- تىزىملاتقان
- 2012-8-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1232
- نادىر
- 1
- يازما
- 55
ئۆسۈش
  23.2%
|
LokmanHekim ئەپەندى، ئالدى بىلەن سالاملار بولغاي.
ئاندىن قالسا سىز مەزكۇر تېمىنىڭ بېشىنى نۇسرەتلىك باشلاپ داۋامى ۋە خۇلاسىسىدە ئەجەللىك ئاجىزلىق سادىر قىلىپ قويۇپسىز. لېكىن بۇ پەقەت سىزنىڭلا ئەمەس بىر پۈتۈن ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىز سادىر قىلىۋاتقان ئاجىزلىق. بۇ نېمە دېگەندە ئاغزىدا تەنقىت تەلەپ قىلىش، يۈرىكىدە تەنقىتتىن قېچىش ياكى ھار ئېلىش. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم كاتتا قەلەمكەشلەردىمۇ سادىر بولغان ئەيىپ. لېكىن بىزنى تەنقىت قىلىڭلار دېگەندە نېمە يوق؟ دېگەندە مۇنداق بىر نەرسە يوق. يەنى تەنقىتكە بەراشلىق بېرىش كۈچى يوق. LokmanHekimدىمۇ بۇ كۈچ تۆۋەنكەن. ئۇنداق بولمىسا سىز بۇ جاۋابنامىدە مەزكۇر شىركەت ھەققىدە چۈشكەن سەلبىي ئىنكاسلاردىن بۇ قەدەر پاراكەندە بولۇپ كەتمەيتىڭىز. چۈنكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى قانداقتۇر بىر پىتنە تېرىيدىغان، غاجايدىغان ئىنكاسچىلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەنلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ ھەم شۇ مەسىلىگە تەۋە شەيئىنىڭ نورمال رەۋىشتە ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرىدۇ. ئەمما سىزنىڭ بىز كۆنۈككەن پىكىر قىلىش، تەپەككۈر قىلىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىڭىز يەنىلا ‹‹ئوق مەركەز››لىك پىرىنسىپىدىن نېرى كېتەلمەپتۇ. بۇنىڭدىن مەن مۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم. شىركەت جۈملىدىن بارلىق ئۇيغۇر شىركەتلىرى، مۇنداق بىر تۈركۈم ئادەملەرگە يەنى مەسىلىنى تەپەككۈر قىلغاندا تېخىكىلىق تەپەككۈر قىلمايدىغان ئادەملەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. دۇنياغا مەشھۇر كۈچلۈك كارخانىلار خادىم تەكلىپ قىلغاندا بۇ خىلدىكى خادىملارنى ئەڭ يۇقىر ئىمتىياز بىلەن تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنداقلار شىركەت ئۈچۈن بىر دوللارلىق نەق پايدا ياراتمايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى، مەسىلىلەرنى تونۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى شىركەتكە نەق قىممەت يارىتىدىغانلارنى كۆپ سانلىق پايدا ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەپسۇسكى بۇنداق ئادەملەر نەچچە مىڭ ئادەمدىن بىرەر يېرىم تاللا چىقىدۇ.
ئەمدى سىز نارازى بولغان ئەركىمگە كەلسەك، سىز بۇ بالىنى بۇ تېمىدا ئورۇنسىز ئەيىپلەپ كېتىپسىز. ئۇ بالا سىز نارازى بولسىڭىزلا قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ساختا مال ئەمەس. ئەكسچە ئۇنىڭ مەسىلىگە بولغان تونۇشى توغرا بولغان، پەقەت سىز بۇ سەۋەنلىكىنى قوبۇل قىلمىغان ھەم قايىل بولمىغان. نېمە ئۈچۈن دېگەندە مۇنبەرگە بۇ تېمىنىڭ چىقىشى شىركەتنىڭ ئوبرازىغا پاسسىپ تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىغانلىقىڭىزدا. تېمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇدۇم، شۇنداق چىرايلىق گەپلەر، ئەپسۇسكى مۇددەتتىن بۇرۇن تەجىربە قىلىنىپ ھۆكۈمى چىقىپ بولغان گەپلەر. ئەسلى سىز 21-ئەسىردىكى بىر شىركەتكە ۋاكالىتەن گەپ قىلغان ئىكەنسىز بۇنداق دەبىدەنىلىك ئەمما جەمىيەتتىكى ھەممە ئادەمگە يادا بولۇپ كەتكەن نەپەستە گەپ قىلماسلىقىڭىز بەلكى ئالدىڭىزدىكى ئادەملەر سۆزىڭىزدىن كۈچلۈك بىر يېڭىلىق ھېس قىلغۇدەك پىكىر بايان قىلغان بولسىڭىز مۇۋاپىق بولاتتى. ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ ئوبرازىغا ئەركىم ئەمەس سىز تەسىر يەتكۈزگە بولدىڭىز. چۈنكى سىز مەسئۇلىيەتتىن باش تارتتىڭىز. بۇنىڭغا مەن تېما-ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىرنىلا مىسال ئالاي.
‹‹نېمىنى بوينۇمغا ئالىمەن؟
ئۇ فىلىمنى مەن كىرىشتۈرمىسەم، سىزمۇ قىزىقمۇيا؟ ئەگەر مەن كىرىشتۈرگەن فىلىم بولسا ئىدى مەن بوينۇمغا ئالسام، ئۇ فىلىمنى كىمنىڭ كىرىشتۈرگىنىنىمۇ بىلمىسەم... ››
قاراڭ بۇ جۈملىگە.
1-خاتالىق، سىز بوينىڭىزغا ئالمايسىز، شىركەت بوينىغا ئالدىدۇ.
2-خاتالىق، فىلىمىنى سىز كىرىشتۈرمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈنلا شىركەتتە مەسئۇلىيەت بولمامدۇ؟ ئەسە سوراپ باقاي، فىلىمىنى ئىككىنچى بىر تەرەپ شىركەتنىڭ ھاۋالىسى بولماي تۇرۇپ ئۆز ئىختىياىچە تەشۋىقات فىلىمى سۈپىتىدە ئىشلەپ قويغانمۇ-يا؟ ئەلبەتتە ياق، شىركەت ياللىۋالغان، ئوتتۇرىدا ئىقدىسادىي توختام بار. شۇڭا فىلىمىنىڭ سۈپىتىگە شىركەت مەسئۇل بولىدۇ. شىركەت فىلىمىنى ئۆتكۈزىۋىلىشتىن بۇرۇن سۈپەتنى تەكشۈرىدۇ.
3-خاتالىق، فىلىمىنى كىمنىڭ كىرىشتۈرگەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىڭىز. نېمە ئۈچۈن بىلمەيسىز؟ سىز تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى فىلىمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى نېمە ئۈچۈن تەكشۈرۈپ كۆرمەيسىز. سىز بىلمىگەن بىلەن شىركەتتە بۇ خىزمەتنى قول تۇتۇپ ئىشلىگەن ياكى ئورۇنلاشتۇرغان ئادەمنىڭ بولۇشى ئېنىققۇ. بۇ بىر شىركەتنىڭ باياناتچىىنىڭ خەلققە بېرىدىغان جاۋابى ئەمەس.
قاراڭ، دورىنى سىز ئىشلەپ چىقارمايسىز، سىز شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى بولسىڭىز، بۇ دورىدىن بىر ئادەم زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالسا سىز مەن دورىنى ئىشلىمىگەن، كىمنىڭ ئىشلىگىنىنىمۇ بىلمەيمەن دېيەلەمسىز؟
پارتىيە ھۆكۈمەت باش شەپكىگە ياكى شەپكە باشقا تاقىشىپ قالمىسۇن دەپ يىللار بويى تۈرلۈك ئەلگە نەپ بېرىش قۇرلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا سىزنىڭ باشقىلارغا ئىشىكنىڭ كەينىدا جىن بار، دېگەن تەدبىرنى كۆرسىىتىپ مەسىلىدىن يانداپ ئۆتسىڭى بولمايدۇ.
ئەگەر سىزنڭ ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسا ‹‹دېققەت قىلمەپتۇق، كۆرمەپتۇق›› دەپلا سىن فىلىمىنى دەرھال تۈزۈتۈپ قويغان بولاتتىم.
لوقمان ھەكىم نامىدىكى قېرىندىشىم، ئىنكاسلىرىمدىن ھەرگىز رەنجىمىگەيسىز. توغرا رەۋىشتە كۆرەرسىز. |
|