- تىزىملاتقان
- 2013-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 376
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
ئۆسۈش
  38%
|
razwitqik0908 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-20 13:01 
وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ آمِنُوا كَمَا آمَنَ النَّاسُ قَ ...
ئەلى مۇئەللىم ئالغان نەقىل :
سۈرە بەقەرنىڭ 14-ئايىتىدە " بىز ئۇلارنى سەمىمىي بولۇڭلا، ياخشى ئادەم بولۇڭلا دېدۇق ، بىراق ئۇلا بىز ئۇنداق قىلساق ئەخمەققە ئوخشاپ قاممامدۇق دېدى. ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق ، بىراق ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ" دېدى
سۈرە بەقەرنىڭ 14-ئايىتى مانا مۇنداق :
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىدۇ، شاياتۇنلىرى (يەنى مۇناپىق كاتتىباشلىرى) بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا «بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز، پەقەت (تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ) مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەيدۇ (14)
لېكىن سۈرە بەقەرنىڭ 13-ئايىتىدە مۇنداق دەپ بار
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَـٰنِ ٱلرَّحِيمِ
ئۇلارغا (يەنى مۇناپىقلارغا): «ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك (يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن) ئىمان ئېيتىڭلار» دېيىلسە، «بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟» دەيدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر، لېكىن (بۇنى) ئۇلار تۇيمايدۇ (13)
مەن ئەلى مالىمنىڭ " مەن ئۆزۈم تاماكا چېكىمەن" دېگەن ۋاقىتتا مالىمنىڭ پىسخىكىسىدىن سەل گۇمانلانغان . ئادەتتە ھەدىسكە بىر ئېغىز گەپ ئارتۇق ياكى كام بوپ قالسا ئۇ ھەدىس سەھىھ يەنى توغرا بولماي قالىدۇ . قۇرئان كەرىمگە نىسبەتەن گەرچە مالىمنىڭ ئېيتقانلىرى يامان ئىش قىلىڭلار دېمەي سەمىمىي بولۇشقا ئۈندىسىمۇ لېكىن بۇ دېگەن قۇرئان كەرىم ، ئاللاھنىڭ سۆزى، ئىنسان ئۆزى توغرا دەپ قارىغان بىر ئېغىز سۆزى سەۋەبلىك قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىكار بوپ كېتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ . |
|