- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35258
- نادىر
- 19
- يازما
- 1758
ئۆسۈش
  63.15%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-12 19:17
نەچچە كۈندىكى يېزىلغان ئىنكاسلاردىن قارىغاندا خەلقىمىزنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ تۆۋەنلەپتۇ. بىراق، يۈرىكىدىكى خەلقى ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ تەپتىدە يەنىلا مىللىي كارخانىلىرىمىزنى قوللاشنى قارا تېپىۋېتىپتۇ. بىزگە بۇ ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
تارىختىن بۇيان ھەر قانداق بىر مىللەتنى ئۆزىنىڭ مىللىي كارخانىلىرى ئۆرە قىلىپ كەلگەن. مەسلەن: گېرمان، ياپون، يەھۇدى...
ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە قايسى بىر مىللىي كارخانا ۋە كارخانىچىلار بىزنىڭ قەددىمىزنى تىك قىلالايدۇ؟! ئۇلار نىمىسى بىلەن بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە ئېرىشەلەيدۇ؟! ئەلۋەتتە سەمىمىيلىكى ۋە چىن ئېتىقادى بىلەن...
ھېلىمۇ ئويلىسام غەزەپلىنىمەن، بالام يەسلىدە ۋاقتىدا ئەخلەت يىمەكلىككە ئۆگىنىپ قالدى، بىز سەللا ئېھتىيات قىلمىساق باشقىلارنىڭكىنىمۇ بولسىمۇ يەۋالاتتى. شۇ كۈنلەردە بازارلارغا ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقىرىلغان، بادام دوپپا، ئەتلەس كەيگەن ئۇيغۇر رەسىملىرى بار موچەنلىك يىمەكلەر يىتىپ كىردى. بالامغا خاتىرجەم ئېلىپ يىدۈرگەن ئىدىم. بىر كۈنى ئۇلارغا يېزىلغان ئادىرىسقا قاراپ، يىدۈرۈشتىن توختۇدۇم.
مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلار جىقراق مەبلەغ سېلىپ، چوڭراق ئىش قىلاي دېسە كىرىدىغان تۆشۈكىنىڭ جىقلىقدىن زېرىكىپ قالىدۇ. ئەڭ ئاسسىنى ئىچكىرىسىدىكى نامەلۇم كارخانىلار بىلەن توختاملىشىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان « ئەخلەت»يىمەكلەر، تاۋار، ماركىلار تۇرمۇشىمىزدا يامراپ كەتتى...لېكىن بىز يەنىلا ئېلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خېرىدار بولمىساق بىزگە يەنە كىم خېرىدار بولاتتى؟! چۈنكى بىز ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك.
بىزگە دائىم ئۇچىراپ تۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش بىلەن بۇ يازمامنى ئاياقلاشتۇراي: بىر ئوتتۇرا ياش خەنزۇ ئايال، يولنىڭ چېتىدە ئولتۇرغان ياشانغان ئۇيغۇر بوۋايدىن كۆكتات سېتىۋالدى. يېنىدىكى قىزى ھەيران بولۇپ: -نىمىشقا ئاۋۇ خەنزۇ تاغامدىن سېتىۋالمايمىز؟ دەپ سورىدى. ئوتتۇرا ياش ئايال:- قىزىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى بار، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدۇ، تازلىقى پاكىز. تۆنۈگۈن ئۇ تاغاڭنىڭ تارازىسىغا ماگىنىت ئورنىتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم...دەپ يولىغا راۋان بولىدۇ.
ئەسلىدە بىز بىلسەك : بىزدىكى ھەقىقى ئەڭ زور بايلىق ھەم ھېچقانداق بىر خەقتە يوق بۈيۈك مەبلەغ - ئېتىقاد، سەمىيمىيلىك، راستچىللىق ۋە ئاقكۆڭۈللۈك ئىدى.
بىر كارخانا ۋە كارخانىچىغا نىسبەتەن ئۆز خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قېلىشتىنمۇ ئارتۇق مەغلوبىيەت يوق! |
|