ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرئەھلى، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكاچەكلىك شىركىتى (تور تېخنىكا بۆلۈمى)دىن كەڭ قېرىنداشلارغا سەمىمىي ئېھتىراملار بولسۇن.
يېقىندىن بىرى شىركىتىمىزخادىملىرى ھەر خىل ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن تور ساھەسىگە تازا دىققەت قىلىپ بولالماي،لوقمان ھەكىمگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگۈچى كەڭ تورداشلار بىلەن دىدارلىشالماي قاپتۇق،بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ تورداشلاردىن سەمىمىي ئۆزرە سورايمىز.
تۈنۈگۈن ئىشخانىدا جىددىي ئىشلەۋاتسام بىر قېرىندىشىمىز ئۈندىدارىمغا بىر ئۇچۇر يوللاپتۇ، قارىسام بىر پارچەرەسىم ئىكەن، سەپسېلىپ قارىسام باغداش مۇنبىرىدىن كېسىپ ئەۋەتكەن ئېكران كەسمە رەسىمى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالدىراش باغداش مۇنبىرىنى ئېچىپ، مەزكۇر تېمىغا كۆز يۈگۈرتتۇم.دەسلەپ تېمىنى كۆرۈپ، مەنمۇ قايسى قېرىندىشىمىزنىڭ ئەرزى باردۇر؟ دەپ ئۆزۈمچە بىر خىل مەمنۇنىيەتلىك تۇيغۇ بىلەن تېمىغا كۆز يۈگۈرتتۈم، بەلكىم بەزى قېرىنداشلار خەق ئۈستۈڭدىن ئەرزنامە سۇنىۋاتسا، سەن نېمىگە مەمنۇن بولۇپ كەتتىڭ، بېشىڭنىڭ سۈيى بارمۇ نېمە دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. توغرا مەن تەپسىلىي مەزمۇننى كۆرۈشتىن ئىلگىرى تېمىنى كۆرۈپلاھەقىقەتەن مەمنۇن بولغان. چۈنكى ھازىرغىچە شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن ئەرز بولۇپ باقمىغان، يول ئىزچىل راۋان بولۇپ كەتسە، بۇنداق يولدا چوقۇم مەسىلە بار، چۈنكى راۋان يولدا ئادەم ھۇشيارلىقنى يوقىتىپ، بىخۇدلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا سەپەردە ئازتولا داۋانلىق توسالغۇلارنىڭ بولغىنى كارۋان ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر.
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇشكۈل سەپەرگە ئاتلانغان كارۋاندۇر. ھازىر بۇ كارۋان كۈنسېرى زورىيىپ ۋە تەسىر دائىرىسى كۈنسېرى ئالەمگە تاراپ،يالغۇز خەلقىمىزنىڭلا ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتماقتا.
ھازىرغىچە شىركىتىمىز تورتېخنىكا بۆلۈمى شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىش ئىستىكى بار خېرىدارلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستان، قىرغىستان (توختاملىشىپ بولدۇق)، قازاقىستان،ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان... قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن تېلېفون تاپشۇرىۋالدۇق.شىركىتىمىز بۇ يىل (2014-يىلى) ساغلاملىققا تەلپۈنىۋاتقان كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس تور تېخنىكا بۆلۈمى تەسىس قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان قېرىنداشلارغا باش شىركەتتىن بىۋاسىتەھەقسىز مال يەتكۈزۈپ بېرىش، مال تاپشۇرىۋېلىپ ئاندىن ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتارخەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ، كەڭ قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ قىزغىن ئالقىشىغائېرىشتى.
ھەر قانداق بىر يول ئاچقۇچىغانىسبەتەن، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ زىيادە ئوڭۇشلۇق بولۇشى ھالاكەتتىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى قىلىۋاتقان ئىشى زىيادە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتكەندە، بۇنداق ئىزدەنگۈچى ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي ھۇشيارلىقىنى يوقىتىپ، بىخۇدلىشىپ، تۈلكە چىراي دۈشمەنلىرىنىڭ شېرىن-شىكەر سۆزلىرىگەئەللەيلىنىپ، ئاسانلا دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئەڭ مۇھىمى ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ تۇرغىنى ياخشى. ھېچقانداق بىرمەۋجۇدات، شەيئى مۇكەممەل بولمايدۇ، مۇكەممەللىك ئادەم ۋە باشقا شەيئىگە خاس ئەمەس،ئادەم ھامان مۇكەممەلسىزدۇر. ئەلۋەتتە، لوقمان ھەكىم شىركىتىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،شىركەت ئۆزگىچە يول ئېچىپ، قىيا تاشلارنى يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا ھەر خىل يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى تەبئىي، شۇڭا كەڭ قېرىنداشلار بۇ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا ئۆزىنى بېغىشلىۋەتكەن سەركىگە يېقىندىن كۆز قۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە يولدىن ئادىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدايولدىن ئادىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى سەزگەن ھامان ئۇنىڭغا شەپە بېرىپ، ئۇنىڭدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشى شۇ ئاۋامنىڭ ئۆز سەركىلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەمدى باغداش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان «ئەركىم: لوقمان ھەكىمگە ئەرزىم بار!» ناملىق تېمىغا قايتىپ كەلسەك،يازما ئېگىسى تىلغا ئالغان شىركەت مەسئۇلى (تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ) مەن بولىمەن.مەن بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، دەسلەپكى مەمنۇنىيەتلىك تۇيغۇلىرىم ئاللا قاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ، مەمنۇنىيەتلىك ھېسلىرىم سەرگەردارلىق چۆلىدەسەرگەندان بولىۋاتقاندا، مېنىڭ تۇيغۇلىرىمنى چىرمىۋالغىنى بولسا ئۈمىدسىزلىك،ئېچىنىش بولدى خالاس.
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسى ئەركىمنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ شىركىتىمىزگە (تور تېخنىكا بۆلۈمىگە) تېلېفون قىلغانلىقىغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتسام، ئۇنىڭ يەنە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەردە لوقمان ھەكىمنى يەمچۈك قىلىپ، يازما خېرىدارى جەلپ قىلىپ، ھەممىگە ئوچۇق بۇ سورۇندا غۇلغۇلا قوزغاپ، بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس، ئىچى قۇتۇر، كۆرەلمەسلەرگەباشقىلارنى غاجىلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنى پەقەتلا بىلەلمەي قالدىم.
ئەرزدار ئەركىم، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇھەببىتىڭىزدىن چەكسىز خۇرسەن بولدۇم ھەم سىزگەچەكسىز ھۆرمىتىم ئاشتى، ئەمما سىزنىڭ ئەقلىڭىزدىن سەل گۇمانلاندىم. خاپابولسىڭىزمۇ ئېنىق دەي، سىز دېگەن بىر زىيالىيلار قاتارىدىكى ئادەم (ھېچ بولمىغانداتېلېفوندىكى سۆزىڭىزدىن مەن شۇنى ھېس قىلغان)، ئەگەر ھەممە ئادەم سىزگە ئوخشاش ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلسە ئىدى، بىزنىڭ بۇ بىجان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئانا تىلىمىزسەرسانلىق كوچىسىدا تەمتىلەپ يۈرمەس ئىدى.
سىزنىڭ ماۋۇ يازمامغا كۆزيۈگۈرتۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن:
ئالىم خالىققا ئوچۇق خەت(ئىلقۇت)
http://blog.ilqut.com/index.php/archives/3771.html
ئەگەر بىر ئادەمنىڭ نېرۋىسىدىن چاتاق چىقمىغانلا بولسا ئۇ ئۆز ئانا تىلىغا چوقۇم چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ ۋە ئانا تىلىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. ھازىر ھەممە ساختىلىشىپ، سۇخەنچىلىك ئەۋج ئېلىپ، جاھان بىر قىسىم مىتە قۇرت كەبى، پارازىتسىمان مەرەزلەر بىلەن توشۇپ،ھاۋانىڭ ساپلىقى بۇزۇلۇپ، ئەركىن نەپەس ئېلىش تەسكە چۈشىۋاتقان كۈنلەردە، ھەممەئادەم ئۆز بېشىنىڭ شەپكىسىگە پۇتلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالغاچقا، ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ھۆرمىتى، مۇھەببىتىنى ئەركىن ئىپادىلەيدىغان پۇرسەت تاپالمايۋاتىدۇ.شۇڭا پىكىر قىلىشتىن ئىلگىرى ئەقىل ئىگىسى بولغۇچى ھەر بىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزنى قاتتىق سەگەك تۇتۇشىمىز، قان-قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن قىزىق قانلىقىمىز سەۋەبلىك ئۆزىمىز ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىزنى بىھۇدا ئاۋارىچىلىققا چېتىپ قويۇشتىن قاتتىقئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.
سۆزلىمەسلىك سۆزلىيەلمەسلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، گاچىنىڭمۇ ئۆز قەلبىنى ئىپادىلەيدىغان ئۆزگىچەئۇسۇلى بولىدۇ. شۇڭا سىز قانداقتۇر قىلچە مۇناسىۋەتسىز ئىككى شەيئىنى بىرگە قويۇپ،ئاشۇ پۇرسەتپەرەس، ئىچى قۇتۇر، كۆرەلمەسلەرگە باشقىلارنى تالاش، باشقىلارنى چۈشۈرۈش، باشقىلارنى پۇتلاش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزدىن پەخىرلىنىۋاتامسىز؟سىزنىڭچە سىزنىڭ ئاشۇ تېمىڭىزغا چۈشكەن بىر ئىككى پۇرسەتپەرەس، ئىچى قوتۇر،كۆرەلمەسلەرنىڭ ئانچىكى ئىنكاسلىرى تۈپەيلى لوقمان ھەكىمنىڭ ئوبرازىغا دەزكېتەرمۇ؟ سىزنىڭ ئۆز يازمىڭىزغا لوقمان ھەكىمنى يەمچۈك قىلىشىڭىزدىكى مۇددىئايىڭىزئېنىقلا يازمىڭىزغا خېرىدار جەلپ قىلىشتۇر. ئازراق ئەقلى بار ئادەم يازمىڭىزنى ئوقۇغان ھامان سىزنىڭ بۇ مەقسىتىڭىزنى ئاسانلا چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.
سىز نېمە ئۈچۈن تارىختاداستان بولۇپ، خەلقىمىز دىلىدىن چوڭقۇر ھۆرمەت تاپقان لوقمان ھەكىمنى، زامانىمىزداخەلقىمىزنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈنتېنسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنى خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بىر سەركىنى تىلغا ئېلىشتىن ئىلگىرى ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ياخشى ئويلانمايسىز؟ سىزنىڭ قويغان تېمىڭىز ئۇياقتا قېلىپ، مەزمۇن بۇياقتا قاپتۇ، سىز نېمىشقا ئاشۇ سىز تىلغا ئالغان 7000 ئادەم كۆرۈپ، 70 ئادەم باشبارمىقىنى چىقىرىپ «خو، ئوغۇل بالا ئەركەك!» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئەسلى سىن ھۆججىتىنىمۇ يازمىڭىزغا قىستۇرمايسىز؟
توغرا، سىز ماڭا تېلېفون قىلغاندا مەن ئۇ سىن ھۆججىتىنى ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ چىققان، ئۇنىڭدا سىن تەھرىرلىگۈچى بىخەستەلىك قىلىپ، ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغىنى ئېنىق، نېمىشقا سىز شۇ سىن تەھرىرلىگۈچىنى ئەيىبلىمەي، ئەكسىچە بۇ سىن ھۆججىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق لوقمان ھەكىمنى تىلغا ئېلىپ قالدىڭىز؟ بۇ سىننى سىزنىڭچە لوقمان ھەكىم شىركىتى تەھرىرلىگەن بولغىيمىدى؟ لوقمان ھەكىمنىڭ ئۈندىدارسۇپىسىغا ئېلان بەرگەنلىكى ئۇنىڭ خاتالىقىمۇ؟ سىز ئاغرىق ئازابىنى تارتىپباقمىغىنىڭىز ياكى تارتقان بولسىڭىزمۇ ئاتالمىش تۆمۈر تاۋىقىڭىزدىن كەلگەن داۋالاش خىراجىتى بىلەن ئاشۇ ئەخلەت كەبى ئاتالمىش دورىلارنى يەپ يۈرگىنىڭىز بىلەن، بىزنىڭ نۇرغۇن ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان خەلقىمىز ئۆزىگە ھەقىقىي شىپا بولىدىغان،ئۈنۈملۈك، ئىشەنچلىك، باھاسى مۇۋاپىق دورىلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمەي، تاپقان-تەرگىنىنى ئاشۇ ئاتالمىش ئەخلەت دورىلارغا سەرپ قىلىپ، ئاخىرى شىپا تاپالماي قان-زاريىغلاۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز جەنۇبىي شىنجاڭ كوچىلىرىنى ئارىلاپ باقتىڭىزمۇ؟قانچىلىك خەلقنىڭ شىپالىق دورا تاپالماي ئەرزائىلنىڭ سۈر-ھەيۋىسىدىن چىرايلىرى سامان كەبى سارغايغان قېرىنداشلارنىڭ بارلىقىنى دىققەت ئېتىبارىڭىزغا ئېلىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز ئۆزىڭىز يازغان تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزشۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قايتىدىن كاللىڭىزنى سىلكىپ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز توغراقىلىپسىزمۇ؟ شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا پىكىر قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىۋاتقان ئىشىمىزنىڭ جەمئىيەتتە قانداق تەسىر قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە قايتا-قايتائويلىنىپ، ئاندىن پىكىر قىلىشىمىز كېرەك.
سىزنىڭ يازمىڭىزنى خېرىدارلىق قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان يازمىڭىز ئاخىرى كېلىپ سىزنىڭ ساداقەتمەن ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزغا دەز ئۇرۇشتىن باشقا نەتىجەبەرمەيدۇ. شەخسەن مەن سىزنىڭ ماڭا تېلېفون قىلغىنىڭىزدىن چەكسىز خۇرسەن بولۇپ،سىزگە ئالەمچە ھۆرمىتىم بولغان بولسا، ماۋۇ خېرىدارلىق يازمىڭىزنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىندىم.
ئەسلى يازمىدىكى بىرقىسىم قىتىغورلۇق، ئىچى قۇتۇرلۇق، كۆرەلمەسلىك قىلىۋاتقانلارغا:
سىزنىڭ خۇددى باشقىلاركۆرمەي قالمىسۇن دېگەندەك بىر ئىنكاسنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ جار سېلىشىڭىزبىلەن، سىزنىڭ كۆرەلمەسلىك قىلىپ يازغان ئاشۇ ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن لوقمان ھەكىمنىڭ ئوبرازىغا داغ يېتىپ قالمايدۇ، سىزلەرگە قالدۇرىدىغان سۆزىمىز شۇكى:
قىتىغورلۇق، ئىچى تارلىق قىلماڭ، ھەر قانداق پىكىر بولسا ئىسپات بىلەن سۆزلەڭ، ئىسپات بولمىسا تولابىلجىرلاپ، ئۆزىڭىزنى مازلاشتۇرىۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. چۈنكى شۇنى ئونۇتماڭكى،ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك، ئەل ھامان ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.
مېۋىسىز دەرەخ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغىنى بىلەن، ئەمما تاتلىق، شېرىن مېۋە بەرگەن دەرەخ ھامان باشقىلارنىڭ شۇ مېۋىگە ئېرىشىش جەريانىدىكى ھەر خىل ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. باشقىلار بۇ دەرەخنىڭ شېرىن مېۋىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاش ئاتىدۇ، ئۇنىڭ شاخلىرىنى قايرىپ باقىدۇ،ھەتتا بەزىلەر شۇ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شاخلىرىنى رەھىمسىزلەرچە سۇندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى كەملەپ قالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇتېخىمۇ ئاينىپ، يىلسېرى تېخىمۇ شېرىن مېۋىلەرنى بېرىپ، يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئېغىزلىرىدا داستان بولۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىۋېرىدۇ.
شاخ سۇنسا، باشقىلارنىڭ ئاتقان تاشلىرى قاش-قاپاققا تەگسە بەلكىم ۋاقىتلىق ئاغرىق ئازابى بولۇشى مۇمكىن،ئەمما لوقمان ھەكىم بۇنداق ئاغرىق ئازابىدىن ۋايساپ قالمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەنىلاداۋاملىق شېرىن مېۋىلىرى ئارقىلىق كەڭ خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان پەيتتە،ئاشۇ ئىچى قوتۇرلۇق قىلغان، كۆرەلمەسلىك قىلغانلار ئەكسىچە كەڭ خەلق تەرىپىدىنيېتىم قالدۇرۇلۇپ، سەرسانلىق كوچىسىغا قانداق چىقىپ قالغانلىقىنىمۇ ھېس تۇيمايلاقالىدۇ.
ئاخىرىدا مەزكۇر ئەرزنامەجاۋابىنى مۇنۇ ئاتىلار سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:
ئىتلار قاۋاپ قېلىۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا راۋان!
كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئەگەر ھەر قانداق سورايدىغان مەسلىھەتلىرى ياكى پىكىرلىرى بولسا شىركىتىمىز تور تېخنىكا بۆلۈمى ھەر ۋاقىت سىزلەرنى قىزغىن قارىشى ئالىدۇ. نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ خالىغان بىر تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تور تېخنىكا بۆلۈمى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى غالىبىيەت يولى 149-نومۇر (ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسى 12-بىنا، يەنى ئېگىز بىنانىڭ 3-ئىشىك 1401-ئىشخانا)
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 8533155-0991
ئۈرۈمچى رايونىغا بىۋاسىتە ھەقسىز مال يەتكۈزۈش تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991
توردىن بىۋاسىتە مال زاكاس قىلىش مەخسۇس قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى:
6045310-0991، 6757855-0991، 6709060-0991، 5741545-0991
ئەڭ ئاخىرىداقىزىققۇچىلارغا بىر قانچە يازما ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي، پۇرسەت بولسا كۆرۈپقويارسىلەر، بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى تۇرمۇشىڭلاردا پايدىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئەرزنامە جاۋابىنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەبچى بولغان «ئەرزنامە»دە تىلغا ئېلىنغان يازما:
بۇ فىلىمنى ھەرقانداق ئادەم بىر كۆرۈپ قويسا بولىدىكەن (تورداشلار يەنىلا سىزنىڭ نېمە سۆزلەۋاتقانلىقىڭىزنى چۈشۈنۈپ باقسۇن!)
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... bd00d918e9417b8b#rd
لوقمان ھەكىم نېمە دەيدۇ؟ (لوقمان ھەكىمنى چۈشىنىش سەپىرى)
لوقمان ھەكىم ئىشەنچىسىزمۇ؟ (ئۆز مەنپەئىتىڭىزنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چوقۇم كۆرۈڭ)
لوقمان ھەكىم دورىلىرى راستىنلا شۇنچە ئۈنۈملۈكمۇ؟ (مەھسۇلات سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ)
ئېنتېرنېتتىكى شىپاخانا (لوقمان ھەكىمنىڭ قانداق مەھسۇلاتلىرى بارلىقىنى بىلىپ قويۇڭ)
تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى (رەسىملىك چۈشەندۈرۈش)