قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7435|ئىنكاس: 185

ئەلسۆيەر: مەشھۇرلۇق كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارغا تەنقىد

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 00:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلۇق كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارغا تەنقىد

ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان، ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

1.jpg



        تەنقىد ھەقىقەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تايانچىسىدۇر، ھەقىقەت پەقەت تەنقىد ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.            ـــ پېلىخانوۋ
    ئەخمەقلىق بىلەن تەكەببۇرلۇق ئاكا – ئۇكىدۇر. كەمچىلىكى، بولۇپمۇ روھىي كەمچىلىكى بار كىشىلەرلا دائىم ئۆزى ھەققىدە يۈكسەك پىكىر قىلىدۇ.     ـــ گيوتى
***         ***
       ئىلاۋە: دوكتور ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلاننىڭ چەت ئەلدىن دىيارىمىزغا قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىشقا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشتىم. بۇ جەرياندا بىز دىيارىمىزدا سەلدەك يامراۋاتقان مەشھۇرسىراش ۋە ئاتالمىش مەشھۇرلۇق قالپىقى كىيىش مەسلىلىرى توغرىسىدا سۆھبەت تەييارلاشنى لايىق تاپتۇق. ئىلگىرى پەيلاسوپ نېھرۇ: «شۆھرەتپەرەسلەر پەسكەش كېلىدۇ، ئۆز خىسلەتلىرى ھەققىدە تولا سۆزلەيدىغان ئادەم كۆپىنچە ياخشى ئادەم بولۇپ چىقمايدۇ» دېسە، مەشھۇر پىسخولوگ شوپېنخاۋېر: «نومۇس ئېسىل گۈزەللىك، نومۇس تاشقى ۋىجدان، نومۇس جاندىن قىممەت» دېگەنىكەن، ئۇشبۇ سۆھبىتىمىزنىڭ ھازىقى قىسمەن نومۇسنى بىلمەيۋاتقان ئاتالمىش «مەشھۇر» لارغا سەگۈتكۈ بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

***         ***
     ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ تىل – مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى، مالايسىيا مالتىمېدىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنگىلىيە ۋەلس ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ مەدەنىيەت – مائارىپ پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كارخانا باشقۇرۇش پەنلىرى بويىچىمۇ باكلاۋىرلىق ۋە ماگېستىرلىقنى تۈگەتكەن. ئۇ 1996 – شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بالا باققۇچىلارمۇ مېھىر – شەپقەتكە موھتاج» ناملىق ماقالىسى بىلەن ئىجادىيەتكە قەدەم قويغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا – ئارقىدىن «چىرايلىق قىزلار تىراگىدىيەسى»، «مەن تەلەپ قويغان قىزلار»... قاتارلىق 60 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرنى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىدۇرغان. ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى.
***         ***
3.jpg


    ئەلسۆيەر: ھاجى ئۆمەر ئاكا، سىز چەت ئەلدە ئوقۇغان، خىزمەت قىلىغان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان 12 يىل مابەينىدە دىيارىمىزغا داۋاملىق كېلىپ – كېتىپ تۇردىڭىز. ئاڭلىسام، بۇ قېتىم كۇئالالامپۇردا تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىش جەريانىدا، دىيارىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى قىسمەن بىنورماللىقلارنى تور ۋە ئۈندىداردىن كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپسىز، بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى بىلىپ باقساق قانداق؟
   ھاجى ئۆمەر: مەن چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئۈندىدارىمدا دىيارىمىزدىكى قىسمەن ئاتالمىش مەشھۇرلارنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ماختاپ، شەھەر – شەھەرلەردە لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئېلانلارنى كۆردۈم ھەمدە قارىغۇلارچە مەشھۇرلۇق قوغلىشۋاتقان، ساختا نام – شۆھرەتكە بېرىلىۋاتقان، ئىلىمگە ساختىلىق ئىشلىتىۋاتقان ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلدىم. مەن تەرەققىي تاپقان ئەللەردە دوكتورلۇقنى تاماملاش جەريانىدا، كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئىلمىي سورۇنلارغا قاتناشقانىدىم. شۇ سورۇنلاردا دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئالىملار سۆزلەشكە توغرا كەلگەندە ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن سەھنىگە چىقىپ: «مەن بىر ئاددىي ئىزدەنگۈچى، كۆرگەن – بىلگەنلىرىم بەكلا ئاز، ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىمقى تەتقىقات نىشانىمنى ئاددىي بولسىمۇ، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلگەچكە، سىلەر بىلەن دىدارلىشىپ تۇرۇپتىمەن، مېنى ئاددىي كۆرمەي مۇشۇ سورۇنغا تەكلىپ قىلغان ۋە مۇشۇ سورۇننى ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقايسىڭلارغا تەشەككۇر» دەپ سۆز باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە كىچىك پېئىللىقىدىن سۆيۈنەتتىم. مەن ئەنگىلىيەدە بىر مەزگىل ئوقۇش جەريانىدا ئەنگىلىيەدەك دۇنياۋىي مائارىپ دۆلىتى دەپ نام ئالغان چوڭ دۆلەتتىكى ئالىم، مۇتەپەككۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنى دىيارىمىزدىكى قىسمەن لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلاردەك دەبدەبىلىك ناملار بىلەن ئاتىماي، ئاددىيغىنە ئىزدەنگۈچى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈكرەك سۆزلەشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ۋاقىتلىرىم بولغان، چۈنكى ئۇلار بىر دۆلەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سورۇنغا كەلگەن ئالىم، مۇتەپپەككۇر، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىلىرى ئىدى. بۇنداق مەشھۇر كىشىلەر ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى كىچىككىنە بىر مايسىدەك ھېس قىلاتتىم، ھېلىھەممۇ ئۆزۈمنى ئاددىي بىر ئىزدەنگۈچى ھېسابلايمەن، قانداقتۇر بىرۋانىڭ مېنى داڭلىق، مەشھۇر، ئاتاقلىق، بىردىنبىر، خەلقئارالىق ... دېگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تەرىپلىشىنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى ئىلىم چەكسىز، ئىنساننىڭ بىلىشى تولىمۇ چەكلىكتۇر، ئىلىمنى بىر دېڭىز دېسەك، بىزنىڭ بىلىۋالغانلىرىمىز، شۇ دېڭىزدىكى ئازغىنە بىر تامچىدۇ.
     مەن خېلى بۇرۇنلا دىيارىمىزدىكى قىسمەن ئىلىم قويمىچىلىرىغا ئاشكارە رەدىيە بېرىشنى ئويلاشقانىدىم، ئەمما بىزدە «سۇنى سىڭگەن يەرگە سەپ» دەيدىغان گەپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلالماسلىقى ۋە توغرا چۈشەنمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، نەسىھەتنى نەسىھەت قوبۇل قىلغۇچىلىكى بار، شۇنى چۈشىنەلىگۈدەك ئادەمگە قىلىشنى ئويلاپ، ئۇلارغا ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمىغانىدىم، بۇ سۆھبەت ئارقىلىق كۆڭلىمدىكىنى دەۋېرەي. ئەتىر چاچقان ئادەم، مەن ئەتىر چاچتىم دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ ھىدى باشقىلارغا پۇرايدۇ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ نەتىجە قازانغان ئادەم، ئۆزىنى باشقىلار ئالدىدار سۆزلەپ نامايەن قىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمگىكى ھامىنى بىر كۈنى نامايەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.
    ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، دىيارىمىزدا يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرىگە زىيادە مەشھۇر ناملارنى قويۇۋالغان قىسمەن ئىلىم قويمىچىلىرى ھەممە ئادەم بىلىدىغان سۆزلەرنى ياكى كىتابلاردىن يادىلىۋالغان قىسىمەن قېلىپلىق سۆزلەرنى شەھەر – شەھەرلەردە لېكسىيە ھېسابىدا سۆزلىمەكتە. ئۇچۇقىنى ئېيىتقاندا ئۇلار كۆپلىگەن ساددا خەلىقىمىزنىڭ بۇرۇن ئوقۇيالماي قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ھازىر بولسىمۇ تولۇقلاشقا ئورۇنىۋاتقانلىقىدەك سەمىمىي ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ كەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئىلمىي لېكسىيەلەرنىڭ سۆزلەنگىنى ناھايىتى ياخشى ئىش، بىراق ئۇنى ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرى، تالانتلىقلار ۋە خەلققە ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان ئادەملىرىمىزلا سۆزلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا خەلقىمىزنىڭ ئىلىم قۇرۇلمىسى ھەقىقىي مۇكەممەللىشىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ.

2.jpg

      ئەلسۆيەر: ئاڭلىسام، سىز ياش ۋاقىتلىرىڭىزدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئاتاقلىق كىشىلىرى بىلەن قۇيۇق ئارىلىشىپ ئۆتۈپتىكەنسىز، ئۇلار يۇقىرىقىدەك دەبدەبىلىك تەرىپلەشلەرگە قانداق قارايتتى؟
     ھاجى ئۆمەر: مەن ئەينى چاغدا مەرھۇم ئالىم ۋە يازغۇچىلىرىمىزدىن ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولغانىدىم. ئېسىمدە ھازىرغىچە تۇرۇپتۇ، بىر قېتىملىق سورۇندا ئۇستازىمىز ئازات سۇلتان ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمگە «سىزنى زامانىمىزنىڭ سەنئەتكارى ياكى ئالىمى دېيىشىمىز كېرەك» دېگەن چاغدا، ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن: «مېنى بۇنداق تەرىپلىمەڭلار، مەن ئادەتتىكى بىر ئىزدەنگۈچى خالاس، مەن سەنئەتكارمۇ ئەمەس، ئالىممۇ ئەمەس. ئالىم ۋە سەنئەتكار دېيىشكە توغرا كەلسە فارابى، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋائىي، ئاتايى، سەككاكى، رابغۇزى ۋە شەرىقنىڭ باشقا مەشھۇر كىشىلىرىنى دېسەك بولىدۇ. مەندەك بىر ئادەتتىكى ئىزدەنگۈچىنى ئالىم ياكى سەنئەتكار دەپ ئاتىساڭلا، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن» دەپ ئاچچىقلانغانىدى. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كەمتەرلىك بىلەن سۇغۇرلغان ئاشۇ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ. بىر قېتىم مەن مەرھۇم يازغۇچى جاپپار ئەخمەت ئاكا بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىنىڭ ھوزۇرىدا بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكا بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشۈم بولغاچقا، تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئۇنىڭغا: «سىز بىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىمىز بولۇپلا قالماي، دەۋرىمىزنىڭ ئالىمىدۇرسىز» دېسەم، ئۇ ماڭا: «ئىنىم، سىزدىن خوش بوپ قالاي، مۇشۇ ‹ئالىم› دېگەن سۆزنى ماڭا ئىشلەتمىسىڭىز. سىزگە نەسىھەت بولۇپ قالسۇن، بىراۋغا ئالدىراپلا ئالىم، سەنئەتكار دېگەندەك سۈپەتلەشنى ئىشلەتمەڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئېيتماققا شۇنچىلىك ئاددىي تۇيۇلغان بىلەن، ھۆددسىدىن چىقماق تولىمۇ قىيىن سۆزلەردۇر» دېگەنىدى. ئۇشبۇتاپتا شۇ ئۇستازلىرىمىزنىڭ كىچىك پېئىللىكىنى تولىمۇ سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنداقلا يۇقىرىقى ئۇلۇغلىرىمىزنى ھازىرقى بىر قىسىم قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ، ئۆزلىرىنى دەبدەبلىك تەرىپلەشلەر بىلەن ئاتاۋاتقانلارغا سېلىشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئىلىمگەر بىلەن ساختا ئىلىمگەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان – زېمىن پەرقنى ھېس قىلغاندەك بولۇپ قالدىم.

6 (2).jpg

     ئەلسۆيەر: دىيارىمىزدىكى ئىلىم ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان بىنورمال ھادىسىلەرگە نىسبەتەن كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ھەمدە قۇلاق يوپۇرۋېلىشىغا قانداق قارايسىز؟
    ھاجى ئۆمەر: ئىلىم بىزگە ئەقىل – پاراسەت، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، بىزنى نادانلىق، جاھالەت ۋە زۇلمەتكە قارشى چىقىشقا ئۈندەيدۇ. ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىلىم ئىگىسىدە ئىلىممۇ غۇرۇرمۇ تەڭ بولۇشى كېرەك. ئىلىم ئەھلىلىرى دادىل سۆزلەش، دادىل پىكىر قىلىش، دادىل يېزىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى جۇلالاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۆزىدە بار بولغان ئىلىمىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلايدۇ، كىمكى ناھەقچىلىككە ياكى ئىلىم قويمىچىلىقىغا سۈكۈتتە بولىدىكەن، بىز ئۇلارنى ئېتراپ قىلساقمۇ، ئۇلار ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار ۋىجدانى مەسئۇلىيىتىگە يۈز كېلەلىسە، يەنىلا سۈكۈتتە تۇرىۋەرسۇن.
   مەن جەمئىيەتشۇناس، دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىلىم قويمىچىلىرىغا دادىللىق بىلەن رەدىيە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمەن. ماڭا دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بىر قېتىملىق لېكسىيەسىدىكى مۇنۇ سۆزلىرى تولىمۇ تەسىر قىلدى، ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:
    ـــ يېقىندىن بۇيان دەۋرىمىزدە زامانىۋى مەدداھلار، ئاQ  چە نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش ئۆزمەپتۇنلۇق شەكلىدە ئىپادىلەنمەكتە، ئۇلار ‹ئاتام ئېيتقان بايقى› نىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدىغان نەسىھەت – ئۆگۈتلىرىنى نومۇس قىلماي ئوتتۇرىغا قويۇشىۋاتىدۇ. ئاددىيسى ئۇلار ئۆز ساھەسىدە سىستېمىلىق ئوقىمىغان ۋە چۇڭقۇر تەتقىق قىلمىغان بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى دەمالىققا روھلاندۇرىدىغان سۆزلەرنى دېمەكتە، مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاسپىرىندىن پەرقى يوقتۇر، چۈنكى بىز ئاسپىرىن يېسەك بېشىمىز دەماللىققا ساقايغاندەك قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ ئاسارىتى بەدىنىمىزگە زىيان سالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۇ ئاتالمىش پىسخولوگ ۋە ناتىقلارنىڭ سۆزلىرىگە بىر دەملىك ھاياجانلىنىمىز – دە، تۆلىگەن پۇللىرىمىزغا ئىچىمىز ئاغرىمايدۇ، ئەمما ئۇ سۆزلەر ئەمەلىيىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە كەلگەندە قىلچە رول ئوينىيالمايدۇ. ئاڭ تەرەققىياتىمىز بىز ئۇچرىغان تېكىست ۋە نۇتۇقلارنىڭ مەھسۇلىدۇر، مۇبادا بىز ئۇچىرىغان نۇتۇق ۋە تېكستلەر تېيىز بولسا، تەپەككۇرىمىزدىمۇ تېيىزلىق يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل مەزمۇنى تېيىز ئاتالمىش نۇتۇقلارنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئېغىردۇر، ئۇلار تەپەككۇرىمىزنى بۇلغايدۇ، شۇنداقلا زەخمىلەندۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىش بىر ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئەقەللىي پەزىلىتىدۇر، شۇڭا بىر ئىلىم ئىگىسى ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ كەمتەرلىكنى ئۆزىگە يار قىلىشى كېرەك. ئەمما بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىزدا ئۆز مەپتۇنلۇق ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، خۇددى ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىۋاتىدۇ، بۇ بەك خەتەرلىك ئىش. بىز ئۆز – ئۆزىمىزگە ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى خەلقئارالىق تامچى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى خەلقئارالىق مەدداھ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى خەلقئارالىق ئەخلەتچى دېگەندەك ناملارنى خالىغانچە بېرىۋالساق بولىدۇ، ئەمما ئاشۇ ناملىرىمىز ئۆزىمىزنى تەبىئىيلا زاڭلىق قىلىۋاتقان بولىدۇ. قىسقىسى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئاتالمىش پىسخولوگ، ئاتالمىش مۇۋەپپەققىيەتشۇناس، ئاتالمىش ناتىقلارنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدىغان جاسارەتلىك ئىلىم ئىگىلىرى ناھايىتى زۆرۈردۇر.
     زۇلپىقار باراتقا مۇشۇ سەۋەبلىك خىلمۇ خىل قىسمەتلەر كەلگەن بولۇشى ياكى كېلىشى مۇمكىن، ئەمما «ھەقىقەت مەشئىلىنى كۆتۈرگىچىلەرنىڭ قولى كۆيسىمۇ، ۋىجدانى كۆيمەيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا مەن زۇلپىقار باراتنىڭ ھازىرقى دادىل پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئىلىمنى سۆيۈش، ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھېسىيات بىلەن ئەمەس ئەقلى بىلەن تونۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى ئىنسان ئۈچۈن سەمىمىيلىك ئەڭ ياخشى تونۇشتۇرۇشتۇر، ئۆزىنى ئۆزى ماختاپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئالچاڭلاش ئۇچچىغا چىققان ئەخمەقلىقتۇر، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەپتى – بەشرىسى ھامان خەلقى ئالەمگە پۇر كېتىدۇ، ئۇلار خەلقىنى ئالدىغانلىقىنىڭ بەدىلىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ. قويمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك بىلەن گاللىرىغا يۇتۇۋالغان ئاشۇ – مال دۇنيالىرى ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى لەنەت تۈۋرىكىگە مىخلايدۇ.

2014 – يىلى 13 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە يېزىلدى


18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 01:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىلىم قويمىچىلىقىغا ئائىت مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئىلىم ساختىپەزلىرىنىڭ خەلقىمىزنى داۋاملىق ئالداۋېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

1417

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 01:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىلگەننى خەقتىن ئايىماسلىق كىرەك ،خەلىققە بىلدۇرۇش ئۇچۇن سۆزلەش ئەيىپ ئەمەس ،بۇ تىمىدا دىيىلگەن ،ئىلىم ساختىلىغى توغرىسىدا ،ئەڭ ئاۋال ئوزىڭىز   ئىلىمىي بولغان پاكىتلار ئارقىلىق شۇ خىل ساختىلىققا  ئوچوق ئاشكارا رەددىيە بەرگەن بولسىڭىز مۇنازىرە تىخمۇ قىززىغان بولار ئىدى ...

18

تېما

17

دوست

4034

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1300
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 01:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zayumka يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 01:42
مىنىڭچە بىلگەننى خەقتىن ئايىماسلىق كىرەك ،خەلىققە بىل ...

ئۇچۇق ئاشكارە ئالمىساقمۇ، بۇلارنىڭ كىملىكى ئۆزلىرىگە ئايان. قانۇننىڭ سورىقىغا تارتىلمىغان بەزى قىلمىشلار ھامان ۋىجداننىڭ سورىقىغا تارتىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

95

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32696
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:06:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئەل سۆيەر، سىز بىر سورۇندا «ئۆسەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر - بىرىنى پالۋان دەيدۇ، چۆكەر يۇرتنىڭ بالىلىرى بىر - بىرىنى گالۋاڭ دەيدۇ» دېگەنتىڭىز، ئەمدى سىزمۇ گالۋاڭ دېيىشكە باشلىغان ئوخشىمامسىز؟ قېنى سىز پاكىت بىلەن بىر قانچىنى دەپ باقماقسىز؟!

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4354
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:15:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsuyer يوللىغان ۋاقتى  2014-12-14 01:51
ئۇچۇق ئاشكارە ئالمىساقمۇ، بۇلارنىڭ كىملىكى ئۆزلىرىگ ...

  ئىلىم قويمىچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى ياخشى چارە ئىلىم ئۈگىنىش ۋە بىرلىكتە ھەمبەھىرلىنىش ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئىلمىنى زىيادە قىلىش...
  ئۆزىگە ئىنىق بولمىغان ئىلىملەرگە نىسبەتەن بىر تەرەپكە يان بىسىپ بىر تەرەپكە ھۇجۇم قىلماسلىق.
  بۇ تەرەپتە باغداش مۇنبىرى خېلى ئۈلگىلىك دەپ قارايمەن. باشقا مۇنبەرلەر قۇبۇل قىلمىغان بىر تىما بار. باغداشتا ھىلىمۇ قاتتىق تۇرۇپتۇ.

0

تېما

0

دوست

95

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32696
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:18:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ «ماقالىڭىز» دە : «ئەمەلىيەتتە ئىلمىي لېكسىيەلەرنىڭ سۆزلەنگىنى ناھايىتى ياخشى ئىش، بىراق ئۇنى ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرى، تالانتلىقلار ۋە خەلققە ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان ئادەملىرىمىزلا سۆزلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا خەلقىمىزنىڭ ئىلىم قۇرۇلمىسى ھەقىقىي مۇكەممەللىشىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ.» دەپسىز، مېنىڭچە بىر خەلقنىڭ ئىلىم قۇرۇلمىسىنى پەقەت لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىقلا تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك سىجىل تەربىيەنىڭ ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ئىش.

0

تېما

0

دوست

1089

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8346
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 02:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەت مەشھۇرلۇق كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارغا تەنقىد بېرىش كىرەك ، ئېلىم ساقتىلىقىقىغا قەتئى قارشى تۇرۇش كىرەك، دىگەندەك دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن تولۇپتۇ لىكىن سۆھبەتلەشكۈچى ھەرئىككى  تەرەپ ئىسمىنى ئاتىماي دۇت قويۇپتۇ   ئەلسۆيەر ئەپەندى ئىككىنچى قەۋەتتە« تورداشلارنىڭ دىيارىمىزدىكى ئىلىم قويمىچىلىقىغا ئائىت مەسلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئىلىم ساختىپەزلىرىنىڭ خەلقىمىزنى داۋاملىق ئالداۋېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»دىيىش ئارقىلىق بۇ مۇنازىرىنى مەدىنيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى پاش قىلىش پىپەن قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرماقچى بوپتۇ . بۇنداق شەكىدە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇلسا ئالدىن كۆزلىگەن ئىجابى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولمايلا  قالماي  تورداشلار ئارا تەبرىقچىلىققا تۇترۇق سالغانغا باراۋەر بولدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )