- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1832
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  83.2%
|
putin يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 13:30 
سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىڭىزنى تەۋسىيە كىتابىڭ ...
ئالدى بىلەن ئوقۇپ چىقىڭ، ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرۋەتمەڭ، بولۇپمۇ مىللەت، دىن مەسىلىلىرىگە. بەلكىم يەھەدىيلارغا يۇقىرى باھا بىرىشىڭىز، ئۇيغۇرلارنى شۇلارغا سىلىشتۇرۇپ باققۇڭىز كىلىدىغاندۇ. لىكىن شۇ مىللەتنى 2000يىل مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاتقۇزغان ئامىللارنىڭ ئىچىدە، دىن ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداقلا يەھەدىي دىنى مىللەت خارەكتىرلىك دىن، بولسا «يەھۇدىيلار ۋە دىن» توغۇرسىدىمۇ ماتىريال ئىزدەپ بىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. 8-ئەسىردىن 12-ئەسىرگىچە «ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى» دەپ ئاتالغان بىر دەۋىر، شۇن چاغدا ھازىرقى ياۋرۇپالىقلار «ئايال كىشى ئادەممۇ ئەمەسمۇ؟» دىگەن گەپ ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىۋاتقان دەۋىر. شۇچاغدىكى ئىسلام مەدەنىيتى ھازىرقى دۇنيا ئىلىم-پىنىنى 100يىل ئالدىغا سۈرۈپ بەرگەن. شۇ مەدەنىيەتلەرنىىڭ يارىتىلىشى بۈگۈن سىز نۇمۇس قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىدۇر. دۇنيادا«مەڭگۈلۈك مەدەنىيەت»ياكى«مەڭگۈلۈك كۈچلۈكلەر»يوق، تارىخ ئەڭ ئىسل مەدەنىيەتلەرنىمۇ ھالاك قىلىۋەتكەن، ئەڭ ياۋايى مەدەنىيەتسىز مىللەتنىمۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرغان. بۈگۈن «زامانىۋىيلىق»،«غەرپ مەدەنىيتى»دەپ كۆزگە گۈل كۆرۈنۈپ كەتكەن مەدەنىيەت پەقەت تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال مەدەنىيەتتۇر. بولسا 西方的没落دىگەن كىتاپنىمۇ يانداشتۇرۇپ كۆرۈپ بىقىڭ. |
|