- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 4004239
- نادىر
- 5
- يازما
- 54
ئۆسۈش
100%
|
مۇنبىرىمىزدىن زىرەك ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپتىكەن .پىكىرنىڭ چېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنكاس شەكىلدە يۆتكەلدى
تىما ئىگىسىنىڭ سۆزلىرى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىشداشلار .
تۈنۈگۈن tohotur نىڭ ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيەسى توغۇرسىدىكى تېمىسىنى ئوقۇدۇم ھەم بۇ تېمىنى چوقۇم ئەلى قۇربان ئۆزى كۆرمىسە نۇرغۇن مەسىلىلەر يەنە ئوخشاش ( نىمىشقا ؟ ) پېتى قېلىۋېرىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇ تېمىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتتىم ، ھەم ئىزدىنىشتىكى ئەزالارنىڭ ئۇنى ئىزدىنىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ، پىسخولوگىيە كەسپى تەرەپتىن مۇنبەرداشلارنىڭ نۇرغۇن تېما ئۈستىدە مۇنازىرلەشكىسى بارلىقىنى يەتكۈزدۈم ، ئەلى قۇربان مۇئەللىممۇ بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدى ، ھەم ئۆزىنىڭ سەل ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق شەخىسلەرنىڭ شۇنچە ئالدىراش ۋاقتىنى قانداق ئاجىرتىپ بىز ئۈچۈن ياخشى مەزمۇنلارنى يەتكۈزىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۇنى خىجىل قىلىپ تۇرىۋالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ شۇنداق قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ، ئالدى بىلەن tohotur نىڭ يازمىسىغا جاۋابىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى .
ئادەتتە ئەلى مۇئەللىمنىڭ پىكىر قىلىشى بەكلا غەلىتە ، ماڭا نۇرغۇن ئۇچۇرنى ئەۋەتتى ، مەن مەزمۇنىنى بىرەقۇر ئوقۇپ نۇرغۇن پىكىرلىرىنى شەخسەن قۇبۇل قىلالمىدىم ، ئەسلى شۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يېزىشنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا مەزمۇننى قىسقىچە قىلىپ مۇنبەرداشلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىمنى ئېيتسام ئۇ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىمنى ، ھەمدە مەيلى قوبۇل قىلسۇن قىلمىسۇن دىگەن گېپىنى تولۇق يەتكۈزىشىمنى ، بەلكىم سۆزلىرىنىڭ پايدىسى بوپقالىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئايرىم چۈشەندۈرۈش بېرىش بىلەن بىرگە مەنمۇ مەزمۇننى تولۇق يەتكۈزمەكچى .
ئەلى مۇئەللىمنىڭ جاۋاپ خىتى:
ئەلى قۇربان : بۇ كىشى زىيالىكەن ، ئايەت - ھەدىسلەرنى خېلى پىششىق بىلىدىكەن ، ئۆزىنى باشقىلار چۈشەنمىگەننى چۈشىنىمەن دەپ بىلىدىكەن ، بىراق ئۇ ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ . ئۇنىڭ كاللىسىدا مېنىڭ ئۇ سۆزلەرنى دىيىشىم خاتا ، ئۇ سۆزلەرنى چوقۇم ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئادەملەرلا دىسە بولىدۇ ...
بەزى ئادەملەر خۇدانى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسا ئۆزى شۇنداق بولىۋالىدۇ . دىن دىگەن بىر ئىلاھى قانۇن ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭى ئىلاھى قانۇنىيەت . قانۇنىيەتنى بىلمەي قانۇنغا ئېسىلىۋالغان ئادەملەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى تەرەققىياتتىن توسىدۇ . ئۇلار پەقەت ( مۇنداق دىگەن ئۇنداق ) دىگەننىلا بىلىدۇ ، ( نېمىشقا ئۇنداق ؟ ) دىگەننى بىلمەيدۇ . ئۇلار پەقەت تىرىشىپ - تىرمىشىپ مۇسۇلمان بولىۋالىدۇ يۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىگىگە ئىشىنەلمەيۋاتىدۇ . ئۇلار توغرىنى چۈشەنمەيلا توغرا دەپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئېزىپ كېتىپبارىدۇ .
مېنى ئۇ پىسخولوگنىڭ بۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى مۇمكىنمۇ ؟ دەپ قارايدۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ساۋاتسىز دىيىشى مۇمكىن . ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلگىنى راس ، شۇڭا ئۇنى ئوقۇشنىڭ، ئىشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق . بىراق قۇرئاننىڭ ھەقلىقىدە شەك يوق . بىراق ، يەنە بىر قېتىم بىراق بۇ ھەقنى چۈشەنمەسلىك ئوخشاشلا ئۆزگەرتىپ ئوقۇغانلىققا باراۋەر .
ئىلىم - پەننى بىلمەي تۇرۇپ ، بىلىم چېكىگە يەتمەي تۇرۇپ ، ئىلاھى قانۇنىيەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ سېنىڭ ئۇ گۆش يۈرۈكۈڭ قانداقمۇ ئازادە بولىدۇ ؟ ئادەم ئۆزى چۈشەنگەننى توغرا دەيدۇ ، ئۆزى چۈشەنمىگەننى بولسا خاتا دەيدۇ . ئەمەلىيەتتە سەن خاتا دىگەننىمۇ خۇدا ياراتقان ، ئاشۇنىڭدىمۇ بىر ھېكمەت بار ، سەن ھېكمەت بار دىيىشنى بىلىسەن يۇ ئىشەنمەيسەن . سەن بۇ تاۋۇز بەك تەملىككەن دىيىشنى بىلىسەن ، باشقىلارغا شۇنداق دەيسەن ، ھەممە يەردە بۇ تاۋۇز تاتلىق دەپ داۋراڭ سالىسەن، ئەمما سەن تاۋۇزنىڭ زادى قانچىلىك تاتلىقلىقىنى بىلمەيسەن. قىسقىسى سەن خەلقپەرۋەر بولىۋالما، مىللەتپەرۋەر بولىۋالما، يا تاۋۇزنى يا ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇر .
ساڭا مەن قەلەم قۇۋۋىتى ئەمەس تەپەككۈر قۇۋۋىتى تىلەيمەن . سېنىڭ يېشىڭ قانچە ياش بولىشىدىن قەتتىنەزەر سەن مەندىن يەنە 300 يىل كىچىك . مېنى چۈشەندۈرمە ، باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قويۇپبەر . سەن پەقەت مەن ئەمەس قىسمىمنىلا بىلىسەن . سەن مېنى چۈشەندۈرۈپبېرەلمىسەڭ ئۆزۈڭ ئېتقاد قىلغان خۇدا نى قانداقمۇ چۈشەندۈرىسەن ؟ سەن يېزىشنى تاشلا ئاڭلاشنى باشلا ، كۆپ ئاڭلا ، بىر كۈنلەردە قولۇڭ ئۆزلىكىدىن يازىدۇ ، ئويلانمايلا يازىدۇ . ئەگەر سېنىڭ يازغانلىرىڭ بەش سېكونتلۇق ئويدىن كېيىن كەلگەن بولسا سېنىڭ يازمىلىرڭغا مەقسەت ئارلاشتى دەيمىز . سەن مېنىڭ خاتا بولىشىمنى ئۈمىد قىلىسەن ، ئەتراپتىن خاتالارنى ئىزدەيسەن ، ئاڭسىز ھالدا شۇنداق قىلىسەن . ياق ، ئېزىپ كەتتىڭ . ئازماسلىقىڭ ئۈچۈن ھۆكۈم قىلما ، پەقەت كۈزەت . مېنىڭ گەپلىرىمنى سەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ، ھازىرچە قايىل بولىدىغان ئۇستازلىرىڭغا ئاپار ، ئۇلار ئويلاشسۇن ، ھەم ساڭا جاۋاب بەرسۇن .
سەن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللان ، كىشىلەرگە ھوزۇر بەرگىن ، لېكىن خاتا - توغرا بىلەن ھەپىلەشمە ، سەن ئايرىپ بېرەلمەيسەن .
ئامىن \
تىما ئىگىسىنىڭ ئاخىرقى سۆزى:
گەپ تۈگىدى ، ئەلچىگە ئۆلۈم يوق . يۇقارقى مەزمۇن توغۇرلۇق گەپ - سۆزلەر بولسا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ ، مەن ۋاقتىمنىڭ يار بەرگىنىچە يەتكۈزىمەن .
ئەسكەرتىش : مەزمۇندىكى ھەر - بىر ( سەن ) سۆزى ئۇنىڭ مۇلاھىزە ئادىتى بولۇپ ، ھېچقانداق شەخس بىلەن مۇناسىۋەتسىز . ئوقۇشماسلىق بولمىغاي!
مەنبە:ئىزدىنىش تورى تىما ئىگىسى :asalam
|
|