- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13676
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
  9.19%
|
جۇڭگو-رۇسىيە بىرلىشىپ دوللارغا جەڭ ئېلان قىلماقچى
9 [; R% @& u+ H5 U) L& k) G9 [
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
تېڭشۈن تورى خەۋىرى | يوللىغان ۋاقىت :02-01-2015
2 f$ Z# R3 F, e1 @' {6 W8 w. ?
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو رۇبلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل پۇلنى قەرەللىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىدا ئىشلىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ دوللارغا تايىنىپ قېلىشىنى تۆۋەنلىتىپ، كەلگۈسىدە دوللارغا نىسبەتەن خىرىس ئېلىپ كېلىدىكەن. بىراق، دوللار يەنىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق زاپاس پۇل بولغاچقا، جۇڭگونىڭ بۇ قارارى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوللارغا نىسبەتەن پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلالمايدىكەن.
رۇسىيە شەرق مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى سېرگىي ئېيلىن (Sergei A Lin) نىڭ قارىشىچە، جۇڭگو دوللارنىڭ سودىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىدىكەن. سودىدا خەلق پۇلى ۋە رۇبلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىش مەلۇم دەرىجىدە رۇسىيە-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دوللارغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ئاجىزلىتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە جۇڭگو-رۇسىيە سودىسىدىكى پەقەت %10 سودا بىۋاسىتە ئىككى دۆلەت پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىنىدىكەن.
]* N7 e" U0 R- F6 k& N7 a
رۇسىيە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گېزىتى» ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدا دوللارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەن. بۇ خىل شارائىتتا، جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى كەلگۈسىدە خەلق پۇلىنى مالايسىيانىڭ رېڭگىتى، رۇسىيە رۇبلىسى ۋە يېڭى زېلاندىيە دوللىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قەرەللىك سودىدا ئىشلىتىدىكەن.
مەنبە ئەرقال تورى
* S: q- i1 Y/ g# @7 i6 S$ c+ j |
|