئېيتتى. دېگىنى بويىچە ۋايساپ تۇرغا بىچارە دادامنى ئېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە كىردىم، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا جاۋاپقا ئېرىشتىم، ئەمما دادامنىڭ ئاغرىقىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان ئىدى. ئۇ يەردىكى دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسام دادامنىڭ ئەھۋالىنىڭ چاتاق ئىكەنلىگىنى دەرھال ئىككىنچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىسام كېچىكىپ قېلىپ پۇشايماندا قالىدىغىنىمنى دېدى. بۇنىڭ بىلەن مەن قاتتىق جىددىيلىشىشكە باشلىدىم، ئۇ يەرگە بېرىپمۇ ئوخشاش قىسمەتكە يولۇقتۇم.... ئاخىرى جىددىيچىلىكتە ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغان بىر دوختۇر تونۇشۇم بار ئىدى، ئۆپكە كېسەللىكلەر ساناتورىيەسىدە. شۇنىڭغا تېلېفون قىلسام ئۇ مەندىن تېلېفوندا ھەممە ئالامەتلەرنى ئىنچىكە سورىغاندىن كىيىن، مېنىڭ جىددىيلىشىشىمنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىگىنى دەپ يېنىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇدى. ئېلىپ باردىم، ھېچقانداق سىتى - پىتى ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يارىدىمىسىزلا دادامنىڭ ئۆپكىسىنىڭ سول ئاستىنقى قانات قىسمىغا سۇ يىغىلىپ قالغانلىقىنى، شۇنى ئېلىۋەتسە بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىپ، بىر تال ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى بىچارە دادامنىڭ ئاغرىقى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا توختىدى. دادممۇ دادۋلىنىپ ساقىيىپ چىقتى، مەن ئۇ دوختۇر بىلەن شۇ جەرياندا سۆزلىشىپ ئاشۇ خۇمسىلار ماكانى بولغان دەسلەپكى ئۈچ دوختۇرخانىدا ئەمەلىيەتتە ياتاقنىڭ بارلىقى، مەسئۇل دوختۇرلارنىڭ خوتۇنىغا ئۇلار ئارقىلىق سوۋغات كىرگۈزسەكلا شۇ ھامان ياتاق ھەل بولىدىغانلىغانلىقىنى ئۇقۇپ قۇلاللىرىمغا ئىشەنمەي، ھەتتا ئۆزۈم يولۇققان شۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالماي بىرنەچچە ۋاقىت گاڭگىراپ يۈردۈم. ... كۈكىنىممۇ كەلدى، كىيىنكى قېتىمدا يەنە بىر نەۋرە ئىنىم شۇنداق تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىۋېدى شۇ خۇمسىلار ماكانىنىڭ نەلۇم بىرىدىن ئاشۇ دوختۇر ئېيىتقان ئۇسۇل ئارقىلىق راستىلا شۇ ياتاققا ئېرىشتۇق. شۇڭا سىزگە تەۋسىيەم مۇشۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسىڭىزدا بىمارلارنىڭ سىلەردىن نارازى ئىكەنلىگىنى قەيىت قىپسىز. دەل توغرا مەنمۇ سىزدەكلەردىن نارازى، لېكىن سىزدىن ئەمەس، مەن ئېيىتقان ھېلىقى خۇمسىلار قوشۇنىدا سىز بارمۇ يوقمۇ ماڭا ئايان ئەمەس. گېپىمنى يەنە داۋاملاشتۇرسام ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا دۇتتار چالغاندەكن بولۇپ قالماي، مۇشۇنچىلىك بولسۇن. |
|