- تىزىملاتقان
- 2015-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 83
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  27.67%
|
مېنىڭچە خالىس ھالدا باشقىلار ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دەپ سۆزلەۋاتقان ئادەمنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىغىلا ئېسىلىۋېلىش ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ تازا ياخشى ئەمەس . ئەلى مۇئەللىممۇ بىزگە ئوخشاشلا ئاددىي ئادەم ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم مۇكەممەل ئەمەس ، ھەممىمىز چوڭ كىچىك خاتالىقلاردىن خالى بولالمايمىز ، ئوخشاش بىر ئشنى ياخشى تەرەپتىنمۇ ئويلىغىلى بولىدۇ ، ئۈستىدىكىگە ئوخشاش يامان تەرەپكە بۇراپ تەنقىد قىلغىلىمۇ بولىدۇ .
ئەلى مۇئەللىم سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ ھېچقانداق مەزمۇنى يوق دېيىلگەن تەقدىردىمۇ ، ئىچكىردە خەنزۇلارنىڭ شەھىرىدە مۇساپىر بولۇپ ئوقۇۋاتقان شۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر قېرىدىشىنىڭ شىنجاڭدىن كېلىپ شۇ مەكتەپتە ئۆزئانا تىلىدا بىرەر ئېغىز گەپ قىلىپ بەرگىنىمۇ ئۇلارنى خۇش قىلىۋىتەلەيدۇ . شۇڭا سۆيۇملۈك ئۇستاز سىزمۇ تۈركىيەدە تۇرۇپ مۇئەللىمى ئەيبلىسىڭىز قاملاشمايدۇ ، مېنىڭچە دانا ئادەم پىكىر بېرىدۇ ئەيىبلىمەيدۇ ، ئاستىدىكى ئەلى مۇئەللىمنى ئۇنداق مۇنداق دەۋاتقانلانىڭمۇ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ، باشقىلارنىڭمۇ خەققە ياخشىلىق قىلىش قەرزى بار بولغاچقا سۆزلىمەيۋاتىدۇ بەلكىم . بىر نەرسىدىن ياخشى دەپ پايدىلىنامدۇق ياكى كەچكىچە قۇسۇر ئىزدەمدۇق ئۆزىمىزگە باغلىق . |
|