- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14235
- نادىر
- 0
- يازما
- 504
ئۆسۈش
  10.59%
|
ئېنگىلىزچە بىلىدىغان تورداشلارغا ئايان بولغىنىدەك غەرىپلىكلەردە ئېنتايىن مودا بولغان لېكسىيە شەكىللىرى بار. مەسىلەن تەد لېكسىيەلىرى ۋە داڭلىق ئونىۋىرستىتلارنىڭ ئوچۇق دەرىسلىرى. بۇلار پۈتۈنلەي ھەقسىز تورلاردا تارقىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھايات ۋە تۇرمۇش پەلسەپىلىرىگە ئائىت نۇرغۇن لېكسىيەلەر بار. بۇ خىل لېكسىيەلەرنى ئاڭلاش شارائىتىنى ھازىرلىغانلارغا نېسبەتەن بۇ ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەلىرىگە ئەسلا ھاجىتىڭىز چۈشمەيدۇ. چۈنكى مەيلى بىلىم جۇغلانمىسى، پەلسەپە چوڭقۇرلىغى ۋە روھى يۈكسەكلىك جەھەتتىن بولسۇن سەۋىيىسى ئنتايىن يۇقۇرى . ئەلى بۇ بېشى بىلەن ئۇلارنى دوراپمۇ تەڭ بولالماپتۇ. يەنىلا يىغىپ كەلسەك زامان تەرەققىياتىدىن بەك ئۇزاپ كەتكەنلىگىمىزنىڭ نەتىجىسى بۇلار. بەلكىم بۇ دېگەن ئۆزىمىزنىڭ، ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىڭىز مۈمكىن. بۇ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ. بۇ ئەلى قۇربان دېگەن بالىنىڭ مىڭىسىدە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتلىق پەلسەپىسى دەيدىغان ئۇقۇم باردەك ئەمەس. ئېنسان بار يەردە روھ بار، پىسخىكا بار، پەلسەپەبار. لېكىن شەخسەن مەن بىر ئۇيغۇرلۇق تۇيغۇم بىلەن روھىمنى ۋە پىسخىكامنى ھەر قانچە قىپمۇ بۇ بالىنىڭ پىكىرلىرىگە باغلىيالمىدىم.
جەمىيىتىمىز مۇنازىرىسىز ياخشىلىققا شۇنچە ئېچىرقاپ كەتكەن زامانلاردا ئەلىنىڭ بۇنداق ئىسراپخور ۋە داۋراڭ تۈسىنى ئالغان لېكسىيەلەر ئۈچۈن بۇنچە قىپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ، بېرىپ ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈڭلار ئېشىنچا ۋاقتىڭلاردا... |
|