- تىزىملاتقان
- 2015-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 236
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
  78.67%
|
بىر قىسىم ياشلىرىمىز زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ پەقەت بىر تەرىپىنىلا كۆرۈۋاپتۇ. يەنە كېلىپ ئەخلەت قاتارىدىكىلىرىنى. ئۇمۇن ئىلگىرىكى يازمىسىدا قىسقا يوپكا كەيگەن، چاچلىرىنى ھەر خىل پاسوندا ياستىۋالغان، ئالىبۇلىماچ بويىتىۋالغان قىز خوتۇنلارنى، قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ يا ئەرلىكىنى يا ئاياللىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ھەمجىنىس ھەزىلەكلەرنى ئۆلىمالىرىمىزدىن چوڭ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەن بۇ كىشىنى شۇ تائىپىدىن بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان. بىلىپ قويۇڭ ئۇمۇن. مىللىتىمىز ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغىلى ئون ئەسىرچە ۋاقىت بولدى. بۇ جەرياندا دىننىڭ كۆپ قىسىم رۇكۇنلىرى ۋە ئىپپەت نومۇس كۆز قارشى ئاللىبۇرۇن مىللى ئەنئەنىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز ھېچ بولمىسا بوۋا مومىلىرىڭىز مۇسۇلمان بولىشى مۇمكىن، يەھۇدىي يا ماتىرىيالىست بولمىسىلا. بىر مىللەت مىللى كىملىكىنى ساقلايمەن دەيدىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا ئۆزىگە خاس بولغان ئېتىقاد، دۇنيا قاراش، ئۆرپ ئادەتلەر بولىشى كېرەك. دېمەكچى بولغىنىم قارا قويۇق ھالدا كونىغا ئېسىلىۋالساق دېگەنلىك ئەمەس، يېڭىنى قۇبۇل قىلىمىز ھەم قىلىشىمىز كېرەك. لېكىن پايدىلىق تەرەپلىرىنىلا قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىغا قايىللىقىم بار. ئۇ ۋەتىنىدىن مىللى توپىدىن ئايرىلىپ ئۆز مەدەنىيتىدىن قارىمۇ قارشى مەدەنىيەتتە بەش يىل ياشىغان، ئۆزىنىڭ دىيىشىچە ئىلگىرى ئۇ يا مىللى كىملىكىنى، مىللى تەپەكككۇرىنى، مىللى ئۆزلۈكىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئامېركىچە مەدەنىيەتكە سىڭىپ كېتىشنى تاللاشقا دۈچ كەلگەن. لېكىن ئۇ ئالدىنقىسىنى تاللىغان ۋە شۇ ئاساستا نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا چىققان. مۇمكىن بولسا ئۆزباش ئاكىنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. |
|