- تىزىملاتقان
- 2014-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 409
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
  54.5%
|
akim888 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 07:41 
بۇ نەزىريە 1980-يىللاردا {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەس ...
ئەركىن ھەركەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر كۈزەتكۈچىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئۇ قايسى يۆلىنىشتە، قانداق ھەركەت قىلىشتىن قەتئى-نەزەر يورۇغلۇقنىڭ تېزلىگى ئۆزگەرمەيدۇ. كۈزەتكۈچىنىڭ ھەركىتى يورۇغلۇقنىڭ تېزلىگىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
مانا بۇ تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسىكەن. يورۇغلۇق تېزلىگىگە يېقىن تېزلىكتە، يورۇغلۇققا قارشى ھەركەت قىلىۋاتقان ئالەم كېمىسىدىكى كۇزەتكۈچىمۇ پەقەتلا يورۇغلۇقنىڭ سىكىنوتىغا 300000 مىڭ كېلومېتىرلىق سۈرئىتىنى ئۆلچىيەلەيدىكەن. بۇ ئۆزگەرمەيدىغان ئالەم قانونىيىتى ئىكەن. رىيال تۇرمۇشتىكى سائىتىگە 100 كېلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن مېڭىۋاتقان ئىككى ماشىنىنىڭ ئۆز-ئارا يېقىنلىشىش تېزلىگى 200 كېلومىتىر بولىدىغانلىغىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن يورۇغلۇق تېزلىگىگە يېقىن تېزلىك بىلەن مېڭىۋاتقان ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىگى بىلەن، ئۇنىڭغا قارشى مېڭىۋاتقان يورۇغلۇنىڭ تېزلىگىنى قوشقاندا يىغىندا تېزلىك ئوخشاشلا سىكىنوتىغا 300000 مىڭ كېلومېتىر بولىدىكەن. ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىگى نەلەگىدۇر قىسقىراپ كېتىدىگەن.
ئارلىقنى ۋاقىتقا بۆلسە تېزلىك چىقىدۇ. بۇ تەڭلىمە ئارقىلىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ تېزلىگىنى ھېساپلىغاندا، قىسقىراپ كەتكەن تېزلىك، ۋاقىتنىڭمۇ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئالەم كېمىسىدىكى قوش-گېزەكلەرنىڭ ئىنىسىغا نىسپەتەن ۋاقىت ئاز ئۆتكەن بولىدىكەن .
1915-يىلى ئېينىشتىيىن ۋاقىت بوشلۇقنىڭ ئېگىلىشىدىن ئىبارەت ئۇقۇمنى قوشۇش ئارقىلىق نىسپىلىك نەزىيىسىنى كېڭەيتكەن. بۇ <<كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريىسى>> دەپ ئاتىلىپتۇ. |
|