- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1208
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
  20.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 12:40
hirustal1 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 10:25 
نىمانچە سەبىيلەرچە يېزىلغان ئىنكاس بۇ؟ سىزنىڭچە مىلل ...
مىللەتنى ھەقىقىي سۆيگۈڭىز بولسا بەزى يازمىلىرىڭىزدىن ئاكادىمىك ئىكەنلىگىڭىزدىن بىشارەت بېرىپسىز. ئەلۋەتتە بۇنى توغرا ھەزىم قىلالىغان بولسام. ئىللەتنى كوچىلايدىغان جۇپتەكچىلەر قوشۇنىمىز خېلى مۇكەممەل. ئىللەتسىز مىللەت مەۋجۇت ئەمەس. سىز ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نېمىنىڭ كېرەك بولىۋاتقىنىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟ يەنە بىرى مۇشۇنداق «ئۈنچىلەر تىزمىسى»نى ئاتايىن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى سەرىپلەپ يېزىپ چىقىۋاتقان بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز قايتا كۆرۈپ تەھرىرلەپ پەقەت بولمىغاندا ئىملاسىنى تۈزىتىپ يوللىسىڭىز، ماقالە ئەۋەتىش سىزگە باشقىلار تەرىپىدىن ۋەزىپە قىلىپ قويۇلغاندەك، ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئالدىراپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن. ناۋادا ئېھتىراتسىزلىقتىن بېشىڭىزچىلاپ يىقىلىپ كېتىپ تەپەككۈرىڭىزدە سەل چېكىنىش بولمىغانلا بولسا، ئەلى قۇربانغا بەرگەن پىكىر راستتىنلا سىزدىن چىققان بولسا، ئۇيغۇرغا نىمە كېرەك ئىكەنلىگىنى بىلىپ يىتەلەيسىز. مېنىڭچە ئۇيغۇرغا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ قالغان ئاساستا زامانغا مۇۋاپىق بولغان ئىدىئولوگىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك بولۇۋاتىدۇ. ئىدىئولوگىيە ئاساسەن قىممەت قارىشى بىلەن دۇنيا قاراشنى ئۆزىگە مەزمۇن قىلغان دەپ بىلىمەن. |
|