- تىزىملاتقان
- 2014-11-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 27
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  9%
|
ئەكسىچە بۇ سىن ھۆججىتى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق لوقمان ھەكىمنى تىلغا ئېلىپ قالدىڭىز؟ بۇ سىننى سىزنىڭچە لوقمان ھەكىم شىركىتى تەھرىرلىگەن بولغىيمىدى؟
كىم تەھرىرلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ سىن ھۆججىتىنىڭ لوقمان ھېكىم بىلەن ئالاقىسى بارمىكەن ؟ ئەگەر بولسا لوقمان ھېكىمنىڭ ئوبرازىغا پايدىسىز شۇ مەسىلىگە سەزگۈر بولماي ، نېمىشقا ئۇ سىن ھەققىدىكى ھەقلىق ئىنكاسقا ، لوقمان ھېكىم ئۈچۈن دوستانە ئىنكاسقا شۇنچىلىك سەزگۈر بولۇپ كېتىسىز ؟
مەنمۇ لوقمان ھېكىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىرى ، ئىلگىرى مەنمۇ لوقمان ھېكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىگە ئالاقىدار مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغانىدىم :
لوقمان ھېكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن . تىببىيدا ئەرلىكنى قوزغايدىغان دورىلار مەزى بېزى كېسىلىگە قارىشى قويۇلىدۇ ، شۇڭا مەزى بېزى بىمارلىرىغا ئەرلىكنى قوزغايدىغان دورىلار بېرىلمەيدۇ . لېكىن لوقمان ھېكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى ھەم مەزى بېزىگە مەنپەئەت قىلىدىكەن ، ھەم ئەرلىككە مەنپەئەت قىلىدىكەن ( ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئىنكاسىچە ئەرلىكنى كۈچلۈك قوزغايدىكەن ). بۇ رېئال چۈشەنچىگە نىسبەتەن بىر زىددىيەتلىك مەسىلە . لوقمان ھېكىم قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرىگە ئالاقىدار يازمىلاردا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بارمىدۇ دەپ ئىزدىدىم ، بىراق ئۇچىراتمىدىم . لوقمان ھېكىمنىڭ تاۋباۋ تور دۇكىنىدىن سورىدىم ، توردىن ئىزدەپ كۆرۈڭ دەپ جاۋاب بېرىلدى . لوقمان ھېكىم تور بېتىدىن « ئالاقىلىشىڭ » سەھىپىسىگە كىرىپ ، ئېلخەت ئادىرىسىغا خەت يازدىم . جاۋاب كەلمىدى . مېنىڭچە بۇ ئىلمىيلىككە تاقىلىدىغان ، نەزەردىن ساقىپ قالسا بولمايدىغان ، ئېنىق چۈشەنچە بېرىشكە تېگىشلىك يادىرولۇق بىر مەسىلە . بولسا مۇشۇ نۇقتىنى بىر يورۇتۇپ بەرگەن بولسىڭىز .
لوقمان ھېكىمنىڭ ئالاقىدار يازمىلىرىدا تا بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە بىرەر يورۇقلۇق كۆرۈنمىدى . يھزمىلىرىدا ساپلا كۆرەلمەسلەر ، غاجىغۇچىلار ... ھەققىدىكى شىكايەت ، ئەيبلەشلەر . بۈگۈنكى بۇ تېمىمۇ شۇ ، بۇ ئالامەتلەر لوقمان ھېكىمنى ئىلمىيلىكتىن يىراق كۆرسىتىپ قويامدۇ قانداق ؟ |
|