نىيوتۇننىڭ ئۇزى نۇر(پېقىرىغۇچ) ۋاكىئومدا ئاغىدۇ،دەۋاتسا بۇ ئاداشلار ئېغىشنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلماي،ۋاكىئومدا ئاغمايدۇ،دەپ كاج تالاشقىنى قىززىق!.
تېخى، بىز فىزىكىدا مەخسۇس ئوقۇغان،فىزىكىنى بىز بىلىمىز،سەن بىلمەيسەن دەپ كېتىشلىرىچۇ!
ئوقۇغاندا ياخشى ئوقۇمايدۇ،كەڭلىككىلا ئېسىلىۋىلىپ چوڭقۇرلۇققا دېققەت قىلمايدۇ،ھادىسىنىلا كۇرۆپ،ماھىيەتكە شۇڭغىيالمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن يېڭى مەسىلە ئۇچرىساھەل قىلالماي،سىنىڭ دىگىنىڭ خاتا،بىز ئوقۇغان كىتاپتا بۇنداق گەپ يوق،دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ،كۆرەڭلەپ كېتىدۇ.تېمىدىن چەتنەيدۇ!.
نىيوتۇننىڭ نىمە دىگەنلىگىنىڭ ئىسپاتى مانا:
ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
|