- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 529
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
5.8%
|
Hizir2036 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 22:59
1. نوپۇسنىڭ يېزىلاردا بولىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلا ...
بىر مۇنچە نەرسە يازسام ئۆچۈپ كەتتى.
دەيدىغىنىم 1.نوپۇس يىزىلاردا بولسا ھۆكۈمەتنىڭ بىسمى ئاز بولىشى مومكىن، ئەمما جۇڭگۇدىكى دىھقان ئىشلەمچىلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟
2.Maloneyنىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللانغان فىلىم كەسمىسىنى كۆرگەندىلا (تىمىنىڭ نامى: دوللارنىڭ كۈنى ئاز قالدىمۇ؟)تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يازغان ئىدى
دوللار سېتىۋىلىشنىڭ پەيتى كەلدىمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/forum.php ... 4%D9%84%D8%A7%D8%B1
بۇ يۇ يىل 3-ئايدا يوللانغان تىما بولۇپ، شۇ چاغدا ياۋرۇ 1.35~1.40ئەتراپىدا، ئالتۇن 1335ئەتراپىدا، 102.50ياپۇنىيە يىنى ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر شۇ چاغدىكى تەھلىل بويىچە بۇلارنى چۈشۈشكە ئېلىپ، دوللارنى ئۆسۈشكە قارىتىپ مال ئالغان بولساق، 100دوللارلىق (600)يۈەن پۇلىمىزنىڭ قىممىتى ھازىر 6000يۈەندىن (1000دوللاردىن) ئېشىپ كەتكەن بولاتتى.
شۇڭا ھازىر دەيدىغىنىم دوللارنىڭ كۈنى ئاز قالمىدى، بەلكى ئەمدىلا باشلاندى. بۇنىڭدىن كىيىنكى بىر مەزگىل ئەمدى دوللارنىڭ دۇنياسى بولىدۇ.
ئەگەر ئىشىنچى پۇلى بارلار بولسا دوللار سىتىۋالسا قىممىتىنى ساقلايدىغان ياخشى پۇرسەت بولىدۇ.
خەلق پۇلىدىن باشقا پۇللار ئومومەن 3-ئايدىن بىر دوللارغا قارىتا 0.7~1يۈەنگىچە چۈشۈپ بولدى. پەقەت خەلق پۇلىدىلا كۆپ ئۆزگىرىش بولمىدى، شۇنىڭغا قاراپ بەزى تەھلىلچىلەر ئەگەر ئۆي مۇئامىلە كۆپۈكى يىرىلسا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى كەلگۈسى 2يىلدا 12يۈەنلىك سەۋىيەگە چىقىدۇ دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ھىچبولمىغاندا 8يۈەنلىك سەۋىيەنى كۆرۈش ئەڭ تۆۋەن چەك بولۇشى مومكىن.
قالغىنى شې خەنبىڭنىڭ «كەلگۈسى 20-يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئومومىي يۈزلىنىشى» دېگەن كىتابىدا بۇ توغۇرلۇق تەپسىلىي مەلۇماتلار بىرىلگەن.
3.دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي پىلانلىرى ئەگەر شۇلارنىڭ دىگىنى بويىچىلا بولسا ئىدى، مەنمۇ ئەلۋەتتە باش قاتۇرۇپ يۈرمەيىتتىم، بىراق شۇنداق بولمامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغاچقىلا ئۆزۈممۇ پىكىر يۈزگۈزۈپ بېقىشنى توغرا تىپىپ قالدىم.
مەسىلىسىنى بىر تەرەپكە يۈكلەپ تىما يىزىشقا قارىتا، مەن پەقەت باشقىلارنىڭ ئەسىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى تەرجىمە قىلدىم، شۇ ئەسەردىكى مەزمۇنلار ھازىرقى رىئاللىققا بارغانسىرى ماسلىشىۋاتقاچقا، شۇ ئىدىيەگە مايىل بولۇشقا باشلىدىم.
باشقا گەپلەر بولسا، يەنە پىكىرلەشسەك بولىدۇ. |
|