- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1832
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  83.2%
|
amanxa يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 12:58 
سىز تىما يازغۇچىنى تونۇمايدىكەنسىز، شۇڭا ئويلۇشۇپرا ...
كەچۈرسىز، «سىز تىما يازغۇچىنى تونۇمايدىكەنسىز، شۇڭا ئويلۇشۇپراق ئىنكاس يىزىڭ» گىپىڭىزگە سەل نارازىلىقىم پەيدا بولۇپ قالدى. تىمىنى كىمنىڭ يىزىشى شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ سىز نوپوزغا ئىتىبار بىرەمسىز ياكى ھەقىقەتكىمۇ؟ نامى مەشھۇر ئادەملەرنىڭ سۆزى چوقۇم توغرا بولامدۇ؟ ئەجداتلىمىزمۇ ئىرانلىق «ئۇلۇغ» سوپى خوجىلار خاتا سۆزلىمەيدۇ دەپ نوپوزىغا بەك ئىشىنىپ كەتكەنلىكتىن مىللەتنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىدىغان ئىشلار نەچچە يۈزيىل داۋاملاشقان. بىز ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايمىز ئەمەس، كىتاپ ئوقۇش نىسبىتىمىز ناھايىتى تۆۋەن(يىقىنقى يىللاردا ئىشىش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ)، كىتاپ ئوقۇغانلىرىمۇ «نىمە ئۈچۈن»دەپ ئوقۇماي « كىم يىزىپتۇ»دەپ ئوقۇغاچقا ئۈنىمىمۇ تازا كۆرىنەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بىزلەردە كىتاپ ئوقۇيدىغانلاردىن تىلىۋىزور كۆرىدىغانلار توردا سىن كۆرىدىغانلار كۆپ، مەيلى ئەلى قۇربان بولسۇن ياكى ئۈمۈد غەنى بولسۇن تىلىۋىزور،سىنلاردا دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ، قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك بىلىمىنى خەلىققە يەتكۈزۋاتىدۇ، سەلبىي تەسىرىدىن ئىجابى تەسىرى كۆپ بولىۋاتىدۇ. ئىلمى «تېىشىپ»كەتكەنلەر قىلالمىغان ئىشلارنى ئانچە مۇنچە قىلىۋاتىدۇ(مەيلى قانداق مەقسەت بولسۇن).خاتا سۆزلىگەن تەرەپلىرىگە رەددىيە بىرىش بۇ ياخشى ئىش ، ئىلىم ساھەسىدىكى دائىملىق ئىشلار ھىسابلىنىدۇ، لىكىن پەقەت خاتاسىنى تۇتىۋىلىپ سۆزلىگۈچىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىۋىتىدىغان ئىشلار توردا بەك ئەۋج ئىلىپ كىتىۋاتىدۇ، ھەممە ئىشلار جايىدا بولغىنى ياخشى. |
|