- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4494
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
  83.13%
|
بىر مەسىلىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك .
لېكسىيەنى چوقۇم تونۇلغان ئىلىم ئەھلى سۆزلىمەيدۇ ، لېكسىيە دىگەن زادى نىمە ، كۆپىنچە كىشىلەردە بۇ نۇقتا تېخىچە غۇۋاكەن .
لېكسىيە دىگەن ھەرخىل بولىدۇ ، گەپ ئۇنى كىم ، قانداق ئورۇندا ، قايسى مۇھىتتا سۆزلەش ،
ئاپتور ئېيتقانداق زۇلپىقار بارات جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى ، ئۇ ئەلۋەتتە جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن لېكسىيە سۆزلەشكە بىلىم ۋە ئۇنۋان جەھەتتىن تامامەن ھەقلىق . لېكىن زۇلپىقار بارات ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش توغۇرلۇق لېكسىيە سۆزلىمەيدۇ ،ھەم سۆزلىسىمۇ بولمايدۇ . چۈنكى بۇ ئۇنىڭ كەسپى ئەمەس ،
بوستۇندىكى قەيسەر مىجىت ، ئىقتىسادشۇناس ، پۇل تېپىش توغرىسىدا سۆزلىيەلەيدۇ ھەم سۆزلايدۇ ، لېكىن قەيسەر مىجىت بىر دوكتۇر ھەم مۇۋەپپىقىيەت قازانغان شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن پىسخىك مەسلىھەت توغۇرلۇق ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دۇنيا كۆرگەن ئۇنۋېرسال بىلىمىغا تايىنىپ قىسمەن مەسلىھەت بېرەلەسىمۇ لېكىن ھەقىقىي بىر پىسخىك دوختۇردىدەك پىسخىك تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەيدۇ .
مۇشۇ مۇنبەرمۇ بىر شەكلى ئۆزگەرگەن لېكسىيە سورۇنى ،
شۇنداق قاراپ باقساق ، قەيسەرمىجىت ، تاشپولات روزى ، بىلىمخۇمار ، بىلگىجان ،ئابدۇرىھىم ئابلەتخان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بار ، بۇلار ئىزچىل ئۆزىنىڭ چەمبىركى ئاساسىدالا پىكىر يۈرگۈزۈپ ھۆرمەتكە ،ئالقىشقا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى ،
بۇلاردىن بىرەرسى مەن مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ،ئېتىراپ قىلىنغان شەخس دەپ ھازىرغىچە ئۆز كەسپىدىن ئازراقمۇ چەتنىگەن پىكىرلەرنى قىلىپ باقمىدى ، ئۈن تىنسىز ئۆز بىلىم دائىرىسىدە پىكىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ، شۇڭا بۇلار ھۆرمەتكە سازاۋەر ..
داۋامى بار ......... |
|