- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19672
- نادىر
- 0
- يازما
- 925
ئۆسۈش
  24.18%
|
جەمىيەتتە خۇددى ماڭا ئوخشاش ئەلى قۇربان لېكسىيەسىدىن بىرەنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە ئەزەلدىن ھاجىتىنىڭ بارلىغىنىمۇ خېيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان كىشىلەر مەنچە ئېنتايىن كۆپ. مۇنازىرىلەرنىڭ بۇنچە ئەۋجىگە چىقىشى ئەلى قۇرباننىڭ مەسلىھەتىگە ھاجىتىمۇ يوق، ئەلى قۇربان ھادىسىسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بوپ باقمىغان خۇددى مېنىڭدەك نۇرغۇن تورداشلارنىڭمۇ دېققىتىگە باغلىنىپ بۇ چوڭ قاينام شەكىللىنىۋاتقان بولىشى مۈمكىن.
تېخى بايىلا ئەلى قۇرباننىڭ ئېنكاسى توغۇرلۇق ئىشلەنگەن فېلىمدىن ھېس قىلدىمكى ئەلى قۇربان ھادىسى پۈتۈنلەي ئەلى قۇرباننىڭ ئۆزىنى پىسخىك مەسلىھەتچىسى ئاتىۋىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىۋاتقان پىسخىك ئاجىزلىقى، چېكىدىن ئاچقان ، تېزگىنى يوق ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدىن شەكىللەنگەن بېنورمال پىكىر قىلىش ئادىتى سەۋەپ بوپتۇ.
بىر مەسلەكدېشىنىڭ ۋە زامانداش زېيالىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا پىكىر-تەكلىپلىرىگە قارىتا تۇتقان بۇنچە تۇتۇرۇقسىز ئېنكاسىدىن ئەلى قۇربان ئۈچۈنئەپسۇسلاندىم. بۇنى فېلىمنى كۆرگەن ھەر قانداق ئەقىل ئېگىسى ھېس قىلالايدۇ. مەسەلەن ئۇنىڭ زىۋىدە خانىمنى ئۆزى بىلەن تەڭ كەسپى ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشىپ ماڭالمىغانلىغى، ئۆزى بىلەن تەڭ كىتاب-ماتىريال كۆرەلمىگەنلىگى يەنە قانداقتۇر ئۆزى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ھېسابلىۋالغان تۇغما تالانتى سەۋەبلىك كەسىپداشلىرىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا چەك قويۇشقا ئۇرۇنىشى، باشقا تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئېنكاسلارنى بىردەك «ئەخلەت» دەپ خۇلاسىلىشى،، ئاخىرىدا ئۆزىگە قارىتا پىكىر-تەكلىپ بەرگۈچىلەرگە چەك-چىگراسىزىپ بېرىپ يېڭى رەدىيەچىلەرگە رىقابەت ۋە جەڭ ئېلان قىلىش خارەكتىرلىك باياناتى مېنى بۇ بالىمۇ كەتكەن باشكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلتۈردى،،،
ئابىدە خانىمنىڭ بۇ ماقالىسى ئېسىل چىقىپتۇ. .! |
|