- تىزىملاتقان
- 2013-11-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2060
- نادىر
- 0
- يازما
- 155
ئۆسۈش
  2%
|
lupita يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 13:01 
لىللا مەيدان دىگەن نىمە؟
سىزنىڭچە گۈلەننىڭ مەيدانىل ...
مېنىڭچە لىللا مەيدان دېگەن ئەسەبىيلىكتىن، تەرەببازلىقتىن خالىي مەيدان.
ئىككى نەتسىنىڭ مۇناسىۋىتى بولۇش بولماسلىقى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە مۇناسىۋىتى بولىشى ئىككى گەپ دەپ ئويلايمەن.
مەسىلەن: سىز بىر تال ئالمىنى تاشلىسىڭىز ئۇنىڭ ئۇچرىغان ئالەملىك تارتىش كۈچى ئەتراپتىكى بارلىق ماسسىغا ئېگە جىسىملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە پەقەت يەرشارىنىڭلا تارتىش كۈچىگە ئۇچرىدى دەپ قارايمىز. باشقا ئىنتايىن كىچىك بولغان تەسىر كۈچنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز.
قىرغىنچىلىقلارنىڭ تۈپ سەۋەبى زوراۋانلىق، زومىگەرلىكتۇر، ھەرگىزمۇ دىن ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. ھەرىكەتتىكى زۇراۋانلىق ئەمەلىيەتتە ئىدىيە زوراۋانلىقىنى مەنبە قىلغان بولىدۇ.
قەيەردە مۇستەبىت ئىدىيە ھۆكۈم سۈرگەن بولسا شۇنىڭغا ماس ھەرىكەتمۇ بارلىققا كېلىدۇ.
بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدە مۇستەبىت ئىدىيەنى يۇقرىقى مىسالدىكى يەر شارى تارتىش كۈچىگە ئوخشاتساق،دىن دەل ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئوخشايدۇ.
ھالبۇكى يەر يۈزىدە بىر تال ئالمىنى تاشلىسىڭىز ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر قىلىدىغان تۈپكى سەۋەبنىڭ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئىكەنلىكى سىزگىمۇ ئايدىڭ |
|