- تىزىملاتقان
- 2012-6-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 454
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
  77%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tugrul525 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-8 13:40
ئەسلىدە ئۇيغۇر جەمىيتىدە پەيلاسوپ، پىسخولوگ دىگەنلەر ساماندەك بار ئىكەن. بۇ ساھەدە ئەلى مۇئەللىممۇ بىر كىچىك پېشكىدەك قىلىدۇ. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىدىن مۇشۇ ساھەنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىدىكى تەقەززاسىنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدۇ.
خوش، ئۇنداق بولسا بۇ پەيلاسوپ، پىسخولوگلار نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نىمە ئىش قىلىۋاتقان ئىدى؟؟؟؟ نىمىشقا مىللەتنىڭ بۇ تەقەززاسىنى بايقىمىدى؟؟ نىمىشقا بىرىنچى بۇلۇپ ئۆز كۆز قاراشلېرىنى ئىپادىلىمىدى؟؟؟ ياكى بولمىسىا ئەلى مۇئەللىمدەك بىرەرسى چىقىپ دەيدىغان گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن، كېتىپ قالغان يەرلېرىنى ئوڭشاپ قۇيۇپ ئۆزىنىڭ بۇياقتىنمۇ بەكرەك بىلىملىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بۇلىۋاتامدۇ؟؟؟
ياق دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز مۇمكىن.
بىز ئەلى مۇئەللىمنىڭ خاتالىقىنىڭ ئۆزىگە قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاشمايلى. بۇنى ئەلى مۇئەللىم ئۆزى ئويلاپ بولغان بۇلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئويلايدىغىنىمىز مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدا -زىيىنى بارمۇ-يوق؟
ئەلى مۇئەللىم پۇل تېپىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتقان بولسا ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىش بۇلاتتى. ئۇيغۇر يۈز يۈەن پۇلنى يەپ-ئىچىپ كوتۇلداش ئۈچۈن ئەمەس، قۇلاقنى يۇپۇرۇپ باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا سەرىپ قىلىشى ھەم يۈكسىلىش ئەمەسمۇ؟ بۇ ھەم نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ كۈتكىنى ئەمەسمىدى؟
1. ئەلى مۇئەللىمنىڭ قىلغىنى مىللەتكە قانداق پايدا ئىلىپ كېلىدۇ؟
2. ئەلى مۇئەللىمنىڭ قىلغىنى مىللەتكە قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدۇ؟
مۇشۇ تۇغۇرلۇق مۇنازىلىرىلىپ باقايلى.
|
|