- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3392
- نادىر
- 0
- يازما
- 160
ئۆسۈش
  46.4%
|
Hizir2036 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 16:51 
بۇ ئىنكاسىڭىز ئازىراق ئورۇنلۇق بولۇپتۇ. دىمەك تېمىغى ...
جۇڭگودا ئۆي - مۈلۈك كىرسىزىسى چوقۇم بولىدۇ ، 2008-يىلىدىكى كىرزىستا مەركىزى بانكا نۇرغۇن پۇل بىسىپ ، بۇ ئۆتكەلدىن ھەرھالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتىۋالدى ، شۇنداقتىمۇ دىڭىز بۇيى رايونىدىكى ئىكىسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى .‹‹2008年“金融危机”爆发前两年的货币增发量总额为121268亿元,平均每年6634亿元;“金融危机”爆发后两年的货币增发量总额为243338亿元,平均每年121669亿元。这说明:“金融危机”爆发后,人民币的发行量猛增一倍。›› جۇڭگو ئۆزىنىڭ دۇنيا زاۋۇتى ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى تىز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرغان بولسىمۇ ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ زىيادە قىززىپ كىتىشىنى كونتىرول قىلىپ بولالمىدى ، بۇ قىتىمقى 2014-يىلىدىكى باسقان پۇلنىڭ ئومومى مىقتارى توغرىسىدا ئىنىق سان-سىفىر بولىمىسۇ 2008-يىلىدىكىدىن 2ھەسسىسىدىن 4 ھەسسىگىچە دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ ، بۇنىڭ بىۋاستە زەربىسى بولسا خەلق پۇلى دۆلەت ئىچىگە قارىتا پاخاللىشى ، دۆلەت سىرتىغا قارىتا باھاسى ئۆسۈش ئەھۋالى يۈز بىرىپ ، مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى . سىز 2007-يىلىدىكى مال باھاسى بىلەن مۇئاشىڭىزنى ۋە ھازىرقى مال باھاسى بىلەن مۇئاشىڭىزنى نىسپەتلەشتۈرۈپ باقسىڭىزلا مەلۇم بولىدۇ .ئىقتىسادىي كىرزىستىن ساقلىنىش مومكىن ئەمەس ، ئۇ دەۋرىيلىك بولىدۇ ، لىكىن ئۇنى ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونتىرول قىلىشقا ۋە كەينىگە سۈرۈشكە بولىدۇ ، بۇنىڭ ئۈزۈن تۆلەيدىغان بەدەل بولسا كىيىنكى قىتىملىق كىرسىز تىخىمۇ ئىغىر بولىدۇ خالاس ، يەنە 10 يىل ئىچىدە ئىقتىساتتا كەينىگە چىكىنىش كۆرۈلسە ، ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە پۇل بىسىپ ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ ، كۆپ بىسىلغان پۇلنىڭ بىسىمىنى بولسا خەلق ئۈستىگە ئالىدۇ دىگەن گەپ . يىقىنقى يىلدىن بۇيان چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن چىكىنىپ چىقىپ كىتىپ تايلانت ،بىرما، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىلىپ بىرىشىمۇ بۇ نوقتىنى چۈشەندۈرىدۇ . 2007يىلىغا سىلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 40پىرسەنىت چەتئەل مەبلىغى شىركىتى چىكىنىپ چىقتى . بۇ سانسىفىرلار دۆلەت سىتاستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر نەچچە قۇرلار يىزىپ ، چۈشەندۈرۈلمەي ، مۇجۈمەللا ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ ، نۇرغۇن ئادەم دىققەت قىلمىدى ، دىققەت قىلسىمۇ چۈشەنمىدى خالاس . جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى توخرىسىدا نۇرغۇن ئىقتىساتشۇناسلار تەتقىق قىلغان بولسىمۇ نۇرغۇن تەرەپلەردە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ھازىرقى زامان ئىقتىسات نەزىرىيىگە چۈشمەيدۇ . چۈنكى جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ ، ھەرگىزمۇ كاپىتالىستىك دۆلەتلەردەك شەخسى كاپىتال ئاساسلىق كۈچ ئەمەس . شۇڭا كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىيىسىگىمۇ پۈتۈنلەش چۈشمەيدۇ ، ئەلۋەتتە سوتسىيالىستىك دۆلەت نەزىرىيىسىگەمۇ چۈشمەيدۇ ، چۈنكى سوتسىيالىستىك دۆلەت ئىقتىساد نەزىرىسىدە ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرمەيدۇ . شۇڭا دۆلىتىمىز ئۆزگىچە خاسلىق سوتسىيالىستىك دۆلەت . بىر گەپنى توغرا دىدىڭىز ، ‹‹ەگەر ئىقتىسادى كىرزىس بولۇپ قوپالمىغۇدەك ھالەتكە بارغان تەغدىردىمۇ كىشىلەر يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئاچ قالمايدۇ. بۇ نۇقتىمۇ ئېننىق بولسۇن.›› ئاچ قالمايدۇ ئەمەس ئاچ قالمىسىلا بولىدۇ . جۇڭگو نوپوسىنىڭ يىرىمىدىن كۆپ قىسمى شەھەرلىشىپ بولدى، شۇڭا ‹‹جوڭگو نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزىلاردا›› دىگەن قارىشىڭىز 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار .
قىزىققۇچىلار بۇ ئايدا جۇڭگودا ئىچىلغان بىرنەچچە موھىم يىغىن توغرىسىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلساڭلار بولىدۇ ، ئەلۋەتتە ئىنگىلىسچە خەۋەرلەردە بىرقەدەر تەپسىلى بولۇپ ، جۇڭگو خەۋەرلىرىدە كۆپ قىسىم يەرلىرى قىسقارتىۋىتىلگەن ، بۇ قىتىمقى بىرنەچچە يىغىندا جۇڭگۇ ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇش ۋە موھىم رول ئوينايدىغانلىقى توخرىسىدا نۇرغۇن ۋەدە بەردى . بۇلارنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ يازاي دىسەم ۋاقتىم يەر بەرمىدى . قىزىققۇچىلارنىڭ نىيورك ۋاقت گىزىتى ۋە ب ب س نىڭ ئىقتىساد خەۋەرلىرى قىسمىغا دىققەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
خىزىر 2036 قىرىندىشىم ، سىز مەملىكەت خەۋەرلىرىنى جىق كۆرۈپ كىتىپسىز ، ئامرىكا ھازىر دۇنيادىكى نىفىت ئىكىسپورت قىلىدىغان 1- چوڭ دۆلەت بولۇپ سەئۇدىي ئەرەبىستانتىن ئىشىپ كەتتى ، يەنى نىفىت ئىھتىياجىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا تايانمايدۇ، تەبىي گاز جەھەتتە ياۋروپانى تەمىنلەۋاتىدۇ ، شۇنداقلا كۈچلۈك بولغان ياۋروپا ئىتىپاقدىشى ، ئاسىيادىكى ياپۇنىيە بار ،شۇنداقلا يىقىنقى ئىقتىساد يۈزلىنىشىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ، يىتەرسىز جايلىرىنى تولۇقلىۋالدى ، ئامرىكا تۈگۈشىدۇ دىگەن نەزىرىيەنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئاشۇ جۇڭگودىكى ئاتالمىش ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئائىلىسىدىكى ھەممىسى ئامرىكىدا ياكى ياۋروپادا . سىز يەنىلا ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىڭ .
ئامرىكىنىڭ بۇقىتىمقى نىيىتىدىن قارىغاندا 89-يىلىدىكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىگە ئوخشاش بىر قىتىم پۇل ئۇرۇشى ئىلىپ بارماقچى ، ياپۇنىيە ئاللىقاچان باشلاپ بولدى . يەنە يازاي دىسەم بىر پارچە ماقالە بولۇپ چىققۇدەك ، ئاللاھ خالىسا ۋاقت يار بەرسە ماقالىمۇ يازامەن .
|
|