قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kitabhumar

رايونىمىزدىكى ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 18:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋول سىترىت ۋە ئامىرىكا (2)

نەغەم تۆمۈر

نەقىل: ۋول سىترىتتا ئىككەيلەن بىر قۇتا كونسىرۋانىڭ سودىسىنى قىلىپتۇ، ئۇلار باھانى بارا بارا كۆپەيتىپ قارشى تەرەپكە سېتىپ بېرىدىكەن. ئۇلار ئۈزلۈكسىز سودا قىلىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كونسىرۋانىڭ باھاسى شۇنچىلىك ئۆسۈپ كىتىپتۇكى، ئىچىدىكى بىرەيلەن قىزىقىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كونسىرۋانىڭ ئاغزىنى ئېچىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان سېسىپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ. يەنە بىرەيلەن بولسا ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلاپتۇ:‹ نىمىشقا ئاغزىنى ئېچىۋەتتىڭ، كونسىرۋا دىگەن سودا قىلىدىغان نەرسە، يەيدىغان نەرسە ئەمەس!›
--------------------------------------
تايلاندنىڭ پايتەختى بانكوك 17-ئەسىرلەردە كىچىككىنە بېلىقچىلىق كەنتى ئىدى، ھازىر بولسا ئاسىيادىكى تەرەققى قىلغان، ئېگىز بىنا ۋە كۆركەم ماشىنىلار بىلەن تولغان زامانىۋى شەھەرگە ئايلاندى.
1996-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تايلاند ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى خۇشاللىقلىرىنى يۇشۇرالماي قالدى، چۈنكى شياڭگاڭنىڭ جۇڭگوغا قايتىدىغان كۈنلىرى يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى. جۇڭگونىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىشى بانكوكنىڭ ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلىنىشىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئىزچىل كەڭچىللىك بىلەن باشقۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان تايلاند پۇل مۇئامىلە بازىرى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتى بىلەن، بىر ئاخشامدىلا دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە ئەگىشىشكە باشلىدى.
تايلاند پۇلىنىڭ پېرىۋوتى ناھايىتى تۇراقلىق بۇلىۋاتاتتى.
چەتئەل مەبلىغى تايلاندقا ئېقىن سۇدەك كىرىشكە باشلىدى.
تايلاند!
تايلاند كارخانىلىرى مەستخۇش بولدى، تايلاند پۇل مۇئامىلىسى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى، تايلاند خەلقى تەنتەنىگە چۈشتى...
لىكىن، ئۇلار كۆرۈنمەس بىر قارا قولنىڭ ئۇلارغا قاراپ سوزىلىۋاتقانلىقىنى تېخى پەملىيەلمىگەنىدى.
1997-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تايلاند پۇل مۇئامىلە بازىرىدا بىنورمال كەيپىيات كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ھېچكىم نىمە بولغىنىنى دەپ بېرەلمىسىمۇ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكىلەردە ۋەھىمە ئەۋج ئالدى، بىر قىسىم كىشىلەر غىپ غىپلا قاچتى، كۆپىنچە كىشىلەر بولسا تايلاند ئۈچۈن بەخت تىلىشەتتى.
2-ئايغا كەلگەندە تايلاند بازىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان دولقۇن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاكسىيە بازىرىدا كۈچىيىۋاتقان تايلاند پۇلى تۇيۇقسىزلا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئوبىيكتىغا ئايلىنىپ قالدى. تەسەللىگە ماھىر تايلاندلىقلار بۇخىل ۋەزىيەت تېزلا ئۆتۈپ كىتىدۇ دەپ ئويلىشاتتى.
5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە بولسا پۈتۈن تايلاند ساراسىمىگە چۈشتى، خەلقئارا پېرىۋوت بازىرىدىكى بىر مەۋھۇم كۈچ تايلاند پۇلىغا ھەدەپ زەربە بېرىۋاتاتتى. ئۇ خۇددى باتۇر سەركەردىنىڭ ئارمىيە قوشۇنىدەك جاسارەت بىلەن تايلاند پۇلىنى تۆكمە قىلىپ، پاخاللاشتۇرماقچى، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرىدىن پايدا ئالماقچى ئىدى. 5-ئاينىڭ15-14-ئىككى كۈن ئىچىدىلا تايلاند پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى، تايلاند پاي كۆرسەتكۈچى يىل بېشىدىكى 1200 نۇقتىدىن بىراقلا 551 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. پۈتۈن تايلاند داۋالغۇشقا باشلىدى، گەرچە تايلاند مەركىزى بانكىسى سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىدە پۇل پېرىۋوتىنى كونترول قىلغان بولسىمۇ، لىكىن تايلاند ئاللىقاچان ئېغىر يارىلانغانىدى، پېرۋوت زاپىسى بولسا زور مىقداردا كېمەيگەنىدى.
بۇ يەردىكى پۇلنى تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە پېرۋوت زاپىسى توغرىسىدا ياندىن بايان قېتىپ ئۆتەي: كۆرۈنمەس قارا قول ئالدى بىلەن كۆپ مىقداردا تايلاند پۇلى ئارىيەت ئالىدۇ ۋە پېرۋوت بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىپ دوللارغا ئالماشتۇرىدۇ. تايلاند غەزىنىسىدىكى دوللار ئازلاپ، ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغاندا بولسا، تايلاندنىڭ پېرۋوت سېستىمىسى يۇقىرى پېرۋوت نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. نەتىجىدە تايلاند پۇلى پاخاللىشىپ پۇلغا يارىماس بۇلىدۇ. كۆرۈنمەس كۈچ بۇ چاغدا ئارىيەت ئالغان تايلاند پۇلىنى قايتۇرىۋىتىپ، قالغان پۇلىنى يانچۇقىغا سالىدۇ.
7-ئاينىڭ 2-كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى 13 يىلدىن بۇيان دوللارغا باغلاپ قويغان پېرۋوت سىياسىتىنى، ئۆزگىرىشچان باشقۇرىلىدىغان پېرۋوت سىياسىتىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرى يەنە بىر قېتىم داۋالغۇدى، شۇ كۈنى تايلاند پۇلىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش قىممىتى %18 چۈشۈپ كەتتى. پېرۋوت سىياسىتى ئۆزگەرگەن بىر ئاي ئىچىدە تايلاند پۇلى ھەتتاكى ئۆسۈپ باقمىدى. 7-ئاينىڭ 14-23-24-كۈنلىرى 1 دوللار 29.75 تايلاند پۇلى، 32.50 تايلاند پۇلى، 32.63 تايلاند پۇلى قاتارلىق ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۇل پاخاللىقىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا %25 گە يەتكۈزدى.
بىچارە تايلاند خەلقى بىر ئۇخلاپ قوپۇپلا ئۆزىنىڭ نامراتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، بەزىلەر يىغلاشتى، بەزىلەر

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 20:21:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن بىلەن خەلق پۇلىنىڭ تەقدىرى
نىۇداۋ
دولان تەرجىمىسى
تۈنۈگۈنكەچ، ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ 1243 دوللارغا چىقتى، كېيىن ئەسلىگە قايتىپ باھاتۆۋەنلەپ 1227-1230 دوللار بولدى، بۇخىل بازار ھادىسىسى جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىدادوللارنىڭ كۆپ قالمىغانلىقىنى، ئالتۇننى زاپاس ساقلىيالمايدېغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇقېتىمئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بازارغاكېرگەنلىكىدىندۇر، خەلقئارا كاپىتال بازىرىدىكى ئاتالمىش جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىجۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنى كۆرسىتىدۇ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى بۇكېلەڭسىزئېمپىرىيە ئومۇميۈزلىك بەربات بولۇشقا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، پاخاللاشقان پۇلپەيدا قىلغان ئىقتىسادىي كۆپۈكنىڭ ئاخىرقى ئاقىۋىتى تولۇق ئىپادىلىنىۋاتاتتى؛نۆۋەتتە مەركىزىي بانكىنىڭ قىلالايدېغىنى بارلىق پېرېۋۇت زاپىسىنى خەجلەپتۈگۈتۈۋېتىش، مانابۇ پېقېر ئېيتقان < ھەلقىلغۇچ ئورۇش باشلىنىشتىن بورۇن، ئوقنىئېتىپ تۈگۈتۈش > دېيىلىدۇ، ھازىرچە ئۇلارنىڭ ھوقۇق-كۈچى بار، قاچانھوقۇق-كۈچىدىن قالىدىغانلىقىغا بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ12-ئايدىكى نېفىت ئىمپورتى 30 مىليون 370 مىڭ تونناغا يېتىپ، 2005-يىلدىن بۇيانيوقۇرى چەككە چىقىدۇ؛ تامۇژنا سانلىق مەلۇماتىدا، جۇڭگونىڭ 2014-يىللىق نېفىتئىمپورتى 310 مىليون توننا بولۇپ، %9.5 ئاشتى؛ تۆمۈر رودىسى930 مىليون توننا بولۇپ، %13.8 ئاشتى؛ مىس ۋە مىسماتىرىيالى 4 مىليون 800 مىڭ توننا بولدى دەپ، پەقەت سانلىق مەلۇماتنىلا ئېلانقىلىپ سوممىسىنى ئېلان قىلمىدى؛ بۇ جۇڭگو تامۇژنىسى بىلەن مەركىزىي بانكىنىڭ ئوخشاشلايۈرىكى پوك-پوك ئىكەنلىكىنى، ساختىپەز ئىكەنلىكىنى، ئېلان قىلىشقا جۇرئەتقىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ نەزىرىيە جەھەتتە تامۇژنا سېتىۋالغانئىستىراتېگىيەلىك ماددىي-ئەشيا زاپىسىنى قانچە باھادا سېتىۋالغاننى ئاشكارىلاپ،ئاممىغا ئېنىق ئوقتۇرۇشى كېرەك ئىدى، لىكىن جۇرئەت قىلالمىدى.
مۇشۇپەيتتە ئالتۇن سېتىۋالغىنى ئۇلارنىڭ ئىستىراتېگىيە جەھەتتىكى يەنەبىر خاتالىقى،مەركىزىي بانكا دوللار قىممىتىنىڭ ئۆسۈپ قانچى نوقتىغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ئالتۇنقىممىتىنىڭ چۈشۈپ قايسى نوقتىغا كېلىشىنى ئەسلا بىلمەيدۇ، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىكسانلىق مەلۇماتنى ۋە قالدۇق سوممىنى ئېلان قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ؛ نېفىت،تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ، سوممىسىنى ئېلانقىلماسلىقى، بەكمۇ غەلىتە ئەھۋال.
شۇنىكۆرۋەلىش تەسئەمەسكى ، ئالتۇن قىممىتىنىڭ چۈشۈشى باشقا سەۋەب ئەمەس دەل دوللارقىممىتىنىڭ ئاشقانلىقى، ئۇندىن باشقا مەركىزى بانكا بىلەن تامۇژنانىڭ داۋاملىق يالغانسانلىق مەلۇمات ئويدۇرۇپ چىقىشىدۇر؛ جۇڭگونىڭ 12-ئايلىق سودا ئاكتىپ بالانىسى 49مىليارت 610 مىليون دوللار، ئالدىن مۆلچەرى 49 مىليارد دوللار، قىممىتى 54 مىليارد470 مىليون دوللار بولغان؛ 12-ئايدىكى ئېكىسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان،ئالدىن مۆلچەرى %6.0 بولۇپ، قىممىتى %4.7ئاشقان؛ 12-ئايدىكى ئىمپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4تۆۋەنلەپ، ئالدىن مۆلچەردىكىدىن %6.2تۆۋەنلەپ، قىممىتى %6.7 تۆۋەنلىگەن.
يوقۇرقى 1-سەۋەبتىن شۇنەرسە ئېنىقى، 2014-يىلى12-ئايدا پەقەت 22 سودا كۈنى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 21 سودا كۈنىدە بالتىق دېڭىزىدىن ئۆتكەنمال مىقدارى تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش دائىرىسى %40 ئەتراپىدا بولغان تۇرسا، جۇڭگونىڭ ئېكىسپورتىدا نەدىمۇ ئېشىش بولسۇن؟ يالغان سانئويدۇرۇپ دۇنيانى ئالداشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ 2-سەۋەبتىن شۇنى كۆرۋالغىلى بولۇدۇكى،12-ئايدا چاڭجاڭ دىلتىسى ۋە جۇجاڭ دىلتىسىدىكى ئېكىسپورت كارخانىسى كەڭكۆلەمدەتاقىلىپ، خۇجايىنلار قېچىپ كېتىپ، كارخاننىڭ ۋەيران بولغانلىق خەۋېرى دائىم خەۋەر قىلىنىۋاتسا،نەدىمۇ ئېشىش بولسۇن؟ ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ بېرىپ تەكشۈرۈپ باق، يالغان سانلىق مەلۇماتبىلەن ئادەم ئالدىما.
باشقا سەۋەبنى دېمىگەندىمۇ، دوللار قىممىتىنىڭئېشىشى، ئېكىسپورت كارخانىسىغا ئەڭچوڭ زەربە بېرىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئېكىسپورتنىئاشتى دېگەنلىك ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، بۇ ھەممە كىشى ئويلاپ يېتەلەيدىغانئاددىي ھەقىقەت، ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرنى ئالدىماڭلار.
ئېكىسپورتقا باج قايتۇرۇپ ئىمپورتقا باجقوشۇشتەك كونا ئۇسۇلنى ئەمدى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ، خەلقئارا نېفىت باھاسى زورھەجىمدە چۈشۈپ كەتسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە بېنزىن باھاسى ئازراقلا تۆۋەنلىدى، ئەكسىچەيېقۇلغۇ ئىستىمال بېجى 3 قېتىم ئۆستۈرۈلدى، مانابۇ جۇڭگو؛ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىرھۆكۈمەتنىڭ باجنى ئۆستۈرۈش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆستۈرىمەندېسە ئۆستۈرەلەيدۇ، چۈكى ھەرقانداق بىر ئىجتىمائى تەشكىلاتنىڭ نازارىتى كېرەكئەمەس، ئۆزلىرى قانۇن-پەرماننى ئېلان قىلسىلا كۇپايە.
يوقۇرقى نوقتىلاردىن تەھلىل قىلغاندا، ئالتۇنبىلەن خەلق پۇلى بىريىپقا باغلانغان، روناق
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:08:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻫﯘﺟﯘﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺳﯩﻨﺎ ﺗﻮﺭﻯ | ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 21-01-2015
01:30
00:00




ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﻣﻮﺩﻯ (Moody) ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻫﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻗﻪﺭﺯﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻫﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﻏﯘﻟﻐﯘﻻ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﻣﻮﺩﯨﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻫﺎﺳﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ «ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ» ﺗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﭘﯘﺭ (Standard & Poor's)، ﻓﯩﭻ (Fitch Ratings) ﻻﺭﻣﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ «ﭘﯘﻝ-ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﻰ» ﻧﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻛﯚﭖ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻗﻪﺭﺯﻯ «ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ» ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ 151.5 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻠﯩﻖ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻰ» ﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﻪﺭﯨﺰﻯ» ﺩﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻏﻪﺭﻩﺯ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻏﻪﺭﺏ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﭼﺎﭘﻘﯘﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻫﯘﺟﯘﻣﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﯞﻩ ﭘﯘﻝ ﺟﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﻻﺵ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﺭﺩﻯ ﯞﻩ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺑﯘ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺟﯧﯖﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯗ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺷﻪﺭﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮﺭﻯ | ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 21-01-2015
01:05
00:00




ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻧﯩﺘﺎﻧﻴﺎﺧﯘ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﯥ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺷﺘﻰ.

ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯩﺘﺎﻧﻴﺎﺧﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﺎﺑﯥ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ، ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﺎﺑﯩﻨﯧﺘﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4-ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ-ﺳﻮﺩﺍ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯩﻼﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﻫﻪﻣﺪﻩ 2020-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻜﺴﭙﻮﺭﺕ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 100 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:19:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺧﻪﯞﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺷﻪﺭﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﺭﻯ | ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 21-01-2015
01:18
00:00




ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ «2015-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﯞﭖ-ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ» ﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ 2015-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 28 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺧﻪﯞﭖ-ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ، ﻣﯘﻫﯩﺖ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 5 ﭼﻮﯓ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ، 900 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﯞﭖ-ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ» ﻛﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺑﯘ ﺧﻪﯞﭖ-ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ 10 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯚﻟﭽﻪﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ 5 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﻪﯞﭖ 2015-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺘﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻫﺎﯞﺍﺭﺍﻳﻰ ﻫﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ (ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ)، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ (ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ)، ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﻰ (ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ) ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ (ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ) ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﻤﺎﻗﺘﺎ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺧﯧﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ | ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 17-01-2015
01:13
00:00




1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ 2014-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ 2014-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 50 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺯﺍﻳﻐﺎﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ 2014-ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ 2013-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 20 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺗﺎﻧﺎﺳﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﺪﺍ، ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﺷﺴﺎ، ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻰ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭼﯜﺷﺴﻪ، ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 00:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ % 99 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ % 1 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ
ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺗﻮﺭﻯ | ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 21-01-2015
01:13
00:00




ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺸﺘﺎﺑﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﮔﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ Oxfam ﻧﯩﯔ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19-ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، 2016-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ %1 ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ %99 ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

Oxfam ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ %1 ﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯜﻟﯜﺷﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2009-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ %44 ﺗﯩﻦ 2014-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ %48 ﻛﻪ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ، ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ 2016-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ %50 ﺗﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

Oxfam ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯨﻨﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺮﻧﺎﻳﻤﺎ (winnie Bayer Nima) ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ ﺩﺍﯞﯗﺱ (Davos) ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ 2015-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ﺑﺎﺟﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﯞﻩ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 10:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋول سىترىت ۋە ئامىرىكا(3)

نەغەم تۆمۈر

ئەگەر بىر جۈملە سۆز بىلەنلا ۋول سىترىتنى تەسۋىرلەپ بەر دىسە، مەن ‹ئۇ كىشىنى ھەم سۈيۈندۈرىدىغان ھەم غەزەپلەندۈرىدىغان جاي› دەپ جاۋاب بېرەتتىم. بەزىلەر ۋول سىترىتنى بىر تەرىپى دەريا، يەنە بىر تەرىپى قەبرىگە ئۇلانغان كوچا دىيىشىدۇ، كاپىتالىستلار كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا، بۇ بېشىدىن يەنە ئۇ بېشىغا ئالدىرىشىپ يۈرىدۇ.
ئۇلارنىڭ دوستى يوق، پەقەت مەنپەئەتلا بار.
يا غەلبە قىلىسىز، يا ئارمان بىلەن ئايرىلىسىز.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا دۇنيادا كۆپ قېتىم چوڭ كىچىك كىرىزىسلار يۈز بېرىپ تۇردى، مەسىلەن ياپونىيە ئىقتىسادى كىرىزىسى، فوندسىتىرلىڭ كىرىزىسى، مىكسىكا كىرىزىسى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىسادى كىرىزىسى...دىگەندەك. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىسادى كىرىزىسى كۆلىمى ۋە خەتىرى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق كىرىزىس بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىنكى دولقۇنلىرى ھەتتا رۇسىيە ۋە بىرازىلىيەلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
ياپۇنىيە ئىقتىسادى پاتقاققا پېتىپ چېكىنىۋاتقان 10 يىلدا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى كىشى قىزغۇنغۇدەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى بۇخىل گۈللىنىش ۋەزىيىتى ئالدى كەينى بولۇپ، كورىيە، تەيۋەن، شياڭگاڭ، سىنگاپور قاتارلىق ‹ئاسىيادىكى تۆت كىچىك ئەجدىرھا› ۋە تايلاند، فىلىپپىن، ھىندونوزىيە، مالايسىيا قاتارلىق ‹ئاسىيادىكى تۆت كىچىك يولۋاس›نى ئاپىرىدە قىلدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى گەرچە تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لىكىن مالىيە قىزىل رەقىمى، كۆپۈكچە ئىقتىساد ئېغىر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھۇجۇمغا ئۇچراشنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغانىدى. تاشقى جەھەتتە بولسا شۇ يىللىرى ئامىرىكا دوللارنى كۈچەيتىش دولقۇنى قوزغاپ، بۇ دۆلەتلەردىكى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى تېزلىتىۋەتكەنىدى. ئىچكى تاشقى ئامىللارنىڭ بىرىكىشى بىلەن، ئەجدىرھا-يولۋاسلار ۋول سىترىتقا ئەجدىرھا گۆشى ۋە يولۋاش گۆشى بولۇپلا كۆرىنىدۇ ئەلۋەتتە. ئالدىنقى تېمىمىزدا بىز ۋول سىترىتنىڭ بىرىنچى چىشلەم گۆشنى قانداق ئاغزىغا ئالغانلىقىغا شاھىت بولغانىدۇق.
1997-يىلى، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تېخى قانغۇچە تەبرىكلەپ بۇلالماي تۇرۇپلا، شياڭگاڭ سوروس باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
1997-يىلى 8-ئاينىڭ باشلىرى خەلقئارا پېرۋوت بازىرىدا سۆز-چۆچەك تارقىلىشقا باشلىدى، كىشىلەر شياڭگاڭ پۇلىنىڭ پاخاللىشىشىدىن قورقۇشقا باشلىدى...
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، سوروس قاتارلىقلار ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەنلا خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى بىر يىل ئاۋۋالقى 16000 نۇقتىدىن بىراقلا 6600 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى، شياڭگاڭنىڭ تۆت تۆۋۈكى بولغان پۇل-مۇئامىلە، ئۆي-مۈلۈك، سودا ۋە ساياھەتچىلىك تالاپەتكە ئۇچرىدى، شياڭگاڭ ئىقتىسادىدا ھەتتا مەنپى ئۆسۈش كۆرۈلدى.
بۇخىل ۋەزىيەتتە شياڭگاڭ ھۆكۈمىتى ئاكتىپ ھالدا ‹شياڭگاڭنى قوغداش ئۇرۇشى› غا ئاتلاندى. شياڭگاڭ بىر تەرەپتىن پېرۋوت بازىرىدا كۆپلەپ دوللار سېتىپ چىقىرىپ، شياڭگاڭ پۇلى يىغدى، يەنە بىر تەرەپتىن بانكا ئۆسۈمىنى 8.75 دىن 9.5 غا ئۆستۈردى. شياڭگاڭنىڭ تەدبىرى پېرۋوت بازىرىدا تېزلا ئۈنۈم بەردى، شياڭگاڭ پۇلىنىڭ پېرۋوتى 7.5:1 لىق نىسبەتنى ساقلاپ قالدى.
لىكىن ئۆسۈم قوشۇش ۋە پۇل تەمىناتىنى قىسىش بىۋاستە ھالدا پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 14388 نۇقتا بولۇپ، 28-كۈنىگە كەلگەندە 9059 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى، 13 سودا كۈنىدە 5578 نۇقتا چۈشۈپ، ئوتتۇرىچە كۈنلۈك چۈشۈشى 444 نۇقتىغا يەتتى.
1998-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 8000 نۇقتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، لىكىن ۋول سىترىتلىقلار بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، شۇ يىلى 8-ئايدا شياڭگاڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. سوروس ئىگىدارچىلىقىدىكى كۇانتوم فوندى شياڭگاڭ پۇلىنى يەنە تۆكمە قىلىپ، دوللار يىغىشقا باشلىدى، بىر تەرەپتىن دوللار قەرز تارقىتىپ ئۆسۈمىنى يىغسا، يەنە بىر تەرەپتىن خڭشىڭ كۆرسەتكۈچى قەرەللىك ماللىرىنى سېتىپ چىقىراتتى، شۇ ئارقىلىق پاي چېكى بازىرىنى باساتتى. ئەگەر شياڭگاڭ پۇلى داۋاملىق چۈشسە سوروس پېرۋوت بازىرىدا يەنە پايدىسىنى ئېلىۋېرەتتى. شۇ تەرىقىدە خىڭشىڭ كۆرسەتكۈچى 7000 نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ 6600 نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى.
8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە شياڭگاڭ دۆلەت مالىيەسىنى قوزغىتىپ بىۋاستە پېرۋوت بازىرىغا كىردى، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگە قەدەر ئالدى كەينى 118.12 مىللىيارد شياڭگاڭ پۇلىنى قوزغاتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بازار تۈزۈلمىسىنى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئىشەنچىنى ساقلاپ قالدى، سوروس باشچىلىقىدىكى خەلقئارا مەبلەغ بانكىلىرى ئامالسىز تۆكمە قىل
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )