- تىزىملاتقان
- 2013-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2029
- نادىر
- 0
- يازما
- 72
ئۆسۈش
0.97%
|
بۇگۇن ئايالىمنىڭ دوختۇرخانا ئالىمىشىش رەسمىيتىنى بىجىرەلمەي ، ناھيىلىك دوختۇرخانىدىن خۇددى كۆچەگەن شوخلىدەك قۇلاق تاشلاپ، سالپايغىنىمچە ئۆيگە كېلىپ دىۋانغا روھىم چۈشكىن ، ھارغىن ھالدا ئۆزىمنى تاشلاپ تۇرشىمغا، تېلپونىمغا ئۇچۇر چۈشكەنلىكى زاھىر بولدى .تېلپوننى قولۇمغا ئېلىپ ئۈندىداردىكى سالونلارنى تاتىلاشتۇرۇپ تۇيۇقسىز يۇقارقى تىمىغا كۆزۇم چۈشۈپ قالدى . ئىچى پۇشىقىم دوختۇرخانا دېگەن نەرسىدىن بولاۋاتقاندىن كېيىن دەرھال تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، ئوقۇپ چىقتىميۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئۆزەمنى ناھەق خورلۇق تارىتقاندەك ھىس قىلدىم . خوش گەپ يورغىلاتماي نەخ گەپكە كەلسەم، مەن بۇ تېمىنى نەقىل قىلسام ئاپتورنىڭ چوقۇم توغرا چۈشىندىغانلىقىغا ئىشىنىپ ،ئۆزەمنىڭ كۆرگەم دىشۋاچىلىقىم بىلەن قوشۇپ مۇنبەردىكى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى زۆرۈردەك ھىس قىلدىم ئۆزەمچە .
ئۇندىدار سالون نامى< كارۋان > بولۇپ كارۋان 05 ناملىق قېرىندىشىمىز يۇقارقى ماۋزۇ ئاستىدا مۇنداق بىر تېمىنى يوللىىغان ئىكەن.
مەزمۇن تەپسىلاتى ؛ ئەگەر دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرلىشى ئۇيغۇر ئاشخانىللىردەك بولىدىغان بولسا ؛
- كېلىلى بىمارلار، كېلىلى ! ئۆپكە كېسەل ، ئاشقازان كېسەل، ئۆت- جىگەر كېسىلىنىڭ نوچى داۋاسى مەشەدىغۇ ...كېلىلى...مانا مەشەغۇ ئاكا ، رىماتىزىمنىڭ شىپاسى بارغۇ ، كىلىڭە ... كىرىڭە ... ھەدە كېسەلنى بىرلا قاراپ داۋالايمىزغۇ ... كېلىلى بىمارلار كېلىلى ...
- ما بىمارنى جاۋخۇ .
- ئاكا نەرىڭىز ئاغرىيدا ؟
- ئۆتۇم سەل بىئارام ...
-ھەدە سىزنىڭچۈ ؟
-بېشىم قېيىپ تۇردۇ .
- ما مېھمانغا بىر ئۆتنىڭ دورىسى ، بىر باش ئاغرىقنىڭ ! سەل ساقلاپ تۇرۇڭلا مېھمانلار ھازىرلا چىقىدۇ .
...
- ئۇكاموي ، بىزنىڭ دورىمىز قاچان چىقىدۇ ؟ ! بىز جىددى كېسەل جۇمۇ !
- مانا، مانا ئاكا ھازىرلا ... ھەي ! ما پىچاق يەپ كەتكەن ئاكىمىزنىڭ دورىسىنى تېزراق !
- ...
- ما ئاسما ئوكۇل كىمنىڭ ؟! ما يانپاش ئوكۇلنى بەشىنچى ئۈستەلگە قويە ! ما كاپسول ئا ئاكىمىزنىڭ ...
ۋاھ ، مانداق بولسا دوختۇرخانا بەك قايناق بولاتتى -دە .
تېما مەزمۇنى مۇشۇ ئىدى .
مەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مەلۇم ناھيىسىدە ئوقۇتقۇچى ، ئايالىممۇ ھەم . ئۇنىڭغا يۇقۇرى قان بېسىم دېگەن كېسەل چاپلاشقىلى يەتتە-سەككىز يىل بولغان بولۇپ ، دورىسى ئۆكسۇپلا قالمىسا ئۈزۈلدۈرمەي ئىستېمال قىلىپ جان ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى . يېقىندا يەنە مىجەزىدە ئۆزگۈرىش بولاپ ۋىلايەتلىك بىرىنچى دوختۇرخانىگە سالامەتلىك تەكشۈرتىش ئارزۇسى بىلەن قىشلىق تەتىلنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ ، تەتىل ئاخىردىكى سىياسى ئۈگۈنىشنىمۇ كۆپ بىتاقەتچىلىك بىلەن كۈن ساناپ تۈگىتىپ ( بىزنىڭ بۇيەردە ئوقۇتقۇچىلار خىزمەت ۋاقتىدا ئاغرىپ قېلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى خزمەت ۋاقتىدا ئاغرىپ قالسا ، ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان بولسىمۇ ، ياتقان كۈنىدە قېپ قالغان دەرسىنىڭ سائىتى ئۈچۈن 40 - 80 يۇەن گىچە ، خىزمەت سىجىللىقىدا تۆۋەن چىقىپ، ئىش ئۈنۈم پۇلىنىڭ خېلى كۆپ پىرسەنتى ، كېچىككەن ، ئۈگۇىنىش خارىتىرسىنىڭ ساناققا توشمىغان خېتى ، تەكشۇرۇشكە كەلگەنلەرگە ساناپ ، كۆرىسىتىپ بېرەلمىگەن ئاللا قانداق قول پۇتۇكلەرنىڭ پۇلى قوشۇلۇپ ،ئوتتۇز پىرسەنت ئىش ئۈنۈم پۇلىنىڭ ئالتە ئايلىقى يېتىشمەي كىرا پۇلىدىن قېتىپ تۇتۇلغان پۇلنى ، ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى قاتلام دەپ ئاتىلىدىغان ، بىر سائەت دەرىس ئۆتمەيدىغانلار ، مۇكاپات قىلىپ ئۆلۈشۈپ خەجلەيدىغان ئىش بار) ئاران دېگەندە پۇرسەتنى ئەكىلىپ ، ناھيىلىك دوختۇرخانىگە كىرىپ تەكشۈرتىپ ، نەتىجىگە تازا ئىشەنچ قىلالماي ئارزۇيىمىز بويىچە ۋىلايەتلىك بىرىنچى دوختۇرخانىدا تەكشۇرتكەندىن كېيىن ،ئۇلار ئايالىمنىڭ دەرھالبالنىستتا قتا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ، قان بېسىمى زىيادە يۈقۈرى بولۇپ يۇقۇرى چەككە بېرىپ قالغانلىقىنى ، ئۆپكە بىلەن يۈرەك ئارلىقىدىكى تومۇر كېڭىيىۋالغانلىقىنى ، ئۆتتە بىرەر چاڭگال تاشنى كۆتۈرۈپ يۇرگىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ ، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆتتىن كەچمىسەك ئۇنىڭ ئۆت دىگۈدەك ھالالىقىنىڭ قالمىغانلىقىنى دەپ دەرھال ياتاققا بۇيرۇپ ، ناھيىلىك دوختۇرخانىدىن دوختۇرخانا ئالمىشىش رەسمىيتىنى بېجىرشىمىزنى ئۇقتۇرۇپ، كېسەللىك ئەۋالى تولدۇرۇلغان ، ياتاقتا ياتقانلىق ھەققىدىكى جەدىۋەلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ ، بۇنى بېجىرمىسەك ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن بەھىرلىنەلمەيدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈردى مەسئۇل دوختۇر .
دەرھال ناھيىگە چاپتىم ، مىڭ تەستە تاشقى بۆلۈمنى تېپىپ كىرسەم تېخى ئوتتۇزنىڭ قارىسىنى ئالمىغان ئاق سۇزۇك ئىللىق چىراي دوختۇر ئىنىمىز نىمە ئىش بارتى دېگەندەك كۆزىدە سۇئال، ماڭا باقتى . مەقسىدىمنى دېدىم ، دوختۇر ئىنىمىز بۇنى قارشى تەرەپتىكى بۆلۈم مۇدىرىنىڭ بېجىردىغانلىقىنى ، ئۇ يولداشنىڭ ھازىر ئوپراتسىيەگە كىرىپ كەتكەنلىگىنى ، چۇشتىن كېيىن كېلىشىمنى تاپىلاپ ئارقىمدىكى ياشانغان دېھقان دادىمىزغا نەزىرنى ئاغدۇردى . چۈشتىن كېيىن كىرسەم بۆلۇم مۇدىرى باركەن قەغەزنى ئالدىغا قويۇپ ، مەقسىدىمنى يامىداپ ئۇقتۇردۇم ، ئۇ خەتنى بىر دەقىقىدە كۆز يۈگۇرتىپ قولامغا پۇلاپ دېگىدەك تىقىپ ئۈلگۇردى ۋە بۇشىڭلا دېدى . چۈشەندۇرىپ باققاندەك غىڭشىپ بىر نىمىلەرنى دىگەندەك قىلدىم ، تارتمىسىنى قۇلۇپلاپ مۇدىر ئاچقۇچىنى كۆتىگە جايلاشتۇرغاچ سىرىتقا ماڭدى . سۇئال نەزىرىم بىلەن چىرايىمنى بىچچارىلەشتۈرۈپ چۈشتىن بۇرۇنقى ياش دوختۇر ئىنىمگە قارىدىم ،ئۇ دوختۇرخانا تۈزۈمى بويىنچە بىمار ئالدى بىلەن مۇشۇ يەرلىك دوختۇرخانىدا بالنىستتا داۋالىنىشى ، دىئاگىنوز ئەھۋالىغا قاراپ ، داۋالاشقا تەرەت بوش كەلگۈدەك بولسا، ئاندىن يۇقۇرى دەرجىلىك دوختۇرخانىگە يوللايدىغانلىقىنى ، بىمار ئۆزى بىۋاستە دوختۇرخانا ئاتلاپ بالنىستتا ياتسا بۇنداق رەسمىيەتنى بىجىرمەكنىڭ تەسلىكىنى ، بۇرۇن مەسئۇل دوختۇرلار بۇنداق رەسمىيەتنى يېزىۋىردىغانلىقىنى، بۇنىڭدا تەشكىل قايسى ئۈنۈمنى كۆزدە تۇتقان ھازىر دوخىتۇرخانا بويىچە ئىككىلا ئادەم بۇ ئىشقا مەسئۇللىقىنى ، ئەگەر ئېپىنى كەلتۈرسەم پۇرسىتىنى كەلتۈرۈپ ئازراق زىيان تارتىپ ، مۇدىر بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ كۆڭلۇمنى بىلدۈرسەم ،بۇ ئىشنىڭ ھەل بولۇپمۇ قالدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ پۇرسەت يارتىپ سىرىتقا چىقىپ تۇردىغانلىقىنى، مۇشۇنچىلىك ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ، ئىشلارنىڭ مۇشۇنداقراق بولۇپ ،بۇنىڭدىن باشقا چارە يوقلىقىنى دەپ ماڭا يېقىنچىلىقىنى بىلدۈرگەن بولدى .
تۇرۇپ بۇنىڭ يۈزىگە بىرنى تۇكۇرۇپ قويسام قانداق بولا دەپ ئويلۇدۇم ، چوقۇم سارىڭىم قوزغۇلىدىغاندەك ھىس قىلدىم . كىسەل ئۇ ياندا قېلىپ ماڭا نان توشۇيدىغان ئادەم يوق ھەرەج تارتقۇدەكمەن . دوختۇرخانىنىڭ بەلگۈلىمىسىمۇ قارىماققا توغرىدەك ، ئەمما بىر تەتۇرلىك باردەك ،دوختۇرخانىنىغۇ بىمارغا توغرىلىغىلى بولغۇدەك ، بىمارنى نىمىشقا كۆڭلى خالىغان دوختۇرخانىگە توغرىلىغىلى بولمىغۇدەك ؟! دوختۇرخانا خەلقمىدۇ ، بىمارلار خەلقمىدۇ ؟ ئاق خالاتلىق< پەرىشتە> لەر گىلىكوزىنى بىمارلارغا ماڭدۇرۇپ قويۈپ ئۆزى قېنىنى سۇمۇردىغان بولاپ قالسا -ھە ؟! ئېلىشمان خىيال بىلەن كارىدورغا چىقىپ قاپتىمەن ، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام كارىدوردا بەزىللىرى يەردىلا ، بەزىللىرى ئۆزى سېتىۋېلىپ ئەكىرگەن قاتلىندىغان كارىۋاتتا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىۋاتقان نەچچە بىمار كۆزۇمگە چېلىقتى . ئۇ ئىنسان ئەمەسما ؟ قەنى ئۇنىڭ بىمارلىق ھوقۇقى ؟! بالنىست پۇلىنى كام قىلماي ئالىدۇ - يۇ ... ، كارىدوردا بىمارلار ۋە باققۇچىلارغا پۇتلىشىپ دېگۈدەك ئالدىراش يۇرگەن دوختۇرلار ، كۆپرەك سېستىرالار ، خىزمەتچىلەت كۆزۇمگە قانداقتۇر ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەردەك ئەمەس ، روھى سۇلغۇن،چىرايىدا بىر خىللا مىمكا قېتىپ قالغان ، زاۋۇتنىڭ ئىشچىللىردەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بىمارلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇزۇندا شىپا تاپىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەكمۇ بولدۇم .قاچانمۇ بىمار كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولار ؟ بىمارغا لايىق كۈتۈنۈش ،مۇ.امىلىدىن ، قاچانمۇ نەرقىنى پۈتۈشۈپ داۋالانغۇدەك بولارمىز ؟ قاچانمۇ دوختۇرخانىلار ، مەكتاپلىرمىز << ئۇيغۇر ئاشخانىللىرى >> دەك بولار ؟قارىغاندا دوختۇرخانىلارنى ... ئاناڭنى ... سەنلەرنىڭمۇ كۇنلىرىڭ ئاز قالدى ! تۆتىنچى دوختۇرخانىغىمۇ بالنىستتا يېتىشنى مۇشەدىن باشلامدىغاندۇ -يا ؟ يېقىندىن بۇيان تۈز يەردىن ئاتلايدىغان ، توپا سورۇپ قارا باسىدىغان بولاپ قېلىۋاتىمەن بالدۇرراق ئۇقۇشۇپ تۇرمىسام -خەپ !
|
|