- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4034
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
  67.8%
|
qahqakqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 17:10 
بىر مىللەت،بىر قەۋم،بىر رايۇنغا نىسبەتەن شۇ كىشىلەرنى ...
يېقىندىن بېرى ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈردىغان،ۋىژدانىنى ئۆرتەيدىغان،نۇرغۇن ئىشلار بوپ ئۆتتى،سەيپۇڭ قۇپۇپ سەيپۇڭلۇق قىلغان قايچا بىلان كالا بوغۇزلاش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى،تامچى تام سۇۋايدىغان ئەندىۋەسى بىلەن ساقال قىرقىپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش،شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتقۇزۇشنى ئويلاپ لېكسىيە سۆزلىدى.....نان يېقىشتا ۋايىغا يەتكەن بىر ئۇستام توردا ھەمىشە موزدوزلىقنىڭ،سەيپۇڭلىقنىڭ،ساتراچلىقنىڭ،تامچىلىقنىڭ.........ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىش ئۈچۈن پايدىسى تېگىشى بىلەن كارى يوق،ئۆزىنى ماختاۋاتقان ئۇيغۇر ئۈچۈن كىچە-كۈندۈز ماقالە يوللاشقا ئالدىرىدى.....ئۈمىد غېنى لېكسىيە سۆزلەپ نام قازاندى،چۈنكى ئۇ لېكسىيەسىدە ئىسلام توغرىلىق ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى ئايىمىدى،يەنە بىر كىملەر ئاتۇشتا،ئۇ يەردە بۇ يەردە لېكسىيە سۆزلەشتى......بۇ لېكسىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن قانچىلىك قوزغاتقۇچىلىق رولى بولدى
يازغۇچىلارنىڭ ئادەمدەك ياشاش ئىرادىسى ئاللاقاچان جېنىنى ساقلاپ ياشاشقىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن،سەنئەتچىلەرمۇ ئىشەكنىڭ ئورنىدا قالغان،زىيالىلار بولسا نام-ئاتاق ئۈچۈنلا توڭگۇزدەك ياشاشقا ئۈگىنىپ كەتكەن بۇ شارائىتتا تۇرۇپلا ئۇيغۇرلار راستىنلا ياشاۋاتامدىغاندۇ؟.....دىگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ئادەمنى.....توغرا ئۇيغرلار ھازىر ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى،ئۆيلىرى بىنا،دېھقانلىرى كۈندە گۆش يەۋاتىدۇ......تەرەققىيات شۇنداق ياخشى بوپ كەتتى،بىراق يۈرەكچۇ؟.........ھەقىقى ئادەمدەك ياشايدىغان ئۇيغۇر ئاز قالدى.....شۇڭا تېمىدىكى بەزى مەزمۇنلار بەزىلەرنىڭ بىر يەرلىرىگە تېكەتكەندەك قىلغىنى بىلەن ھازىرقى شارائىتقا ئۇيغۇن يېزىلغان دەپ قارايمەن،چۈنكى ئادەم بىلەن ئىشەكنى،توڭگۇزنى،ئىتنى پەرق قىلالماي ياشاۋەرسەك،مۇشۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەرمۇ شۇلاردەك بوپ كىتىدۇ-دە،دۇنيادا ئۇيغۇر بولمايدۇ،پەقەت ئۇيغۇردىن ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر تۈركۈم ھايۋانلار بولىدۇ....
بۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ يۇقىرىقى بۆلەكلىرى ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدىكەن... |
|