- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14235
- نادىر
- 0
- يازما
- 504
ئۆسۈش
  10.59%
|
بىر زامان مەنمۇ ئالاھەزەل بىر قىش دوسلۇقتىكى كىتابخانىدا دېگۈدەك ياشىدىم. كاپىتال بازىرى ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئائىت ئازراق بىرنەرسە ئۈگىنەرمەن دەپ مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئاساسەن كۆرۈپ چىقتىم . بەلكىم ھەپتىدە 10 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپتۇ. ئىشقىلىپ ماڭا ناتونۇش كىتابلار قالمىدى. كەسپى بىلىملەردىن باشقا يەنە يېڭى بىرنەرسىنى ھېس قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ ئوخشاش تۈردىكى كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاشكەن. پەقەت ناھايىتى ئاز قۇرلىرىدىلا ئاپتۇرغا خاس ئېدىيە، ئۇسۇل ۋە تەجىربىلەن خاتىرلىنىپتۇ. دېمەك كىتاب ئوقۇش ۋە تاللاشتىمۇ كۆپ گەپ باكەن قىلىشقۇدەك. كىتابنى بىر قۇر ۋاراقلاپلا ئۇنىڭ خاسلىخى ۋە سەۋىيىسىگە شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا نېسبەتەن قانچىلىك قىممىتىنىڭ بارلىغىغا بىر تەخمىنى ھۆكۈم قىلالمىسىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئۆمۈد غەنى دېگەندەك مىڭىمىزنى ئامبارغا ئايلاندۇرىۋالىمىز.
كىتاب ئوقۇش ھەققىدە خۇددى ئېلىم چېيىدىكىدەك ياكى ئۆمۈد غەنىدەك ئۆزگىچە قاراشلارنى دادىل ئوتتۇرىغا قويساڭلار تامامەن بولىدۇ. ھېچ ئۆزگىچىلىگى يوق ئېدىيەلەرنى ھەمرا قىلىپ نەچچە ئەسىر ياشىدۇق ، ئەمدى ئۆزگىچىرەك پىكىرلەرنىمۇ ئاڭلاپ قويغۇلۇق. بەرىبىر ئاڭلايسىز ، ئاڭلاۋاتىسىز. ئۆزگىرىسىز ئۆزگىرىۋاتىسىز. ئۆمۈد غەنىنىڭ ئېدىيەلىرى بۇ جەرياندا بەلگۈلۈك يېتەكچىلىك قىممىتى با دەپ قارايمەن. |
|