قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kitabhumar

رايونىمىزدىكى ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 11:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسادىي چوڭ تاشقىن

نىۇ داۋ
# f# a  D3 d# T2 Y* I
دولان تەرجىمىسى

9 S8 K$ @7 d( ^1 a" b  v
يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى غەلىتە بوپقالدىم دېسە، رۇبلىنىڭ قىممىتى چۈشۈدىغانلىقىنى ۋەخەلق پۇلىنىڭ قىممىتى 22 يۈەنگە چۈشۈدىغانلىقىنى، دۇنيا مالىيە ساھەسىدە پەقەت مەنلا ئىككى يىل بورۇن توغرا پەرەز قېپتىمەن، مەركىزىي بانكىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى يىگاڭ « 2014-يىلى دوللاردىن باشقا پەقەت خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشتى » دەپتىمىش،ۋاي قوۋۇرغام، بۇگەپكە بىركىچە كۆلۈپ ئايلىنىپ قالغىلى تاسلا قالدىم؛ خەلق پۇلى دېگەن كۆپۈك پەيدا قىلىشتىكى باش جىنايەتچى تۇرسا، قانداقسىگە دوللار بىلەن بىرقاتاردا قويغىلى بولسۇن، پۇل قىممىتى مۇقۇم بىر دۆلەت بىلەن زوراۋان مۇستەبىتلىك ئارقىلىق پۇل قىممىتىنى مونىپول قىلىدېغان دۆلەتنى خىجىل بولماي سېلىشتۇرغىلى بولسۇنمۇ؟ ناۋادا قايىل بولمىساڭ، پۇل قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ كۆرۈپ باقمامسەن، شۇزامات گۇمران بولىدۇ.
  بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، خەلق پۇلىنىڭ چۇقۇم قىممىتى چۈشۈدۇ، چۈنكى پۇل قىممىتىنى جۇڭگوھۆكۈمىتى قوغدايمەن دەپمۇ قوغدىيالمايدۇ؛ پۇتىن ئاللىقاچان بۇنى جۇڭگوغائىسپاتلاپ بەردى، پۇتىنمۇ رۇبلىنى قوغدىيالمىدى، شۇڭا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى چۈشۈشتىن بورۇن، مەركىزى بانكا بارلىق ھەركەتچان تاشقى پېرىۋۇت زاپىسىنى ئىشلىتىۋېتىشى كېرەك. بۇخىل بازار رىقابىتى يوشۇرۇن ھالەتتە بولغاچقا، جۇڭگو مەركىزى بانكىسىدىكى بيۇروكراتلار بۇنى كۆرۈپ يېتەلمىدى، بىراق مەن كۆرۈپ يەتتىم، كرىزىس كۆزئالدىمىزدىلا. ھەركۈنى ئىقتىسادىي كۆپۈككە مەھلىيا بولىدىغان بىر ھۆكۈمەتتە نەدىمۇ كرىزىس تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبال بولسۇن؟ چوڭ تاشقىن كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ كۆشۈكى ئىككى پۇل بولغاندا، بۇگەپنىڭ راسلىقىغا ئىشىنىدۇ.
  چوڭ تاشقىن دېگەن نېمە؟ دوللارنىڭ قىممىتى ئۆرلەش باسقۇچىغا كېرگەنلىكى چوڭ تاشقىن دېگەن شۇ،دۇنيادا پەقەت دوللارلا چوڭ تاشقىن پەيدا قىلالايدۇ، باشقا پۇللار بۇنىڭغا قادىرئەمەس؛ ئىنسانىيەت تارىخىدا پەقەت دوللارلا تارىخ يارىتالايدۇ ۋە كەلگۈسىگەيېتەكلەيدۇ. پۇل-بىر دۆلەتنىڭ ئىشەنچ بەلگۈسى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئوبرازى،ئىشەنچنى يوقاتقان پۇل ھامىنى گۇمران بولىدۇ، بۇ تەقدىردىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خەلق پۇلى 2009-يىلدىن باشلاپ ئىشەنچچىنى يوقاتقان بولۇپ، ئاخىرقى تەقدىرىمۇ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ.
  دوللارنىڭ قىممىتى ئېشىش مەزگىلى ئازبولغاندا 7 يىل كۆپ بولغاندا 11 يىلغىچە داۋاملىشىدۇ،بۇمەزگىلدە خەلق پۇلىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلۋېتەلەيدۇ، نۆۋەتتە خەلق پۇلى تۇيۇق يولغا كېرىپ قالدى، بۇنى ھازىرقى بيۇرۇكرات ھۆكۈمەت كونتورۇل قىلالمايدۇ، ئۇلاردا بۇنى ھەل قىلىدېغان ئېقىل-پاراسەتمۇ يوق، ئۇلار ئەمەلگە تايىنىپ يانجۇق توملاشتىن باشقىغا كېرەككە كەلمەيدۇ.
  دوللارپەيدا قىلىدېغان ئۇچ چوڭ تاشقىن: بىرىنچىسى دوللارنىڭ قىممىتى 90 نوقتىدىن 100نوقتىغا چىققۇچە، جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇلىدىن چاتاق چىقىپ، جۇڭگونىڭ بارلىق ئېكىسپورتىغا ۋە دوللارنى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ،جۇڭگو يىغقان بارلىق دوللار تۈگەيدۇ، بۇخىل ئەھۋالدا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى زورھەجىمدە چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشامدۇ؟
  ئىككىنچىسى دوللارنىڭ قىممىتى 100 نوقتىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتى ئۆسۈمنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ قانداقتۇر يېغقان دوللار تۆگەپكېتىش مەسىلىسى بولماستىن بەلكى 1-دەرىجىلك شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دوللارنىڭ ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈشى، دوللار قىممىتى ئېشىش مەزگىلىدىكى مۇققەرەر يۈزلىنىش، بۇنى1-2 قېتىم ئېلىپ بارمايدۇ بەلكى جۇڭگونىڭ ئۆي-مۆلۈك كەسپى ئومۇميۈزلىك گۇمران بولغىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.
  ئۈچۈنچىسى دوللارنىڭ قىممىتى 171 نوقتىغا چىققاندىن كېيىن، بايلىقنى قايتا تەشكىللەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى ھەقىقى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتلەر دوللار بايلىقىنى قايتاتەشكىللەشكە باشلايدۇ، پۈتۈن دۇنيا خەلق پۇلىدىن ۋازكېچىدۇ. جۇڭگودەك يارىماسلارئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، ئۆي-مۆلۈككە تايىنىپ بېيىيدىغان ھۆكۈمەت، پۆتۈن دۇنيانىڭ مازاق ئۇبۇكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىقتىسادىي چوڭ تاشقىن ئارقا-ئارقىدىن يۈزبېرىپ،تارىخىي خاراكتىرلىك ئۆزگۈرىش باشلىنىدۇ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 11:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خەلق پۇلى بىلەن رۇبلى تەقدىرداشمۇ؟
نىۇ داۋ
دولان تەرجىمىسى

  بۈگۈن كەچ، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتىنىڭ پۇلسىياسىتى كېڭەشمىسى، خەلقئارا كاپىتال بازىرىغا ئەجەللىك بومبا تاشلىدى، بۇبەلكىدۇنيانى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۈمكىن، بۇنىسى كۆڭلۈمگە ئايان، سۆزلىسەممۇ ئەھمىيىتى يوق؛ھەل قىلغۇچ ئورۇش باشلىنىشتىن بورۇن كەمىنە مەخسۇس بەت ئاجرىتىپ، 30 پارچە ماقالەيازغان، ئەسلى 50 پارچە يېزىشنى پىلانلىغان ئىدىم، بۈگۈن كەچتىكى ئامېرىكا زاپاسپۇل كومتېتىنىڭ يىغىنى، ئورۇشنىڭ ئاللىقاچان باشلانلىقىنى بېلدۈردى.
    ئالدى بىلەن،ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتى بىريىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ QE نى قىسىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، QE نى قىسىش جەريانىدا، يەرشارىدا دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ قىممىتىچۈشتى، رۇبلىنىڭ %60 قىممىتى چۈشتى؛ بۇقېتىمقى پۇل قىممىتى چۆشۈشتەئىككىخىل ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بىرى بارلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پۇلقىممىتى چۈشىدۇ، يەنەبىرى جۇڭگو بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىيھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتى چۈشىدۇ؛ خەلق پۇلى يەككە-يېگانەقالدى، تەقدىرى قىل ئۇستىدە تۇرماقتا.
    QE نى قىسىش جەريانىدا، خەلق پۇلىنى ئۆلچەم قىلغان بارلىق كاپىتالنىڭ قىممىتى چۈشىدۇ، تۆمۈر رودىسى 2007-يىلدىكى باھاغا، مىس رودىسى 2008-يىلدىكى باھاغا چۈشىدۇ، ئاليومىن 23 يىل بورۇنقى باھاغا چۈشىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقپۇلى قىممىتىنىڭ چۈشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇلار بازاردا ئەكىس ئەتمەيدۇ،سەۋەبى مەركىزى بانكا پېرېۋوت نىسبىتىنى كونتورۇل قىلىدۇ، بۇ پۇتىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە ئارىلاشقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، بەرىبىر ئۆنۈمى بولمايدۇ. شاڭخەي بازىرىغائاللىقاچان تەسىر كۆرسەتتى، خەلق پۇلىنىڭ 6.1960 يۈنلىك  ئالماشتۇرۇش باھاسى، تىزلىكتە 6.2000 يۈەنگەچىقىپ، 6.3000 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، بازارغا شۇنەرسە ئېنىقكى، ناۋاداخەلق پۇلى 6.3000 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۇزىۋەتسە، قىممىتى شىدەت بىلەن چۈشىدۇ. گەرچەمەركىزىي بانكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىسىمۇ، بازار قانۇنۇيىتىئۇنىڭغا باقمايدۇ، ئاشۇ ئاتالمىش يىتەكچى باھا بازار تەرىپىدىن بەربات بولىدۇ.
  بۇبىر ئىقتىسادى چوڭ يۈزلىنىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ ناۋادا جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنياۋى يۈزلىنىشكە قارشى ھەركەت قىلسا،ئىقتىسادى كۆپۈك داۋاملىق چوڭىيىدۇ؛ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش ئىقتىسادى كۆپۈككەھەچقانداق كارقىلمىدى، بازار ئۆسۈمى تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە شىددەت بىلەن ئاشتى. 11-ئايداكۆپەيگەن قەرز پۇللار، ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە ئاكسىيە بازىرىدىكىچەك ھىساۋاتى بولۇپ، ئوقەتچىلىككە بىر تىيىنمۇ پايدىسى بولمىغان، بۇنداق ساختاگۈللۈنىشنىڭ نېمىگە ئەھمىيىتى؟
    12-ئاينىڭ16-كۈنى سودا مېنىستىرلىكى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا ئاشكارىلىشىچە، 11-ئايداجۇڭگونىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەتئەل كاپىتالى 10 مىليارد 360 مىليون دوللار بولۇپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.2 ئاشقان، مۆلچەردىكى %1.1 دىن %1.3 ئاشقان، بۇ ئېنىقلاساختا ئويدۇرۇلغان سانلىق مەلۇمات، بولۇپمۇ تاشقى كاپىتالنىڭ ئاشقانلىقى ئېنىقلاساختا، بۇنىڭدىكى مەقسەت يالغاندىن ئاشۇرۇپ، بازاردا ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىش.ھەقىقى سانلىق مەلۇمات شۇكى، جۇڭگودا پۈتكۈل جەمئىيەت ئىشلەتكەن توك پەقەت %3.3ئاشقان، بۇ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشكە قاراپيۈزلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ بالتىق دېڭىزىدىن چىقارغان مال كۆرسەتكۇچ سانىيەنەبىر قېتىم 1000 نوقتا چۈشۈپ كەتتى، بۇ جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت سودىسىدا چوڭ مەسىلەكۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تاشقى پېرىۋۇت ھەرگىزئاشمىغان.
ئامېرىكا زاپاسپۇل كومتېتى يىغىندىن كېيىن، بىرىنچىدىن ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشى مۈمكىن، قايسى نىسبەتتەئاشۇرۇدۇ؟ قاچان ئاشۇرۇدۇ؟ بۇ توغرىدا ھەرخىل قىياسلار بار، پېقىرنىڭ قارىشىچەيەنىلا كونا ئۇسۇلنى قوللۇنىپ، تۇيۇقسىز ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشى ياكى ئۆسۈمنى ئاشۇرۇپبولۇپ ئېلان قىلىشى مۈمكىن؛ ئىككىنچىدىن بازارنىڭ قانۇنىيىتى ئۆزى بەلگۈلىشىمۈمكىن؛ بازار قانۇنىيىتى بۇيىچە ئېيتقاندا ھايات-ماماتلىق جەڭ باشلاندى، خەلقپۇلىنىڭ تەقدىرى رۇبلىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ئوخشىمايدىغىنى، رۇبلى دوللارغابېقىنمايدۇ، ئەكسىچە خەلق پۇلى دوللارغا بېقىنىدۇ، شۇڭا دۇچ كىلدىغان خەۋپ رۇبلىدىن تېخىمۇ چوڭ.
http://blog.sina.com.cn/s/blog_48ea108c0102ve4z.html
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

840

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27645
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 15:06:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begmurad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 15:08  

تەخمىنەن ئون كۈنلەر بۇرۇن مەن مۇشۇ باغداشتىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ 2000 كويغا دوللار ئەپ قۇيايمىكىن دەپ  ئىككىلىنىپ قالغان . كۈندە دىگۈدەك ئىقتىسادىي ئۇچۇر كۆرىدىغان بۇلدۇم ئەمما بىر چاغقا كەلگەندە بىشىم راستلا گادىرماچ بۇلۇپ كەتتى. بەزىلەر دوللارنىڭ باھاسى يىقىنقى 2 يىلدا 8 يۈئەندىن 12 يۈئەنگىچە ئۈسىدۇ، بۇ چۇقۇم دىيىشتى. يەنە بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامىرىكا ئىقتىسادىي ئەسلىگە كىلىۋاتقان بولسىمۇ ناھايىتتى ئاستا ئىكەنلىكى بايان قىلىندى. نىمىلابولمىسۇن ھازىرغىچە دوللارنىڭ قىممىتى ئاشسىمۇ ئەمما خەلق پۇلى بىلەن بولغان پېرىۋوت نىسبىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئىقتىسادىي بىلىملېرىم ۋە تەجرىبەم بۇ ئىشلارغا ھۈكۈم قىلىشقا ئاجىز كەلدى .  شۇنداق قىلىپ دوللار ئىلىپ خەلق پۇلىنىڭ كۆرسى چۈشكەندە سىتىش پىلانىمنى بولدى قىلدىم.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 00:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014-يىلدىكى ئىشلارنى ئ‍ەسلىگىنىمىزدە ئ‍ويون بەك چوڭ ئ‍وينىلىۋاتقان چىراي … دەسلەپ مىسىر ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىللەرى ئ‍اندىن ،رۇسيە ئ‍وكرايىنە مەسىللەرى،ئ‍ اندىن ئ‍ىراق شام ئىسلام دۆلەتى ۋەقەلەرى ،ئ‍ اندىن رۇسىيە ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران بولغان ۋەقەلەر …بىرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يەنە بىرى ئۇلىشىپ توختىماي كەلگەن    بۇ ييىل نىمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ ؟

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 00:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺭﯗﺳﻴﻪ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻼﻻﻣﺪﯗ?
ﻣﻪﻧﺒﻪ:   ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 01-05
ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯔ!

ﺧﯧﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ 
ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ 2014- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﺩﯨﻠﻨﻰ ﻏﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﭘﯘﺗﯩﻦ ﮪﻮﻗﯘﻕ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 
2014- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ, ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺟﯧﯖﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ-ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 2014- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30- ﻛﯜﻧﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, 11- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %0.5 ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ 2009- ﻳﯩﻠﻰ 10- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ 2015- ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺭﻭﮪﻰ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ, ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ, ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻝ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ 6- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﮪﺎﺳﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ, ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﺵ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﺯﯨﺪﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯘ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﯨﭽﻪ, ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﮪﺎﺳﻰ ﮪﻪﺭ ﺗﯘﯕﻰ 60 ﺩﻭﻟﻼﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ 2015- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ %4.5 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺭﯗﺑﻠﻰ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﭗ, ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻝ ﺳﯩﺮﯨﻘﺘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ, ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ, ﭘﺎﻳﭽﯩﻚ ﯞﻩ ﺯﺍﻳﻮﻡ ﺗﻪﯕﻼ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ, ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯔ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ-ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯘﺗﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ « ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ » ﻧﯩﯔ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ: ﭘﯘﺗﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺩﯦﻴﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯞﺍﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭ. ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﻩ 1988- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﺯﯨﺲ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﺪﻯ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ, ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﭖ, ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺸﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ, ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 00:27:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 14:02  

خەلىق پۇلىنىڭ تۇغاننى 6.3 دەپ ئىيتىپتىكەن كالا پىچىغى،ئەگەر بۇ توغان بۇزۇلۇپ كەتسە خەلىق پۇلى بەك تىز پاخاللىشىپ كتىىمىش ئۇنىڭ قارىشچە،ئەمما ھازىرقى خەۋەردە 6.24كە كىلىپ بولغان چىراي …

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %2.5 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ
ﻣﻪﻧﺒﻪ:   ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 01-05
ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯔ!

ﺧﯧﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ  
2014- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻧﻜﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %2.5 ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ 2005- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺩﻩﻝ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ 91 ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺗﻪﮪﻠﯩﻠﭽﯩﻠﻪﺭ 2015- ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ, ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﻰ ﭘﯧﺮﯞﻭﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ, ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ. 
ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺑﺎﻧﻜﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻏﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ 6.1985 ﺑﻮﻟﯘﭖ, 35 ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻧﯘﻗﺘﻰ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ, 6.19 ﻟﯘﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﺪﺍ 8 ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺳﯜﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ 6.2 ﻟﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﻪﯞﺭﻩﻧﺪﻯ. ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 6.2040 ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 20 ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻧﻜﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %2.5 ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﮪﻪﻡ 2005- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﺋﯩﺴﻼﮪﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. 

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 10:47:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 13:59  

باشقىلارمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بولسا يوللاپ قويساڭلار …
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )