- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19672
- نادىر
- 0
- يازما
- 925
ئۆسۈش
  24.18%
|
ئەلى قۇربان ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ بۇ خىل مەنزىلسىز ئۇلغۇيىشى مەنچە ھېچ ياخش ئىش ئەمەس. بۇنىڭ نەتىجىسى ئەلى مۇئەللىم ئۆمۈد قىلغاندەك جەمىيەتكە كۈلكە، ئىشەنچ-ئۆمۈد ئاتا قىلىش بولماي قېىشى مۈمكىن. ئەسلى بۇ قەدەر مۇنازىرە قوزغاشقا ئەرزىيدىغان شەخىس ۋە تېما ئەمەس ئېدى. ئەلى قۇرباننىڭ كۆپ ئوقىغان ، بىلىملىك ۋە غايىلىك نۇرغۇن ياشلارنىڭ پەقەت بىرسى. ئۇنىڭ پىسخولوگىيەنى كەسىپ قىلىشى ، لېكسىيە سۆزلەپ جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش خېيالى ۋە ئىرادىسىمۇ نورمال ئىش ئېدى. ھېچقايسىسى بۇنچە غۇلغۇلىغا سەۋەپ بولۇشقا يەتمەيتى.
مېنىڭچە ئۇنىڭدىكى ئالاھىدە بىر خارەكتىر بىلەن جەمىيەت ۋە ئاۋامغا بولغان ئۆزگىچە بىر تونۇشنىڭ تۈرتكىسىدە كۆرسىتىۋاتقان ئېنكاس-ئىپادىلىرى، پوزىتسىيەلىرى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىۋاتقانلىغى ئېنىق. مەنچە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېگانە ۋە پەۋقۇلاددە سەۋەپ بىلەن يارىتىلغانلىغىغا چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىغى، باشقىلارنى تولىمۇ ئاددى ۋە ئۆزلىرىگە مۇھتاج دەپ چۈشىنىدىغانلىغىنى چۈشەنمەك قېيىن.
ئەلى قۇربان مۇئەللىم، سىز جەمىيەتنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگىرىشىنى ئىستىگەن ۋە ۋە جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ۋاقتىڭىزدا، سىزگە ئوخشاشلا نۇرغۇن باشقا ئېنسانلارنىڭ ئوخشاش ئىستىگىنىڭ بولىدىغانلىغىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭ.. |
|