قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 25609|ئىنكاس: 199

ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكىسىيەسىدىن ئويلىغانلىرىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 10:48:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.گەرچە خوشاللىق فورمىلاسى دىگەن بۇ سۆزنى بۇ ئۇقۇمنى  ئانچە بەك  ياقتۇرمىساممۇ ئەمما داڭلىق ئەلى مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ئىستىكى يەنىلا غالىپ كىلىپ يەنىلا ئىقبالغا قاراپ يول ئالدىم . مەن ھەققى خوشال بولدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا باشقىلارنىڭ ئازابىنى كۆرسە باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىق تارتقانلىقنى كۆرسە خۇددى يېڭى ئاخباراتقا ئېرىشكەندەك گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كىتىدىغان ئادەملەرنى كۆپ كۆرگەچكە ھەممە ئادەمگە ماس كىلدىغان بىر خوشاللىق فورمىلاسىنىڭ بارلىقىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالدىم .

2.ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكىسيەسىدە ئەكىس ئەتكەن ئۆزىنى تونۇش ئۆزىنىڭ يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىش ھەر بىر ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىق تەكىتلەشكە تىگىشلىق نۇقتا بولسىمۇ ،ئەمما بۇ يەنىلا دەۋىرنىڭ چەكلىمىسىگە ،تۇزۇمنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرايدۇ . ئادەم ئۆزىنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەندە خوشاللىقمۇ چوڭقۇر بولىدۇ بۇ شەكىسز ئەمما شۇنىڭغا قارىتا ئازاپمۇ چوڭقۇر بولىدۇ . بۇ يەردە قانداقتۇر ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن ھامان ئازاپ غايىپ بولىدىغاندەك بىر كۆرۇنۇش يوق . ئەلۋەتتە بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەندە ئارتۇق يولنى ئازراق بېسىپ ئەڭ قىسقا يول بىلەن نىشانغا يىتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن . بۇ يەردە ئەلى مۇئەللىم يول تۇغۇرسىدا توختۇلۇپ قالدى. ئەلۋەتتە ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە ماس كەلگەن ئۆزىگە ئەڭ لايىق بىر قىسقا يولنى تاللاشنى ئۇمۇت قىلدۇ ، ئەمما نۇرغۇن ئادەم تاللىۋالغان يول پەقەت ئۆزىگىلا توغرا ، لېكىن قۇرئان كەرىم سۇرە فاتىھەدىكى رەببىمىز بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن ، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن . دىگەن ئايەتتىن كۆرە بىز توغرا يولنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا تاپالايمىز ، شۇنداق قۇرئان كەرىم  ۋە ھەدىس بىزگە يەنى ئىنسانلارغا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت سائەدەتكە ئېرىشىشنىڭ پىرىنسىپ ۋە ئاساسلىرىنى بەلگىلەپ بەردى . بۇنىڭدا شەك شۇبھە يوق ، ئەمدىكى گەپ مىنۇت سىكۇنىتلاپ ئۆزگىرىۋاتقان زامان ھاسىلاتلىرىغا قارىتا سەزگۇر بولۇپ تەدبىقلاشتا قالدى .

3.كەمىنە قومۇلنىڭ توپسىدەك خار ئاللاھنىڭ ئاجىز بەندىسى توخوتۇر شۇنداق تەخمىن قىلدىمكى توغرا يول  تېپىش ئۈچۇن ، ئىنسان ئۆزنىڭ تەبىئى يۇرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك ئىكەن . چۇنكى يۇرەك ئەڭ سەزگۇر ئەزا شۇڭا ئۇ قەلىپ دەپ ئاتىلىدۇ ، ئىنساندا قەلىپتىنمۇ سەزگۇر بىر ئەزانىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئادەملەر نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ قەلبىنى كۆمىدىكەن ، ياكى قەلبى توغرا دەپ قارىغاننى قىلماي ئۆزىگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەننى قىلدىكەن . ياكى بولمايدۇ ، بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا قىلىۋىرىدىكەن . دىمەك ئۆزىنى تونۇش ،ئۆز قەلبىدىن چىققان ساداغا قۇلاق سېلىش دەل ئەلى مۇئەللىم تەكىتلەۋاتقان بىر يول ، ئەمما ئەل جامائەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە رازىلىقى  ھەم ئىنتايىن مۇھىم ھازىر ھۆكۆمىتىمىز توختىماي تەكىتلەۋاتقان ھەم ئىشقا ئاشۇرۇپ بولالمايۋاتقان بىر نۇقتا ، بۇلار بىلەنمۇ توغرا يول ھەقىقى قولغا كەلمەيدۇيا تېخى ، بۇ يەردە يەنە بىرمۇھىم نۇقتا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ، بىز بەخىتنى ئاللاھنىڭ رىزالىقدىن تاپىمىز ، توغرا يولنىمۇ ھەم ئاللاھنىڭ رىزالىقىدىن تاپىمىز .بۇ ئۇچ يولنىڭ كىسىشكەن نۇقتىسىدا ئاللاھ خالىسا بىر توغرا يول بىزگە قۇچاق ئاچقۇسى .
گۇلدۇر گۇپپاڭ يولدىن نىشان مۇھىم جەرياندىن نەتىجە مۇھىم دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۇرگەن ئەلى مۇئەللىم مەن سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىزغا قوشۇلالمايمەن ،ئۇ نىشانغا تۆت پۇتلاپ ئۆمىلەپ بارساممۇ ھىساپ ، يەر تىگىدىكى سازاڭدەك يەر بېغىرلاپ بارساممۇ ھىساپ ، دەپ تۇرىۋالساق بولمايدۇ ، بىز نىشانغا ئىنساندەك بېرىشىنى لايىق كۆرىمىز ، بىز نىشانغا ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن بېرىشنى لايىق كۆرىمىز ، بىز نىشانغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن بېرىشنى لايىق كۆرىمىز .
سەمىڭىزلەرگە جەننەتكە تۇتاشقان يول تىكەن ۋە باشقا ئاۋارچىلىقلار بىلەن تولغان ، دوزاخقا تۇتاشقان يول بەك كەڭرى ھەم ئازادە دىگەن ھىكمەتنى سۇنىمەن  .

4.دىققتىمنى تارتقىنى ئەلى مۇئەللىمنىڭ بىز نومۇس قىلدىغان ئىشلاردىن نومۇس قىلماسلىقى ، ئۆزىنى تىللىسا بولدىغانلىقى  ماختىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئەمما سۆزلىرىنى ئويلىنىپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ئىېيتقان چاغدىكى جۇرئىتى بولدى .ئۆزىنى مازاق قىلىش ئۆزىنىڭ ئاددى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش ،باشقىلارنىڭ باھاسىغا پەرۋا قىلماسلىق ياكى باشقىلارنىڭ باھاسىدىن زىيادە ئۇركۇپ كەتمەسلىك ،  ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ تۇرۇپ قىلغان  بىر خىل ئۆگۇتۇش ئۇسۇلى دەپ قارىدىم .ھەقىقەتەن ئەلى مۇئەللىم ئاتتىنمۇ ئۈزەڭگىدىنمۇ چۇشۇپ باشقىلارغا جۇملىدىن قومۇللۇقلارغا ئاتتىن چۇشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۇشمەيۋاتقان ھالەتلىرىگە سەمىمى بىر دەرىس بەردى. گەپ ئارلىقىدا  تۇكۇرۇش ، ئورۇق ۋىجىك بولۇش ،  قولتۇقتىكى تەر پۇرىقى ،كىچىك تەرەت چوڭ تەرەت قىلىش . ۋە تەرەتخانىدا ئاڭلىغان ئۆزىنىڭ غەيۋىتى  ، بۇرۇننىڭ تۇكى دىگەندەك مىساللىرى بىزنى تەجرىبىلەر قويىنىدىكى كبىرى ھالەتلىرىمىزدىن چىن ئىنسانلىق ھالەتلىرىمىزگە قايتۇرۇپ ئويلاتقۇزىدۇ . بۇ نۇقتىدا ئەلى مۇئەللىم ھەقىقەتەن كەڭتاشا ھالەتتە ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئاڭلىغۇچىلارغا تەبئى ئىنسانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسىمىزگە سالدى .
ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزدىكى ئۆزىنى چوڭ بىلگەنگە چوڭ كۆرسۇتۇش دىگەن پىرىنسىپكە قارىغاندا ئەلى مۇئەللىم ئۆزىنى چوڭ بىلگەنلەرگە ئەكىسچە ئۆزىنىڭمۇ پۇتۇنلەي ئادەتتكى نورمالنى ئىنسانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ نەق مەيداندا ئۈلگە ئالغىلى بولدىغان شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلىدى .
ئۆزىنى مازاق قىلىشتىن ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىشىدىن قورقۇپ بۇرۇنقى تىكلىۋالغان رامكا سۆلەت جاھازىلىرىدىن ۋاز كىچەلمەي تور دۇنياسىغا كىرىشكە پېتىنالمايۋاتقان  ئۇيغۇرنىڭ چوڭلىرىغا روشەن سېلىشتۇرما ھالەتتە ، ئۆزىنى ئاشكارا سورۇنلاردا قويۇق سۇيۇق مازاق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ھەممە كەچۇرمىشلىرىگە باتۇرلۇق بىلەن يۇزلىنىپ  بىزگە قەتئى ئىككىلەنمەي دادىسنىڭ ھاراقكەشلىكى ..................قاتارلىق رەڭسىز كەچۇرمىشلىرىنى دادىلىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ بىزنى ئەڭ تەبئى ئىنسانى تۇيغۇلارغا چاقىرىپ ئاڭلىغۇچى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى روھى ئارلىقنى ئەڭ يوقۇرى چەكتە قىسقارتتى .خۇددى بۇ گۇي بىزنىڭ ئويلىرىمىزنى بىلىۋالغاندەكلا ، بىزنىڭ قىسىنچىلىقلىرىمىزنى ،بىزنىڭ باشقىلارغا دەپ بىرەلمەيدىغان لېكىن  بىزنى توختاۋسىز ئازاپلايدىغان ئاشۇ كەچۇرمىشلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ يوغان كۆزلىرى بىلەن كۆرۇپ تۇرغاندەكلا ...موشۇ پىسخىلۇگ دىگەندىن ھېزى بولمسىاق بولمايدۇ جۇما ..........................................................

5. ئەلى مۇئەللىم دەيدۇ ئۆتمۇشتىكى رەڭسىز كەچۇرمىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كىتىڭ .ئەمدى ئۇنتۇپ كىتىڭ دىگەنگە ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ ، ئادەم دىگەن ھامان گۆشتىن پۇتكەن نەرسىدە ، لېكىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشىساق ياشىيالىساق ھوزۇر لەززەت ئالالىساق ئۇ ھالدا ئۆتمۇشنى ئەسلەشكە چولا تەگمەيدۇ ، ياكى ئىنتايىن ئاز تىگىدىغان  بولىدۇ . كەلگۇسىدىن خەۋىپىسرەش نىم بولا دەپ غەم يىيىشىنى چىرايلىرىنى ھەر قىسما قىلىپ تۇرۇپ چۇشەندۇرۇدى ،قەيسەر ھەبىبۇللا ياكى رەھىم قاننى ئەسلەپمۇ قالىدۇ كىشى .
مەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ بۇ قاراشلىرىغا بەك ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم .چۇنكى مەندە تەغدىر گە ئىمان ئېيتىش دىگەن ئاجايىپ بىر ھوزۇر بار ،ئەلۋەتتە مېنىڭ تەغدىرگە ئىمان ئىيتىشىم ھېلقى سوكەل يازغۇچىلارنىڭ  تەغدىرگە يۆلىنىۋېلىش دەيدىغان ئويدۇرمىسغا پۇتۇنلەي ئوخشىمايدىغان بىر گەپ ، مېنىڭ تەغدىر قاراشلىرىمدا ئارقامغا قارىسام تەغدىر دەيمەن ، ئالدىمغا قارىسام تەۋەككۇل دەيمەن .يۇز بىرىش ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھقا يۇزلىنىمەن ھەم تەۋەككۇل قىلىمەن . بۇنىڭدىن پەيدا بولغان خاتىرجەملىكنى سىلەر ئۆز بېشىڭلاردىن ئۆتكۇزمىگۇچە ھىس قىلالمايسىلەر ،  دىمەك مېنىڭ تەغدىرگە ئىمان ئېيتىشىم مېنىڭ ھوزۇر بەخىتلىرىم قاتارىدا سانايمەن . بۇرۇنمۇ ئەلھەمدۇلىللا تەغدىرگە ئىشىنىمەن دەيتتىم  .ئەمما ھازىر تەغدىر توغۇرسىدىكى چۇشەنچىلىرىمنى ئۆز تۇرمىشىمغا سىڭدۇرۋەتىپ بارىمەن . ئاللاھقا مىڭ قەتلە شۇكرى .

6.ئەلى مۇئەللىم يەنە دۇئا توغۇرسىدا توختالدى ، مەن ئىسلام توغۇرسىدىكى بىلىملىرىم بىلەن بۇ گۇينىڭ دۇئا توغۇرسىدىكى قاراشلىرىنى خاتاغا چىقىرالمىدىم .ئۇ بىر قىسىم ئىسلامى قېرىنداشلىرىمىزدىكى شەكىلۋاز قىلمىشلارنى ھارغىچە مازاق قىلۋالدى . شۇنداق دۇئا قەلىپتىن چىقىشى كېرەك ، دۇئا كىچە كۇندۇز بولۇشى كېرەك . ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھەقىقەتەن خاتا ئەمەس . ئەلۋەتتە ھېلقى ئەكسى بويىچە تىلەش دىگەن سۆزى ماڭا بەك يېقىپ كەتمىدى .
(سۇلايمان بولدى دىدى ، ئەمما بايلىقى ئېشىۋەردى دىگەندەك ) ئەمىليەتتە سۇلايمان پەيغەمبىرىمىز بۇ دۇنيادا ھېچكىمگە بەرمىگەن پادىشاھلىقنى سورىغان )

7.ئەلى مۇئەللىم قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئانچە مۇنچە مىسال كەلتۇردى ، قارىغاندا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسىنى ئۆز مەقسىتى ئۇچۇن ئىشلىتىشنى  بۇياقمۇ بىلۋاپتۇ ، ئىلگىرى كەلگەن ئابدۇراخمان ئەۋىف ئەپەندىمۇ ئاشۇنداق مىسال كەلتۇرگەن . ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىن ئۈزۇندە ئېلىپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئاقتۇرۇشى ماڭا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزىم ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇش دىگەن شۇئارنى ئەسلىتىپ قويدى .


9

تېما

5

دوست

6373

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 16:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ تەسىرات خاراكتېرىدىكى يازمىڭىزدا بەزى زېتلىقلار باردەك كۆرۈندى . مەسىلەن سىز ئالدىنقى بۆلەكتە سۈرە فاتېھەنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىنى سۆزلەپسىزيۇ ئەلى مۇئەللىمنىڭ قۇرئان ، ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرىشىنى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خېزمەت قىلدۇرغانلىق دەپسىز . مەن ئۇ لېىكسىيەنى ئاڭلىمىغاندىكىن قايسى تېمىغا نەقىل كەلتۈرگىنىنى ئۇقمايمەن ئەمما بۇرۇنقى لېكسىيەلىرىدە دىنى چۈشەنچىلەرنى ھازىرقى زامان تىلى بىلەن شەرھىلىگەنلىكىنى كۆرگەن . ئەگەر بۇ خاتا بولسا سوتسىيالىزىممۇ ، پىسخىكىمۇ ياكى مەن بىلەن سىزمۇ نەقىل كەلتۈرسەك خاتا بولغان بولامدۇ قانداق ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30143
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 16:51:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان... بەك تەسىر قىلدى...

0

تېما

1

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30143
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 16:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7. كۆز قارىشىڭىز بەلكى كۆرەلمەسلىك بولسا كېرەك...

0

تېما

0

دوست

193

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31337
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 17:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرئان كەرىم ياكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈزىنى بىرەر ئىشتا نەقىل كەلتۈرۈشتە چوقۇم شۇ كىشىنىڭ (نەقىل كەلتۈرگۈچىنىڭ) مەلۇم ئاساسى بار بولىشى مۇمكىن، بولمىسا ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۆزى بىلەن ئويناشقان بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە توغرىسىنى تاللاپ ھەزىم قىلىپ چۈشنىش كىرەك .ئەلبەتتە.

0

تېما

0

دوست

193

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   64.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31337
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 17:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ھەممىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن ، قۇرئانى كەرىم بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىغا تەرجىمە قىلنىشتىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن باشقا تىللاردا تەرجىمە قىلىنغان . شۇڭا گەرچە مەن ئېلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىمىغان بولساممۇ ، مۇئەللىم چوقۇم توغرا چۈشەنچىدە سۆزلەيدۇ دەپ قارايمەن.
دىننى سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھازىرقى باي-باياشات . تىنىچ-ئامان ۋەزىيەتتە ئارتۇقچە ئەمەس . مىنىڭچە دىن بىلەن پەن بىر - بىرىنى تولۇقلاپ مېڭىشى زۈرۈر دەپ قارايمەن.

2

تېما

69

دوست

6665

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2002
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 18:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زىرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 01:10  
پىنھانى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 17:36
بەلكىم ھەممىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن ، قۇرئانى كەرىم بىزن ...


   پەن ئىسلام دىنىنى تولۇقلىمايدۇ بەلكى تەستىقلايدۇ.ئىسلام دىنى پەننى توغۇرلايدۇ.پەن دۇنيانىڭ ئىلىمى بولسا ئىسلام دىنى ھەقنىڭ ئىلىمى.ئىسلام دىنىنى ۋە پەننى ھەقىقى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالايمىقان يەكۈن چىقارماڭ.ھازىرقى ۋەزىيەت دەل سىزدەك تەپەككۇر قىلغانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن كىلىپ چىققان.زىتىڭىزغا تەگكەن بولسام كەچۈرۈڭ توغرا گەپ ئادەمكە كالتەكتىنمۇ ئۆتە تۇيۇلىدۇ ئەمەسمۇ.

2

تېما

69

دوست

6665

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2002
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 18:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئەلى مۇئەللىمگە بىز باھا بىرەلمەيمىز چۈنكى بىز پىسخىكا مۇتەخەسسىسى ئەمەس .ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئىلمىگە ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن پىسخىكشۇناسلار باھا بەرسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )