- تىزىملاتقان
- 2014-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 409
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
  54.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kurt01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 11:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! ئەركىنكا . قانداق ئەھۋالىڭىز؟
سوئال سورىماي، ۋاختىڭىزنى ئالماي دېسەممۇ ئىلىم قىزغىنلىغى مېنى سىزنىڭ ۋاختىڭىزنى ئېلىشقا قىستاپ تۇرىۋالدى. زېھنىڭىزنى نۇر تېزلىگىدە ئىشلىتىپ، تىجەپ قالغان ۋاختىڭىزنى بىز ئۈچۈن داۋاملىق سەرىپ ئەتكەيسىز. ئەجرىڭىز ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللا بۇ دۇنيادىكى ۋاختىڭىزنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلغاي، ئۇ دۇنيادا چەكسىز ھايات ۋە ھوزۇر-ھالاۋەت بىلەن سىزنى مۇكاپاتلىغاي!!!!!!!!!!!!!!!
ئەركىنكا، ماقالىڭىزدا ئاساسى زەرىچىلەرنى نۇر تېزلىگىدە ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ سەرىپ قىلغان ۋاختى بىلەن نورمال ئۆتكەن ۋاقىت ئوتتۇرسىدىكى پەرىق توغرىسىدا توختىلىپسىز. بۇ تەجىربە تەجىربىخانىدا يەنى يەر شارىدا ئىشلەنگەن بولسا ئۇنىڭ كۈزەتكۈچىسىمۇ يەر شارىدا دېگەن گەپ. يەر شارىدىكى كۈزەتكۈچى مەيلى ئۇ ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزەتسۇن ياكى مىكرو زەرىچىلەرنى كۇزەتسۇن، ئۇ پەقەت بىرلا خىل ئۆتكەن ۋاقىتنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى. ۋاقىت پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈزەتكۈچى تەجىربىگە قاتناشقان ئاساسى زەرىچە بىلەن بىرگە ھەركەت قىلغاندىلا ئاندىن نورمال ئۆتكەن ۋاقىت بىلەن سەرىپ بولغان ۋاقىت ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنى تېپىپ چىقالايدۇ.
سوئال؛ كۈزەتكۈچىنىڭ ئورنى نەدە؟
قوش كېزەكلەرنىڭ ياش پەرقىنى نەزىريە جەھەتتىن تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ قايتا ئوتتۇرغا قويۇپ باقسىڭىز. |
|