- تىزىملاتقان
- 2014-2-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3551
- نادىر
- 0
- يازما
- 282
ئۆسۈش
  51.7%
|
turantikin يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 14:58 
نىشمىشقا شۇنچە كۆپ كىشىلەر زىۋىدە كېرەم ۋە مۇشۇ تېمى ...
خەقنىڭ ئاڭلايدىغانلىقى ئۇنىڭ توغرا سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۇرمەيدۇ ،فالۇن گۇمپىسىنى تارقاتقان فالۇن پىرى سۆزلىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئاڭلىغان ،ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ سانى ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغانلاردىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ ،كۆپلىكىدىن ھەتتا پۇتۇن د ۆلەتتە ئاڭلىغانلارنى ،ئائىت نەرسىلەرنى تارقاتقانلارنى بايقىغان ماھان تۇتۇپ بىر -ئىككى يىلدا تەسىرىنى ئاران يوقاتتى ،ئادەمنىڭ كۆپلىكى فالۇن گۇمپىسىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۇرمەيدۇ ؛ئەينى زامانلاردا ئاپپاق خوجىمۇ سۆزلىگەن ،مەھمۇت پومۇ سۆزلىگەن ،ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى نۇرغۇن ئامما يىغلاپ تۇرۇپ ئاڭلىغان ،گەپلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنگەن ،مەھمۇت پو ياغاچنى ئويۇپ زەمبىرەك ياسايمىز دىگەندە قارشى تۇرغۇچىلار مەھمۇت پونىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن چەتكە قىقىلغان .ئاپپاق خوجا بىلەن مەھمۇت پونى نۇرغۇن ئادەم قوللىغانلىقى ،بېىشىغا ئىلىپ كۆككە كۆتۇرگەنلىكى ئۇلارنىڭ توغرا سۆزلىگەنلىكىنى بىلدۇرمەيدۇ .ئەسكەرتىپ قوياي :مەن ئەلى قۇرباننى ئاپپاق خوجا بىلەن مەھمۇت پو بىلەن ئوخشاش دىمەكچى ئەمەس ،پەقەت كۆپ ئادەمنىڭ مەلۇم ناتىقنىڭ گىپىنى ياقتۇرغانلىقى ئۇ ئادەمنىڭ توغرا سۆزلىگەنلىكىنى بىلدۇرمەيدۇ .
بىزنىڭ ئۇمىد قىلىدىغىنىمىز ئەلى قۇربان داۋاملىق لىكسىيە سۆزلىسۇن ،ئويلاپ سۆزلىسۇن .ئۆزىگە ئىشەنسۇن ،ئۆزىنى چوڭ چاغلىۋالمىسۇن .باشقىلار خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە مەن چوڭ ،سىز كىچىك دەپ گەپ يورغىلتىپ يۇز ئابرويىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى باسماي ،خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلسۇن ،ئىتىراپ قىلغانغا يۇزى چۇشۇپ كەتمەيدۇ .خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىشمۇ بىر پەزىلەت ،ھەم پىسخىكا ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۇرىدۇ . |
|